تەقدىر سىمفونىيەسى ( پوۋسىت 3 - باب 6 - قىسىم) - ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

تەقدىر سىمفونىيەسى 

( پوۋسىت )

ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ئۈچۈنچى  باب : توردا باغلانغان قەلىب

 ئالتىنجى قىسىم 


ياز ئايلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى . مانا ، ھەربىي مەشىقمۇ تۈگەپ ئوقۇش باشلىغىنىمىزغا ئالاھەزەل بىر ھەپتىچە ۋاقىت بولۇپ قالدى . يىڭى مەكتەپ ، يىڭى ئوقۇتقۇچى ، يىڭى ساۋاقداشلا بىلەن ئۆتىۋاتقان مۇساپىرچىلىق ھاياتىمغا ئاستا – ئاستا كۆنىشكە باشلىدىم . دادام مېنىڭ قىينىلىپ قالغانلىقىمنى نەزەردە تۇتۇپ  ئاخشام تىلفۇن قىلغىنىمدا كارتامغا  300 يۈەن  سىلىۋەتكەنلىكى ، بىر ئامال قىلىپ تىلفۇندىن بىرنى سىتىۋىلىپ ئىشلىتىشىمنى ئىيتتى . راس ، دىمىسىمۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتى باشقىچە بولىدىكەن ، تاپشۇرۇقلار ، مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ موھىم ئۇقتۇرۇشلىرى ئاساسەن توردا يولىنىدىغان بولغاچقا بۇ بىر ھەپتە بىر قىسىم ئىشلاردا بىرئاز قىيىنچىلىقمۇ بولغان ئىدى . لېكىن ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەچكە ئۇلارنى قىيناپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئىيتمىغان ئىدىم . بىچارە دادام مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەندەك شۇلارنى ئىيتقان ئىدى .

  بۈگۈن دەم ئىلىش كۈنى بولغاچقا بىر ئامال قىلىپ تىلفۇن سىتىۋىلىشنى ئويلىدۇم ، لېكىن سەل تەشۋىشلىنىۋاتاتىم . چۈنكى مەن بۇ زامانىۋىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ مۇساپىر پۇخراسى ، يەنە كىلىپ ھىچ يەرنى ئۇقمايمەن . قانداق قىلىشىم كېرەك ؟ شۇلارنى ئويلاپ تۇرغۇنىمدا قولۇمغا رازىيەنىڭ تىلفۇن نومۇرى يىزىلغان ۋاراقچە چىقىپ قالدى دە مەكتەپ ئىچىدىكى ئامىۋىي تىلفۇن پوكىيىگە بىرىپ رازىيەگە تىلفۇن قىلدىم . ئۇ تىلفۇنى يەنە شۇ ياڭراق ، شوخ ئاۋازى بىلەن ئالغان ئىدى . مەن ئۇنىڭدىن بۈگۈن ئىشى بار يوقلىقىنى ، ئەگەر ئىشى بولمىسا ماڭا بىرلىكتە تىلفۇن ئىلىپ بىرىشنى ئىيتتىم . راس ، دىمىسىمۇ شۇنىڭغا دىمىسەم باشقىلارغا دىمەتتىم . چۈنكى ساۋاقداشلار بىلەن يىڭى تونۇشتۇم ، ياتاقداشلىرىم بىلەن بولسا تاماقتا بىللە بولغىنىمىز بىلەن بۇنداق دەم ئىلىش كۈنلىرى ھەممىسى ھەر ياققا چىقىپ كىتەتتى . رازىيە ئىشى يوقلىقىنى ، بىر سائەتتىن كىيىن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ساقلاپ تۇرىدىغانلىقى ئىيتىپ تىلفۇننى قويۋەتتى .

  بىر سائەتتىن كېيىن رازىيە بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات يىرىگە جايلاشقان خەلىقئارا چوڭ بازارنى ئارلاپ ، بازارنىڭ ئارقا تەرپىگە جايلاشقان تىلفۇن بازىرىغا كىردۇق دە تاللاپ يۈرۈپ دادام ئەۋەتكەن پۇلغا يىنىمدىكى ئازراق پۇلنى قوشۇپ بىر ئىكرانلىق تىلفۇن اىتىۋالدۇق ، ۋە ياندىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زالىغا كىرىپ ئۆز نامىمغا بىر كارتىمۇ بىجىرۋالدىم .

