قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 30- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون

 

ۋەھىمىلىك ھىكايە 30- قىسىم

 ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

 ئۆي ئىچى بەك غەلىتە بولۇپ ، ئىككى تەرپىدە ئىككى تام ، ئوتتۇرسىدا يول بولۇپ يولنىڭ ئون ماڭدام نېرىسىدا بىر ئىشىك كۆرۈنۈپ تۇراتتى ، ئۈستى تەرپىمۇ بەك ئىگىزمۇ ئەمەس بولۇپ، يولنىڭ ئۈستىنىدە كاتەكچە - كاتەكچە قىلىپ كەڭلىگىگە تۆتتىن تاش يېيىتىلغان ، تاش ئۈستىدە ئاجايىپ - غارايىپ ھايۋانلارنىڭ رەسىمى ئويۇلغان ئىدى.

- ماڭايلى ،- سەمەت شۇنداق دەپلا ئۆينىڭ ئىچىگە پۇتىنى سېلىپ يەرنى دەسسىشىگە، ئۇ دەسسىگەن يەر مىدىراپ تامنىڭ ئىچىدىنلا بىر ئوقيا ئوقى ئۇچۇپ كىلىپ ئۇنىڭ پۇتىغىلا قادالدى ، سەمەت «ۋايجان » دەپ ۋاقىرىدى تايىر بىلەن تۇرغۇن تىزلىك بىلەن ئۇنى تارتىپ چىقىرىشىغا نەچچە ئوقيا ئوقى ئىشىك بوسۇغىسىغا تىگىپ قاققىپ چۈشتى . سەمەت ئاغرىققا چىدىيالماي ۋاقىراۋاتاتتى ، ئوق قادالغان جاي بىردەمدىلا قانغا بويالدى ، تايىر چاپىنىنى سېلىپلا يېرىتىپ ئۇنىڭ پۇتىغا باستى ، تۇرغۇن ئوقنىڭ قادالغان يىرىنى مۇقۇمداپ :

- خۇداغا شۈكرى ئاداش ، ئوق ھېلىمۇ ئۇستىخىنىڭغا قادىلىۋالماپتۇ ،- دىدى - دە ئىسكەندەرگە سەمەتنىڭ كەينىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇشنى، تايىرغا پۇتىنى بېسىپ تۇرۇشنى بۇيرىدى، ئۇلار سەمەتنى چىڭ تۇتىۋېلىشتى.، تۇرغۇن سەمەتنى ۋاقىرتىپ يۈرۈپ ئوقنى سۇغۇرۋالدى. گۈزەلنۇر جاراھەتنى تاڭدى.

 - ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟- دىدى تايىر سەمەت بىرئاز تېچلانغاندىن كىيىن.

 - مېنىڭچە ،- دىدى تۇرغۇن ئويلانغاچ،- بۇ يەرگە يېيىتىلغان تاش ئىچىدە توزاقمۇ بار ، بىخەتەر يولمۇ بار ، پەقەت ئايرىيمىز دىسەك خەرىتە بولسا بولاتتى ،ھازىر بىز يا تاش ئۈستىدىكى رەسىملەرنى چۈشەنمىسەك ، مېنىڭمۇ بېشىم قاتتى. ئۇلار قىيىن مەسىلىگە دۈچ كەلگەن ئىدى .

- مېنىڭچە ،- دىدى تايىر ،- بىز بۇ يولدىكى بىخەتەر يولنى تاپىمىز دىسەك يول ئۈستىدە بىرەر نەرسىنى دۇمۇلتايلى ،ياكى بىرەر نەرسىنى تاشلايلى، يوشۇرۇن قورال ، ياكى خەۋىپ بولسا ئۆزىنى ئاشكارلايدۇ ، شۇنىڭغا قاراپ ماڭمامدۇق.

 ئۇلارمۇ بۇ ئامالغا قوشۇلۇشتى ، ئەمىلىيەتتىمۇ شۇنداق قىلماقتىن باشقىچە چارە يوق ئىدى .

