توخۇ ئوغرىسى- ھىكايە

توخۇ ئوغرىسى- ھىكايە

 

 metro 

 

 ئۇ ئۆگۈنىشتىلا ھەممىنىڭ ئالدى بولۇپ قالماي باشقا جەھەتلەردىنمۇ ھەممىسىنىڭ ئۈلگىسى ئىدى ، ئوغۇل ساۋاقداشلىرى ئۇنى ئالاھىدە چوڭ كۆرسە ، قىز ساۋاقداشلىرىنىڭ كۆڭلىدە مەبۇد ئىدى ، لېكىن ئۇ سىنىپىدىكى بىرلا قىزغا ئۆزىمۇ بىلىپ - بىلمەي ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدى ،ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇ قىز ھېچقانداق ئىۋەنسىز ، گۈزەللىكتە تەڭداشسىز ، بىر پەرىشتە ، بىر ئاققۇ مەلىكە ئىدى ،ئۇ قىزنى كۆرسە بەك ھۇدۇقۇپ قالاتتى ، شۇڭا داۋاملىق قىزنىڭ جامالىنى ئوغۇرلىقچە كۆرۋالاتتى ، ئاۋازىغا ، گەپ - سۆزلىرىگە چاندۇرماي قۇلاق سالاتتى ، ئۇ ئۇنى كۆرۈپ تۇرمىسا ئۆزىنى يالغۇز قالغاندەك ، بىرەر نەرسىسىنى يۈتۈرۈپ قويغاندەك ھېس قىلىپ بىئارام بولاتتى ، ئۇ ئۇنى ھەقىقەتەن بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى ، قىزنىڭ ئالدىدا يۈزى تۆكۈلۈپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ بولسىمۇ دەرسلەردە ئالدىنى بەرمەسلىككە تىرىشاتتى، ئەلىۋەتتە قىزمۇ باشقا قىز ساۋاقداشلىرىدەك ئۇنىڭغا ئاستىرىتتىن قىزىقىپ يۈرەتتى ، لېكىن يىگىتنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى بىلمەيتتى ، دەرسلەرنى بىلسىمۇ چۈشەنمىگىنىنى سەۋەپ قىلىپ يىگىتنىڭ يېنىغا بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلىپ تۇرۋالاتتى ، يىگىتنىڭ چۈشەندۈرىشى ئۇنىڭ كاللىسىغاكىرمەي ئۇنىڭ ئاۋازىدىن غايىبانە شىرىن خىياللارغا كىرىپ كىتەتتى.

 كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇلار كۆزى بىلەن بىر- بىرنى ئىزدەيدىغان ، بىر - بىرىنى ئوغۇرلىقچە كۆرۈپ تۇرىدىغان ، دەرستىن چۈشكەندە بىر - بىرىنى قىيمىغان ھالدا ئۈن - تىنسىز ئۇزۇتۇپ قويىدىغان ھالەتكە كەلدى. بىر كۈنى ئاخشىمى يىگىت سۈتتەك ئايدىڭدا ھويلىسىدا تۇرۇپ تۇيۇقسىزلا ئۇنى شۇنداق سېغىندى ، شۇنداق كۆرىۋالغۇسى كەلدى ،ھەمدە ئۆزىمۇ بىلمەي ئىختىيارسىز قىزنىڭ مەھەللىسى تەرەپكە ماڭدى ، ئۇ قىزنىڭ ئۆيىگە يىقىنلاشقانچە ھاياجانلىنىپ ،چىرايىدا كۈلكە، يۈرىگىدە بىرخىل سىزىم مەۋج ئۇرۇشقا باشلىدى. كاللىسىدا ئۇنى دەرىزىسىدىن بىر كۆرىۋالساملا بولاتتى دىگەن ئۇقۇملا بار ئىدى …

