مەھەللەمدىكى قىز - 11 -قىسىم ھىكايە

 مەھەللەمدىكى قىز 11-قىسىم

ئابلىمىتجان ۋاھاپ (تەنھا تۇرنا )


ۋاقىت شۇنچىلىك ئاستا ئۆتىۋاتاتتى، تىلفۇنغا قاراپلا تۇراتتىم كەيپىياتىمنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن كۇچلۇك قاتتىق ناخشىلاردىن تاللاپ ئىككى ئۇچنى ئاڭلاپمۇ بولدۇم ئەمدى تىلفۇن كۇتۇشلا بولدى …
بۇ قىتىمنى گۇلمىرە بىلەن بازار ئايلىنىش بىزنىڭ ئۇچىرىشىش ۋاقتىمىز ئۇچ يىلدىن بۇيانقىدەك ئۇزۇن بولمىغانىدى ،مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغدىلا ئۇزۇن بىللەن يۇرگەنىدۇق،ئۇ ئوقۇشتىن چىكىنگەندىن بۇيان ئۇزۇن ۋاقىت بىللە تۇرۇپ پاراڭلىشىپ باقمىغانىدىم شۇڭا شۇنچىلىك تەقەتسىزلىك بىلەن تىلفۇنىنى كۇتىۋاتاتتىم ……
گۇلمرەنىڭ ئۆزى تىلفۇن قىلغانىدى،ھاياجان ئىلكىدە ئالدىم …!
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم …!  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئابلىمىتجان تىشلىقمۇ ؟بىكار بولسىڭىز مەن ھازىر چوڭ يولدا كىلەلەمسز؟ باشقا ئىشلىرىڭىز بولسا مەيلى ……
ئۇنى پەسلەپ كەتتى …
گۇلمىرە مىنى ئون مىنۇت ساقلاپ تۇرغان بولسىڭىز مەن ھازىرلا يىتىپ بارىمەن …!
ماقۇل تىزىراق كىلىڭ ھە ئەمسە دەپ  مىنىڭ بىللە بازار ئايلىنىدىغانلىقىمنى ئويلاپ كۇلدى بولغاي … ماقۇل مىنى ساقلاپ تۇرغىن مەن ھازىر لا بارىمەن …
ئالدىراش ئالىدىغانلىرىمنى ئالدىم دە ئىشىكنىمۇ ئاۋاز چىقىرىپ تاراڭ تۇرۇڭلار بىلەن تاقىۋىتىپ مىڭىشقا تىۋىشلاۋاتسام قوشنامنىڭ بالام بىرەر كىلىشمەسلىك كىلىپ قالمىغاندۇ نىمانداق ئالدىرايسەن …
دىگەن ئاۋازىدىن ئۆزۇمنى شۇنچىلىك ئالدىرىغانلىقىمنى بىلىپ ياقەي ھەدە ئۇنداق ئەمەس بىر دوستۇم بىلەن كۆرۇشمەكچى ئىدىم بەك ساقلاپ كەتمىسۇن دەپ شۇ دىگىنىمچە چالا كۇلۇش بىلەن گەپىمنى تۇگۇتۇپلا خوش ھەدە كەلگەندە كۆرۇشەيلى دىدىم …بالام مەن كەچتە باللىرىم كىلمەكچى ئىدى تاماق تەييالىغاچ تۇراي كىرەرسىز كىرمىسىڭىز مەن سىزنى ئۆزۇم چىقىپ چاقىرىۋالمەن بىر قىرى ئايالنىڭ سىزنى چاقىرغىلى كىرسە قانداق بولىدۇ …! ماقۇل ھەدە مەن كىرىمەن دىدىم …
ئىھتىيات قىلىپ چۈشكىن بالام پەلەمپەي سۇ بولۇپ كىتىپتۇ دىدى…
مەن پەلەمپەيدىن ئالدىرىماي چۇشۇپ يولغا چىقىپلا تاكسى توسۇپ گۇلمىرە بار يول بۆلىكىگە مىڭىشنى دەپ قويۇپ ،ھەدەمنىڭ ھازىرقى دىگەن سۆزلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ چىقتىم ،ماڭا پەلەمپەينىڭ سۇ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتمىگەن بولسا ھەق گەپ يىقىلىپ ۋايجانلاپ ياتقان بولارئىدىم …
چوڭ دىگەن ھامان چوڭ ھە …!
يول ماڭا ئەجەپ ئۇزۇن بىلىندى ھە نىمانداق كىلىپ بولالمايمىز دىگەنلەرنى ئويلاپ ئىچىم سىقىلىپ ئاللقانداقتۇر بىرخىل بولۇپ قالغانىدىم …،شوپۇرنىڭ ئۇكام يىتىپ كەلدۇق نەدىراق چۇشىۋالىسىز دىگەن ئاۋازىدىن يۇرەكلىرىم ئويناپ كەتتى ، يەنە بىرتەرەپتىن سەل تەمتىرەش جىددىيلىشىش بولىۋاتاتتى…!
كەلدۇق ئۇستام مۇشۇ يەردە چۇشۇپ قالاي دىدىم ، ئەمما گەپلىرىم  چىچىلىپ چىقىۋاتاتتى،گۇلمىرەنىڭ يول ياقىسىدا تۇراتتى ،ماشىنىدىن چۇشۇپ يىنىغا باردىم نىمىشقىكىن بۇنىڭدىن بۇرۇن گۇلمىرە بىلەن ئۇچراشسام ياكى پاراڭلاشسام ھىچقانچە ئۆزگىرىش بولمايتى بۇ قىتىم بۇ كۇن بازار ئايلىنىشقا چىققىشىم تەس بولدى …