 - دۇمىلاتقىدەك نەرسىنى نەدىنمۇ تاپارمىز ، ئەڭ ياخشىسى تاملاردىن بۇزۇپ تاش پارچىسى تاشلاپ سىناپ باقايلى ،- دىدى ئىسكەندەر .

 شۇنداق قىلىپ ئۇلار تاش ئېلىپ كىلىپ ئىشىك ئالدىغا دۆۋلەشتى .

 -باشلامدۇق ،- دىدى تۇرغۇن تايىرغا .

تايىر بېشىنى لېڭشىتى ، ئۇلار ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپلا بىرىنجى قۇرغا تاشلاشتى، بىرىنجى كاتەكچىگە تاشلىدى ، ئىنكاس بولمىدى .

- بىخەتەر يول ،- دىدى تۇرغۇن ،- گۈزەلنۇر سىز يەرگە بولسىمۇ خاتىرلەڭ .

 ئۇلار ئىككىنجى قۇرغا بىردىن تاشلاشقا باشلىدى ، توزاققا تاش چۈشۈشىگە يەنە ئوقيا ئوقلىرى ۋىژىلداپ شۇ تەرەپكە چۈشۈشكە باشلىدى ،ئۇلار ئۇنىڭمۇ بىخەتەر ئورنىنى تېپىشتى، ئۈچۈنجى قۇر تاشقا كەلگەندە تاش يولغا چۈشىشىگە يەر ئاستىدىن تۈشۈك ئېچىلىپ قاتار نەيزىلەر ئۈستىگە ئېتىنلىپلا چىقىشتى .

 - نىمانداق خەتەرلىك ،- دەۋەتتى گۈزەلنۇر ، - بۇ يەرگە كىرگەن بىرەر جانمۇ ئامان قالمىغۇدەك .

ئۇلار سىناپ بىخەتەر يولنى بىردىن - بىردىن تېپىۋاتاتتى ، بەزى تۇيۇق يوللاردىن ئوت پۈركەلسە ، بەزىلەردىن پىچاقلار ئۇچۇپ چىقاتتى ، بەزىلەردىن يۇمىلاق ھەرە چىشىدەك جان ئالغۇچى قوراللار پىقىراپ چىقسا ، بەزىلىرى بېسىلسا تام قىستاپ كىلىپ شەمشەرلەر چىقاتتى .

- بولدى بىخەتەر يول تېپىلدى ،- دىدى تۇرغۇن خوش بولۇپ .

 ئۇلار گۈزەلنۇرنىڭ خاتىرلىۋالغان بىخەتەر يول بەلگىلىرى بويىچە سەمەتنى يۆلەشتۈرۈپ ئالدىدىكى ئىشىككە بېرىشتى . ئىشىك كەڭلىگى ئىككى مىتىر، ئىگىزلىگى ئىككى مىتىردەك كىلىدىغان تاش ئىشىك بولۇپ، تۈمەن توننا كىلىدىغاندەك مەزمۇت تۇراتتى .

 - بۇنىڭ قۇلۇپى قەيەردە بولغىيتتى ،- دىدى ئىسكەندەر ئەتراپنى تەكشۈرەپ بېقىپ .

ئۇلار ئەتراپتىن قۇلۇپ ئىزدەۋېتىپ يان تەرەپتىكى تامنى ئىتىرىپ باقتى ، دەل شۇ چاغدا شۇ تامدىكى كىچىك بىر تاش مىدىراپ كىتىۋېدى ئۇلار قىزىقىپ ئۇنى ئېلىشقا كۈچەپ باقتى ، لېكىن ئېلىنماي پىقىراپ كەتتى ، ئۇ پىقىرىشىغا «غار» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىشىك ئالدى يەردىن بىر تۈشۈك ئېچىلىپ تۈشۈكتىن تۆۋرۈك شەكىللىك بىر تاش بىر مىتىر ئىگىزلىككە كۆتۈرلۈپ چىقىپ توختىدى. ئۇلار بۇ مۆجىزىلەردىن ھەيران بولۇپ تۇرغىنىدا تايىرنىڭ كۆزى تۆۋرۈك تاش ئۈستىدىكى شەكىلگە چۈشتى ، شەكىل ئويمان كەلگەن بۆرە شەكىلىدە ئىدى .