 ئۇ قىزنىڭ مەھەللىسىگە يىتىپ كىردى، كۆڭلىدە « بۇ ، ئۇ داۋاملىق ماڭىدىغان يول ، ئۇنىڭ ئاياق ئىزلىرى قالىدىغان يول،بۇ ھاۋا ئۇ نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋا بۇ ئۇنىڭ مەھەللىسىدىكى دەرەخلەر ، بۇ ئۆستەڭدىكى ئاڭلىنىۋاتقان سۇنىڭ ئاۋازى ، چوقۇم ئۇ ھويلىسىغا موشۇ سۇنى توشۇپ سىپىدۇ ، ھازىر بۇ ئاۋازنى ئۇمۇ ئاڭلاۋاتقانمىدۇ ، مانا ئۇنىڭ يولى ، مانائۇنىڭ مەھەللىسى ئارلىقىم ناھايتى قىسقىلا قالدى ،بۇ مەھەللە ئۇنىڭدەكلا گۈزەلكەن ، ئۇنىڭدەكلا يېقىملىقكەن» دىگەن ھاياجانلىق خىياللار ئەكىس ئىتەتتى، مانا ئۇ قىزنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يۈرىگى دۈپۈرلەپ سوقۇپ كەتتى شۇنىڭ بىلەن تەمتىرەپ توختاشتىن قورقۇپ ئۆتۈپ كەتتى ، لېكىن كۆزى بىر قانىتى ئوچۇق تۇرغان ھويلىغا قاراشقا ئۈلگەردى، ھويلىدا قىز كۆرۈنمەيتتى. لېكىن ئۆيلەرنىڭ چىرىغى دەرىزىدىن ھويلىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ تۇراتتى، ئۇ بىر ئاز مېڭىپ كەينىگە قايرىلىپ دەرۋازىنىڭ ئالدىدىن يەنە ئۆتتى ، بۇ قېتىم ئۇ ئۆيلەرنىڭ ئىچىگە سەپسالدى ، قىز يەنىلا كۆرىنمەيتتى ، ئۇ مەھەللىنىڭ دوقمىشىغا بىرىپ بىر ئاز ئۆزىنى بېسىپ ھۇدۇقۇشلىرىنى پەسلەتتى، ھەمدە ئەتىراپنى ياخشى كۈزۈتۈپ كۆڭلىنى توختاتقاندىن كىيىن قىزنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئۈژمىنى نىشانلاپ كەلدى ، ئۇ ئادەم يوقلىغىدىن پايدىلىنىپ دەرەخكە تىزلىك بىلەن ياماشتى ، ئۇ ھەر بىر شاخقا چىققاندا قىزنىڭ دەرىزىسىدىن ئىچىگە قارايتتى ، قىز يەنىلا كۆرۈنمەيتتى ، ئۇ شاختىن - شاخقا يۆتكەلدى قىز يەنىلا كۆرەنمەيتتى ، ئۇ دەرىزىگە بويۇنداپ يېپىشىپ كىتىۋېتىپ پۇتى تېيىلىپ شاخقا ئېسىلىپ قالدى ، شاخنىڭ قاتتىق سىلكىنىشى بىلەن بىر نەچچە توخونىڭ قاقىلداپ كىتىشى جىمجىتلىقنى بۇزدى ، ئۇ چۆچۈپ دەرەخ شېخىدىكى توخولارنى كۆردى - دە يۈرىگى ئېغىزىغا تىقىلىپلا قالدى ، دەل شۇ چاغدا قىزنىڭ ئۈيىدىن بىر نەچچەيلەن يۈگۈرۈپ چىقىشتى :

 - ۋۇ ئوغۇرى ، چۈشە پەسكە ، ئەمدى نەگە قاچىسەن ، نائىنساپ ، يۈزى قېلىن ئوغىرى ، سەندەكلەرنىڭ شورىدا موشۇ نەچچە تال توخويۇم قالغانتى ، موشۇمۇ ئامان قالمىسۇنمۇ ، چۈشە مەن سېنى بىر كۆرۈپ باقاي،- بۇ بىر ئەر كىشىنىڭ ئاۋازى ئىدى ، ئۇ غەزەپتىن ۋاقىراۋاتاتتى ، ئۇ بۇ كىشىنى قىزنىڭ دادىسى دەپ ھۆكۈم قىلدى ،

