تەقدىر سىمفونىيەسى ( پوۋسىت 3 - باب 7 - قىسىم) - ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

تەقدىر سىمفونىيەسى  
( پوۋسىت )
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈچۈنچى  باب : توردا باغلانغان قەلىب

يەتتىنچى قىسىم 


 شۇنداق قىلىپ ، يىڭى مەكتەپ ھاياتىمدىكى غىرىبانە كۆڭلۈمگە يانفۇنۇم ھەمراھ بولۇپ ، مۇساپىرچىلىق ھاياتىمدىكى قىزىقىشىم باشلاندى . ھەر كۈنى دەرىستىن چۈشۈپ ياتاققا يۈگرەيتتىم دە ، دادام – ئانامغا  تىلفۇن قىلىپلا ئۈندىدار ئاچاتتىم . نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۈندىدار ئاچقىنىمدا تۇنجى بولۇپ رازىيەنى قاچىلىغان بولسام ھازىرمۇ مېنىڭ ئالاقە چەمبىرىكىمدە رازىيە ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى . شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتىمۇ ئۆتۈپ كەتتى . كۈندىلىك ئۈگۈنىشىمنى قىلىپ بوپ يەنىلا شۇ ئىشلىرىمنى داۋام قىلۋاتىمەن . يىڭىدىن قوشۇلغان دوسلۇرۇم بىلەن پاراڭلىشىش ، سالۇنلاردىن تۈرلۈك مەزمۇنلارنى كۆرۈش كۈن دۈكۈك ئىشلىرىم ئىدى . ئەلۋەتتە ، رازىيە بىلەن كۈندىن كۈنگە ئارلىقىمىز يىقىنلاپ ، پاراڭلىرىمىز ئاۋۇنۋاتاتتى . ئىككىمىزنىڭ قىلىشمايدىغان تاقا – تۇققا پاراڭلىرىمىز ، كۈلۈشمەيدىغان ۋاقىتلىرىمىز يوق ئىدى . بۇ زامانىۋىي شەھەردە ياشاۋاتقان بىزدەك بۇ سەرسان روھ ئىگىلىرى بىر – بىرىمىزنىڭ قاياشى بولۇپ ئۆتىۋاتىمىز . مۇشۇ مەكتەپكە كەلگەن ، ياق شۇ پويۇزنىڭ ۋاگۇنىدا رازىيەنى ئۇچراتقان شۇ دەملەردىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ئۇ ، ئۆزىنىڭ ئىسىلىقى ، ئاقكۆڭۈلىكى ، شۇ ئوچۇق مىجەزى بىلەن قەلىپ قەسىدەمگە ئىچكىرلەپ كىرۋاتاتتى . ئۈندىدار ئاچقان شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ئۈندىدارىمنىڭ ئەڭ ئۈستىىدە ، ئەڭ كۆپ پاراڭلىشىدىغان ئادىمىم شۇ ئىدى .
 ئالىي مەكتەپكە كىلىپ بىر ئايچە ۋاقىت بولغان بىر كۈنى :
_ ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم . رەھمىتۇللا ، بۈگۈن كەچتە ۋاقتىڭىز بولسا كەچلىك مۇزاكىردىن چۈشۈپ پاراڭلاشقان بولساق . ئەتتىگەندە رازىيە ئۈندىدارىمغا شۇنداق ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويۇپتۇ .
- بۇ قىز ئەجەپ كەچ ۋاقتىدا كۆرۈشەيلى دەپ قاپتا ؟ بىرەر موھىم گىپى بولسا كېرەك . دەپ ئۆز – ئۆزۈمگە پىچىرلاپ سىنىپقا چىقتىم . كەچتە مۇزاكىردىن چۈشكەن ۋاقىتتا كۈندە ياتاققا كىرىپ ، ئۈندىدار ئىچىشقا ئالدىرايدىغان مەن نەرسىلىرىمنى ئالدىرماي رەتلەپ تۇرۇپ قالدىم . سىنىپتا بىر يالغۇز مەنلا قالغان بولۇپ ، تىلفۇنىمنى ئىلىپ رازىيەگە تىلفۇن قىلدىم .
- ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم ، مۇزاكىردىن چۈشتىڭىزمۇ ؟ ، مەن مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ يان تەرپىدىكى يولدا سىزنى ساقلاپ تۇردۇم ، چىقىڭە . دەپلا تىلفۇننى قويۋەتتى . قىزىق ، ئىلگىرى بىرقانچە قىتىملاپ تىلفۇن قىلىشلاردا شۇنچە مەردانە سۆزلەيدىغان رازىيەنىڭ سۆزلىرى باشقىچە ، يەر ئاستىغا كىرىپ كەتكەنلا ئىدى . مان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ، ياق شۇنچە مەيۈس ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئولتۇرالمايلا قالدىم دە ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بىنا يىنىدىكى قويۇق دەرەخلەر بىلەن قورشالغان يولغا چۈشۈپ رازىيەنى ئىزدىدىم . ئۇ يولنىڭ ئىچكىرە تەرپىدىكى بىر ئورۇندۇقتا ئۇلتۇرۇپ مېنى ساقلاۋاتقان ئىكەن .
 ئۇ مېنىڭ كەلگىنىمنى كۆرۈپ  :
_ كەلدىڭىزمۇ ؟ دەپلا قويدى دە ، قولۇمغا بىر كىتابنى تۇتقۇزۇپ قويۇپلا كېتىپ قالدى .
- توۋا ، ئۇنىڭغا نىمە بولغاندۇ ؟ بىرەر ئىش بولغان بولسا بۇنداق قىلماس بولغىيتتى . مەن شۇلارنى ئويلاپ ئىختىيارسىز ئۇ تۇتقۇزۇپ قويغان كىتاپقا قارىدىم . ئۇ چەتئەللىك قايسى بىر يازغۇچى يازغان < يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا > دىگەن ئىدى .
 كىتابنى ۋاراقلاپ ئىختىيارسىز بىر نەرسىنىڭ كىتاپ ئارىسىدىن چۈشۈپ كەتكەنىكىنى بايقىدىم
- خەت ؟ ئۇ كىمنىڭ خېتى بولىغىيتتى ؟ رازىيە بۇ كىتابنى ماڭا بىرىپ نىمە قىلماقچىدۇ ئەجىبا ....
چىغىر يولنىڭ يىنىدا يىنىپ تۇرغان كوچا چىرىغىنىڭ ئاستىغا كېلىپ خەتنى ئىچىشقا باشلىدىم . گەرچە بۇ كېمنىڭ خىتى ئىكەنلىكىنى بىلمىسەممۇ لېكىن قانداقتۇر بىر سىھرىي كۈچنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئىچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم . خەت مۇنداق باشلانغان ئىدى .
ئاخىرى بار .....   





266 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-5 5:31:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