 - تىز ئاچقۇچ ، قۇلۇپنى تېپىپتىمىز ،- دىدى ئۇ خۇش بولۇپ.

 ئاچقۇچ ھېلقى ئورۇنغا قويۇلىۋېدى ، تاش تۆۋرۈك يەنە جايىغا قايىتتى - دە غارقىراپ ئىشىك ئېچىلدى . ئەمدى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا بولغىنى بىر يۇغان ساراي بولدى ، ساراي ئىچى يوپيورۇق بولۇپ ئوتتۇرسىدا ئەجىدىھا چىرمىغان بىر مىتىر ئىگىزلىكتىكى مەرمەر تۆۋرۈك ئۈستىدە مۇشتەك بىر گۈھەر ئۆينى يورۇتۇپ تۇراتتى ،گۈھەرنىڭ ئىككى تەرپى يول يولنىڭ ئىككى تەرەپىدە قاتار كەتكەن يۇغان ھەيكەللەر بولۇپ ، بەزىلىرىنىڭ ئىگىزلىگى ئۈچ مىتىردىن كەم ئەمەس ئىدى، ئۇلارنىڭ تۇرقى بەزىسى ئىت باش ئادەمگە ، بەزىلىرى كالا باشلىق ئادەم بەدەن ، تۆگە پۇتلۇق مەخلۇققا بەزىلىرى يۇغان كۆزەينەكلىك يىلانغا ، بەزىسى كالىدەك چوڭلۇقتىكى مۈشۈككە ، بەزىسى ئۈچ باشلىق ئايال شەكىللەردە ياسالغانتى،ئۇلار خۇددى قارۇۋۇللاردەك يولغا ۋەھشىيلىك بىلەن خىرس قىلىپ قاراپ تۇراتتى،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تۆمۈر قوراللارنى تۇتۇپ تۇراتتى، ھەيكەللەرنىڭ نېرىقى تەرپىدە يەنە بىر ئىشىك كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇلار سەمەتنىڭ ساۋىقىنى ئىسىدىن چىقارمىغاچقا ئۆيگە كىرگۈچە ئىھتىيات قىلىشتى ، دەسلەپتە تايىر نەيزە بىلەن ئىشىك ئالدىدىكى يوللارنى تەكشۈرەپ باقتى ، ئىنكاس بولمىغاندىن كىيىنلا ئۇلار سارايغا كىرىشتى .

 - بۇ يەردە قانداق خەتەر باردۇ ئەمدى ؟- دىدى سەمەت ئاسقاقلاپ مېڭىۋېتىپ ،- ماڭا بىر خىل ۋەھىمە تۇيۇلۋاتىدۇ .

- دىققەت قىلايلى ،- دىدى تايىرمۇ ،- ھەر ۋاقىت جان ئالغۇچى ھۇجۇملارغا ئۇچۇرشىمىز مۇمكىن .

 ئالدىدا تايىر نەيزە بىلەن يولنى تەكشۈرەپ ماڭدى ، كەينىدىن باشقىلار ئاۋايلاپ كىتىۋاتاتتى .

- ئاۋۇ ھەيكەللەرنىڭ قولىدىكى قوراللارنى ئېلىۋالايلىمۇ ، ئۆزىمىزنى قوغداشقا قولىمىزدا ھېچقانداق نەرسە قالمىدى ،- دىدى تۇرغۇن بىردىنلا .

- ئۇلار بەك چوڭمۇ قانداق ؟- دىدى گۈزەلنۇر كۈلۈپ ،- سىزنى بىسىۋالارمىكىن .

- ئىشقىلىپ كۆتەرگۈدەكنى بولسىمۇ ئېلىۋالايلى . تۇرغۇن يېقىن بېرىپ قورالنى تۇتۇپلا نىيىتىدىن ياندى : - راس بەكلا يۇغانكەن. ئۇلار ساراينىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە ھەممىسىلا گۈھەردىن كۆزىنى ئۆزەلمەي قالدى ، قارىغانچە گۈھەرنى تۇتۇپ باققۇسى كەلدى ،ئاجايىپ بىر سېھىر ئۇلارنى ئۇنىڭغا مەپتۇن قىلىۋاتقاندەكلا ئىدى .