 - ۋۇ ھارام يەيدىغان چۈشە ، كىمنىڭ بالىسى سەن ، خىجىل بولىشنى بىلمەيدىغان،- ۋۇ ئاچچىق ۋاقىراۋاتقان قىزنىڭ ئانىسى ئىدى ، يەنە بىرۈيلەن جىمجىت قاراپ تۇراتتى ، ئۇ بۇ چوقۇم قىز دەپ ئويلىدى ، ئۇ چۈشتى ، يەر قاتتىق ، ئاسمان ئىگىز بولۇپ چۈشتى ، دادا ئۇنىڭ ياقىسىدىن ئالغان ، ئانا قوللىرىنى سانجىپ تىللاش ھالىتىدە ئوتتۇرغاچۈشتى ، قىز ئۇنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى ، نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى، ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاۋازلار كىرمەيتتى ، كۆزلىرىدە قىزنىڭ ئۈمۈتسىزلىق ، ئاچچىق ، نەپىرەت ، گاڭگىراشتا قالغان چىرايى قېتىپ قالدى…

 ئەتىسى قىزنىڭ دادىسى مەكتەپ مۈدىرى، سىنىپ مەسئۇللىرىنى ئىزدىدى ، ھەتتا بىر نەچچە ئوقوغۇچىلارغىمۇ بۇ ئىشنى داتلىدى ، بۇ ئىشنى مەكتەپ رەھبەرلىگى مەخپىي تۇتقان بولسىمۇ يەنىلا مەكتەپكە يېيىلدى ،ئۇ بۇ ئىشلاردىن بېشىنى يەردىن كۆتۈرەلمەي سۈكۈت بىلەن جاۋاپ قايتۇردى. بىر كۈنى ئۇ جىمجىت يوقاپ كەتتى ، قىزنىڭ كۆزلىرى يەنىلا ئۇنى ئىزدىدى ، لېكىن ئۇ يوق…

 ئون بەش يىلدىن كىيىن قىز شەھەردە ئۆي - ئوچاقلىق بولدى ،بىر يامغۇر ياققان كۈنى ئىككىسى بىر لەپمىنىڭ ئاستىنىدا تاساددىپى ئۇچۇرشۇپ قالدى ،قىز ئۇنى كۆرۈپ ھۆپپىدە قىزاردى ، ئۇمۇ قىزنى كۆرۈپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدى ، قارىماققا ئۇنىڭ تۇرقى خېلى پىشقان كارخانىچىلارغا ئوخشاپ تۇراتتى، ئۇلار بىر ئورۇنغا بېرىپ يامغۇرغا قاراپ ئۈن- تىنسىز ئولتۇرۇشتى، قىز ئېغىز ئاچتى :

- ھېلقى كۈنى راستىنلا بىزنىڭ ھويلىغا توخو ئوغۇرلىغىلى باردىڭىزما؟

 يىگىت قىزنىڭ قولىدىكى ئۈزۈكنى كۆردى ، ھەمدە ئوماق قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئالغان قونچاققا قاراپ قويغاچ :

- ھەئە ، توخو ئوغۇرلىغىلى بارغان.

 قىز ئۈن - تىنسىز سۈكۈتكە چۆمدى ، ئۇ بۇ جاۋاپنى كۈتمىگەن ئىدى ، يامغۇر توختىماي يېغىۋاتاتتى ، بىر ئىسىل ماشىنا يىگىتنى ئالغىلى كەلدى ،يىگىت قىزنى ئاپىرىپ قويۇشنى ئېيتتى ، لېكىن قىز كۆزىدىكى ياشنى سۈرتكەچ باشقا ياققا قارىۋالدى ، يىگىتنىڭ ماشىنىسى يامغۇر ئىچىدە غۇۋالىشىپ يوقىدى…

2015-9-20





1322 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-20 12:57:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