  شۇنداق قىلىپ مەنمۇ بىر تىلفۇن سىتىۋالدىم ، تىلفۇننى سىتىۋىلىپ تۇنجى بولۇپ ئۆيگە تىلفۇن قىلدىم . تىلفۇننى سىڭلىم ئالىيە ئالغان ئىدى ، .ۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ئانامنى چاقىرىپ قويۇشنى سورۇدۇم دە ئانام بىلەن پاراڭلاشتىم . ئانامغا دادام ئەۋەتكەن پۇلغا ئازراق پۇل قوشۇپ بىر تىلفۇن ئىلىۋالغانلىقىمنى ، ئەمدى كۈندە تىلفۇن قىلسام بولىدىغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭمۇ ماڭا تىلفۇن قىلسا بولىدىغانلىنى ئىيتىپ يىڭى بىجىرگەن كارتا نومۇرۇمنى ئىيتىپ بەردىم . ئانام سىڭلىمنىڭ ياردىمىدە نومۇرنى يىزىۋىلىپ قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتكەن ئىدى . دادام ئىتىزغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ كەچتە قايتىپ كەلگەندە بۇ خوش خەۋەرنى ئىيتىپ تىلفۇن قىلىدىغانلىقى ئىيتىپ تىلفۇنى قويۋەتتى .

  بىز بىردەم بازار ئارلىغاندىن كىيىن مەن رازىيەگە رەھمەت ئىيتىش ئۈچۈن كىچىكىنە بىر تاماقخانىغا كىرىپ تاماق يىدۇق ، بۇ جەرياندا رازىيە ماڭا تىلفۇننى بىر قاتار چۈشەندۈرۈپ ، ئۈندىدار ، ھەم بىر قىسىم دىتاللارنى توردىن چۈشۈرۈپ باردى ۋە ماڭا يىڭى بىر ئۈندىدار ئىچىپ ئويلان دەپ ئىسىم قويۇپ نەردى دە ، مېنىڭ يىڭى ئۈندىدارىمغا ، يىڭى تور دۇنيايىمغا تۇنجى بولۇپ ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىنى قاچىلاپ ، ئۈندىدارنى قانداق ئىشلىتىش ، ھەم نىمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىملىقى چۈشەندۈرۈپ قويدى . مەن كۆپ رەھمەت ئىيتىپ مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم ۋە ، مېنىڭ يەنە بىر ھەمرايىمنىڭ ئىقتىدارلىرىنى چۈشىنىشكە باشلىدىم .

  تىلفۇنىڭ ئىقتىدارلىرى خەنزۇچە بولغاچقا ئىككى سائەت ئەتراپىدا ئتىشىپ ئاساسەن ھەممە ئىقتىدارلىرىنى چۈشۈنۈپ بولدۇم . ئۈندىدارىمدا رازىيەدىن باشقا ھىچقانداق ئادەم يوق ئىدى . ئۇنىڭ ئۈندىدارىدىكى ئىسمى كەچمىش بولۇپ ، باش سۈرىتىدە بىر قىزىل ئەتىرگۈلنىڭ رەسىمى بار ئىدى . مەن ئۇنىڭ ئۈندىدارىنى ئىچىپ ، ئۇ بايا چۈشۈرۈپ بەرگەن ئۇيغۇرچە خەت يىزىش دىتالىدىن پايدىلنىپ < ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم رازىيە ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ بۈگۈن سىزنى بەك ئاۋارە قىلۋەتتىم ، رەھمەت > دىگەندەك ئۇچۇرلانى يازدىم . مېنىڭ ئۈندىدار ئىشلىتىپ يازغان تۇنجى ئۇچۇرۇم شۇ ، يوللىغان تۇنجى ئادىمىم رازىيە ئىدى .

  داۋامى بار .... 





186 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-3 17:19:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