 - تۇتۇپ باقسام بولامدۇ ؟- دىدى گۈزەلنۇر ئۆزىنى تۇتالماي ،- ئۇ نىمە دىگەن گۈزەل ، خۇددى ئاسماندىكى ئايدەكلا بىلىنىۋاتىدۇ .

 - ئۇنىڭغا تەگمەيلى ،- دىدى تايىر ،- ھەممە نەرسىدىن ئىھتىيات قىلمىساق بولمايدۇ ،- ئۇ شۇنداق دىگىنى بىلەن ئۆزىنى تۇتالمايۋاتاتتى ، ئۇنى غايىبانە بىر كۈچ گۈھەرنىڭ يېنىغا سۆرەيتتى ،- مەيلى ھەربىرىمىز بىر قېتىمدىن تۇتۇپ باقايلى .

 تايىر گېپىنى تۈگۈتۈپلا ئالمان - تالمان گۈھەرنى ئالدى ، گۈھەر ئېلىنىشىغا ئۇ تۇرغان جايدىن كۆكۈش ئىس چىقىپ سوزۇلۇپ ئۇچقىنىچە ھەيكەللەرنى ئايلىنىپلا يوقىدى، ئۇلار بۇ ئىشتىن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ تۇرغىنىدا ھەيكەللەر جان كىرگەندەك تاراق - تۇرۇق قىلىپلا ئورۇنلىرىدىن مىدىراشقا باشلىدى .

 - ۋاي خۇدا نىمە ئىش بۇ ،- تايىر شۇنداق دەپلا تىزدىن گۈھەرنى جايىغا قويدى.

 لېكىن ھەيكەللەر ۋەھشى مەخلۇقلاردەك ئالىقاچان بۇلارغا ھۇجۇم باشلاشقا تەييارلىنىپ بولغان ئىدى ، ئۇلار بولسا قورقۇنۇچلۇق چۈش كۆرىۋاتقاندەك ھەيكەللەرنىڭ ھەركەتلىرىگە قاراپ كۆزلىرى چەكچىيىپلا قالغانتى.  ئۇشتۇمتۇت «ۋىژ» قىلغان ئاۋاز بىلەن ئىت باش ھەيكەلنىڭ ئاتقان پالتىسى ئۇلار تەرەپكە قاراپ ئۇچتى ،ئۇلار شۇنداق تىزلىك بىلەن ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىۋىدى پالتا يەرگە چۈشۈپ تاشتىن ئوت چاقنىتىۋەتتى، بۇ قورقۇنۇچلۇق زەربىدىن گۈزەلنۇر « ئاپااا » دەپ ۋاقىرۋەتتى .

- تىز ئۆزىمىزنى دالدىغا ئالايلى ،- تايىر ۋاقىرغاچ نەيزە بىلەن مۇداپىيەدە تۇردى ، باشقىلار ھەيكەللەر ئارسىدىن قېچىپ بوشلۇققا چىقىۋېلىشتى . ئۈچ باشلىق ئايال ھەيكەل كىلىپ ئۇلارنى تۇتۇشقا چاڭگال سالدى ، تۇرغۇن بىلەن تايىر سەمەتنى يۆلەپ يەنە بىر تەرەپكە ، ئىسكەندەر يەنە بىر تەرەپكە قاچتى، گۈزەلنۇر قورقۇپ قاچالماي بېشىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۋالدى، تەلىيىگە ھەيكەل ئۇنى كۆرمىدى ، يۇغان مۈشۈك ئىسكەندەرگە ئېتلدى، ئۇ جاننى ئېلىپ قېچىپ كالا باش مەخلۇقنىڭ كەينىگە ئۆتتى، كالا باش مەخلۇق ئىگىشىپ ئۇنى ئۇسماقچى بولىۋېدى. ئىسكەندەر ئۇنىڭ چاتىرغىدىن ئۆتىۋالدى ، لېكىن مۈشۈك ئۇدۇل كىلىپ ، ئۇ يۇغان مۇڭگۈزلار مۈشۈكنىڭ قۇرسۇقىغا كىردى-دە مۈشۈك چېقىلىپ بىر دۆۋە ساپالغا ئايلاندى . ئۈچ باشلىق ئايال تايىرلارغا قاراپ ئېتىلدى ، تايىرلار ئۇياق - بۇياققا قېچىپ باقتى ، لېكىن ئايال ھەيكەلنىڭ بېشى ئايلىنىپ كۆرىۋەرگەچكە قۇتۇلالمىدى. ئايال ھەيكەل يۇغان پۇتى بىلەن ئۇلارنى دەسىمەكچى بولغاندا تايىر قورقۇنىچلىقتا نەيزىنى سانجىدى ، نەيزە تىرىڭ قىلغان ئاۋازدا ساپالدىن تېيىلغاندەك بولدى، لېكىن ھەيكەلنىڭ سېھرى يوقاپ قېتىپ قالدى. ئۇلار ئەمدى ئۆزىنى ئوڭشىغىچە يىلان ھەركەتلىرى قوپال ھالدا يىتىپ كەلدى ، ئۇنىڭدىن باشقا گىگانىت بىر ھەيكەل قېلىچ بىلەن ئىسكەندەرنى قوغلاشقا باشلىغان ئىدى ، ئىسكەندەر قېچىپ ئەمدى قۇتۇلىشىغا يەنە بىر بۆرە باش ئادەم ئېتىلىندى ، ساراي ئىچى ۋاقىراپ قېچىش ھەم ھەيكەللەرنىڭ كۈچەپ قېلىچ ، توخماق ئۇرۇشلىرى بىلەن ئۆرە - توپە ئىدى ،يىلان تۇيۇقسىز ماڭالمايۋاتقان سەمەتنى بىر چۆگىلەپلا ئارىغا ئالدى ، بۇنىڭ بىلەن تەڭ بۈرە ئادەم ئىسكەندەرگە ئۇرغان قېلىچ تەگمەي گۈھەر قويۇلغان تۆۋرۈكنى پارە قىلىۋەتتى ، گۈھەر يۇمىلاپ يەرگە چۈشتى. تايىر يۈگۈرۈپ بېرىپ يىلانغا نەيزە سانجىماقچى بولىۋېدى يىلان قۇيرۇغى بىلەن ئۇنى بىرنى سالدى ، تايىرنىڭ نەيزىسى بىر ياققا ، ئۆزى بىر ياققا ئۇچۇپ چۈشتى ، تايىر قاتتىق چۈشكەچكە يىقالغان پېتى ھوشىدىن كەتتى .

- تىز نەيزىنى ئېلىڭ ،- دىدى سەمەت گۈزەلنۇرغا ، - يىلانغا سانجىڭ.تىز بولۇڭ …

 تىز يىلان سەمەتنى يۆگەپ بوغۇشقا باشلىغانتى ، ئىسكەندەر گىگانىت ئادەم ھەيكەلنىڭ ئۇرىۋاتقان توخماقلىرىدىن قېچىپ يىلاننىڭ قېشىغا ئۇنى باشلاپ كەلدى -دە يىلاننىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئاتتى ، گىگانىت توخماق بىلەن ئۇنى ئورىۋېدى ،ئۇ تىزلىكتە دۇمىلاپ چۈشتى يىلان پارچىلاندى . گۈزەلنۇر ئورنىدىن تۇرۇپ نەيزىنى ئالماق بولدى لېكىن بۆرە ئادەم نەيزىنى دەسسىۋېلىپ پارچىلانغان پېتى ئۇنى بېسىپ ھالاك بولدى، ئەمدىلىكتە سارايدا ئىككى ھەيكەللا قالغانتى ، تۇرغۇننىڭ كاللىسىغا بىر ئەقىل كىلىپ، ئىسكەندەرگە ۋاقىردى :

- تىز ئاۋۇنى باشلاپ قاچ ، مەن يەنە بىرنى ئېلىپ كىلەي ، ئىككىسىنى بىر يەرگە ئېلىپ بارايلى . ئىسكەندەر تۇرغۇننىڭ گېپىنى چۈشۈنۈپ ئۆمۈلەپ ، يىقىلىپ دىگۈدەك گىگانىتنى باشلاپ ماڭدى ، تۇرغۇن يەنە بىرىنى باشلاپ ئىككىسى ئىككى تەرەپتىن بىر بىرىگە قاراپ يۈگۈردى ، ئىككىسىنىڭ كەينىدىن ھەيكەللەر زەپ بىلەن قوراللىرىنى كۆتۈرشۈپ كىلىشتى ، ئىسكەندەر بىلەن تۇرغۇن كەلگەن پېتى ئىككى ھەيكەلنىڭ چاتىرغىدىن ئۆتۈپ كىتىشتى ، لېكىن ھەيكەللەر ئۆزىنى توختىتالمىغاچقا بىر -بىرىگە ئۇرۇلۇپ بىر دۆۋە ساپالغا ئايلىنىپ قېلىشتى . …

 بۇلار يەنە قانداق سىرلىق قىسمەتلەرگە ئۇچۇرايدۇ، قىزىقسىڭىز داۋامىغا دىققەت قىلىڭ . ئەسكەرتىش :ئەسەر ئەسلى بۇ قىسمىدا ئاخىرلاشماقچى ئىدى لېكىن قەلىمىمگە ۋەقەلىك بوي سۇنمىدى ، سىھىرلەنگەن ئوخشايدۇ ، شۇڭا داۋامى بار ..





3016 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-8 22:04:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-4-20 2:47:18 مەرھابا
بەك ئ‍ېسىل بەك ئ‍ېسىل
2015-12-10 16:08:46 MuSTaFa
Dawamini tezrak yazsaglaqu metro
2015-12-10 12:47:00 MuSTaFa
Metro bolsa dawamini tezrak yazsegiz dostum
2015-12-10 1:15:59 mayira
ahirsini bak saklap kattuk
2015-12-10 1:03:05 ياقۇپجان
31-قىسىمنى يوللىۋېتىڭلارچۇ بەكمۇ تەقەززا بوپ كەتتىم
2015-12-10 0:15:34 ئالىمجان
بەك ياخشى كۆرىمەن بۇ ئەسەرنى
2015-12-9 23:11:02 ئەكبەر
ھەر كۈنى قانداق چاغدا يىڭلىندۇ !31-قىسىمى قاچان چىقىدۇ
2015-12-9 22:23:16 mansurjan
ahiri nakam qikidu baldurarak awatsigiz boptikan
2015-12-9 19:49:27 سىرلىق دۇنيا
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قاندا ئەھۋالىڭىز؟ ،مىتروكا قالتىس بىر ئ‍ەسەر يېزىۋىتىپسىز جۇمۇ ،مەن بەكلا ياختۇرۇپ قالدىم
2015-12-9 0:54:40 ئ‍ارزۇ
قوللىرىڭىزغا دەت بەمىسۇن ئ‍ىلايىم ،داۋاملىق يېزىڭە بۇنى بالدۇر ئ‍اياغلاشتۇرۋاتسىڭىز نىمە ئ‍ۇقامىز ئ‍ەمدى 😅 بۇيازغۇچىلا تورىدىن ئ‍ۇقۇمۇغۇنۇم قاممىدى 😊 داۋاملىق مۇشۇنداخ ياخشى ئ‍ەسەرلە بىلەن تەمىنلەپ تۇرىشىڭىزنى ئ‍ۈمۈت قىلىمەن
2015-12-9 0:49:04 ئارخىپ
بولسا يەنە ئۇزارتىپ يېزىڭ… تۈگەپقېلىشىنى خالىمايمەن… ھې ھې ھې ………
2015-12-8 23:36:15 نازىم
ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ،قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن.
2015-12-8 23:23:25 ئ‍ايزىبا
ئ‍اخىرى بامۇ؟
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