بىر ھازا سالاملاشقاندىن كېيىن، يول ئېلىشتۇق،كۆپ كىشىلەر ئارىسىدا، ئۇياق بۇياققا يۈرۈپ، ئاللا نېمىلەردۇر ئىزدەۋاتاتتۇق،ئالىدىغان نەرسىلەردىنمۇ ئالدۇق ، گۈلمىرە مېنىڭ بولغانلىقىم ئۈچۈنمۇ ئالىدىغان بەزى شەخسىي  بۇيۇملارنى ئالالمايۋاتاتتى،مەن ئېلىۋېلىش ئۈچۈن، باھانە تاپتىم،سىز بۇ يەردە تۇرغاچ تۇرۇڭ مەن ھازىرلا كېلىمەن،ھە راست باشقا ئالدىغان نەرسىڭىز بولسا ئالغاچ تۇرۇڭ، مەن ھازىرلا كېلىمەن دېگەننى قوشۇپ قويۇپ ماڭماقچى بولدۇم، بولىدۇ ماقۇل تېزراق كېلەرسىز……
كۆپ كىشىلەر ئارىسىدىن سوقۇلۇپ سوقۇلۇپ،گۈلمىرە بولسا ئۆزىنىڭ ئالماقچى بولغان نەرسىلەرنى ئېلىۋاتاتتى…بىر  ۋاقىتلار بولدى ئالىدىغاننىمۇ ئىلىپ  بولدۇق …ئابلىمىتجان، سىزگە دەيدىغان گەپلىرىم بار ئىدى، بىرەر يەردە ئولتۇرساق بولامدۇ…؟
بولىدۇ گۈلمىرە قېنى، بۇ تەرەپكە ماڭايلى، كىشىلەر ئاز تەرەپكە، مىڭىشتۇق…
بۇ يەردە ئولتۇرايلى، بۇ يەر خېلى بولىدىكەن، دېدىمدە بىر ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ…!
بۇ يەردە ئادەم سەل كۆپرەك ئىكەن، ئادەم يوق يەرگە بارايلى،ئۇ ئىتتىك گۈلمىرە ماڭا قاراپ قۇيۇپ…! ئۇنداق بولسا خەلق باغچىسىغا بارايلى، …! گۈلمىرەمۇ يا ياق يا ھە دېگەن گەپنى قىلمىدى، مەن، مېڭىۋەردىم،
بۇ ۋاقىتتا ھەر ئىككىلىمىز سۈكۈت ئىچىدە جىمجىت قەدەم ئېلىپ ماڭدۇق،خېلى ماڭغاندىن كېيىن ئادەم يوق،يىراق يىراقلاردا جۈپ جۈپ بولۇپ ئولتۇرۇشقىلا،  ئۆزىنىڭ شېرىن گەپلىرىنى قىلىشىپ ئولتۇراتتى.
بۇ يەردە ئولتۇرايلى گۈلمىرە، دېدىمدە بىر ياغاچ ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ…
ماقۇل، بۇ يەردە ئولتۇرايلى پىيادە ئادەم ئازئىكەن،ئۇ نېمىدىندۇر ئەنسىرىگەندەك ئۇياق بۇياققا قاراپ قوياتتى.
گۈلمىرە سىزگە نېمە بولدى نېمە جىددىيلىشىسىز، قانداق گەپ بولسا ماڭا ئېنىق دېگىن؟سىزدىن ھېچقانداق گەپ يوشۇرمايمەن ئابلىمىتجان سىزگە دېسەم مەن،مەن …
نېمە بولدى،نېمە تىلىڭىزنى چاينايسىز،بىرەر ئىش بولدىمۇ سىزگە؟
ياقەي شۇ سىزگە دەيدىغان ئازراق گەپ بار ئىدى…
ۋاي نېمىدىن ئەنسىرەيسىز قېنى دېمەمسىز، مەنمۇ قانداق گەپ بولسا سىزگە دەيمەنغۇ؟
ئورنىدىن ئاستا يېقىن مەن بار تەرەپكە سۈرۈلدى،ئۇ شۇنچىلىك سەبى شۇنچىلىك، مېھىرلىك بىلەن ماڭا قارىدى،ئۇ، مېنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلەتتى،مەنمۇ ئۇنىڭ ماڭا مەيلى بارلىقىنى بىلەتتىم،بىز باشقا ئارتۇق گەپ قىلماي بىردەم قۇچاقلىشىپ  تۇردۇق…
تۇيۇقسىز ئۇ گەپ باشلىدى،ئابلىمىتجان سىز ئوقۇشقا كەتسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن ،مېنى ئويلاپ قويارسىزمۇ؟
ئەجەبا…
مەن…
مەن…
گېپىمنىڭ ئاخىرىنى ئۈزۈممۇ تاپالمىدىم،مېنى نەچچە كېچە ئۇيقۇدىن بىدار قىلغان ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن مۇنۇ قىزنىڭ ماڭا دېگەن گەپلىرى مۇشۇ بولدىمۇ! مەن نېمە دېگەن سېخى، تۈز كۆڭۈل ھە !
ساقلىيالايمەن ساقلايمەن،سىزنىلا ئويلايمەن، گۈلمىرە، سىز ھەر قېتىم مېنىڭ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىسىز، شۇ چاغلاردا، مەن نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى،ھەتتا قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمەن.
ماڭا ئىشىنەمسىز…؟
مېنى ساقلاپ تۇرالامسىز…؟
بۇ سوئاللاردىن گۈلمىرە يىغلاشقا باشلىدى…!
نېمە بولدى بىرەر ئىش بولمىغاندۇ،  بىر  دېسەڭچۇ؟ ئادەمنى بۇنچە ئەنسىرەتمەي؟
بۇ گەپلەرنى سورىشىمدا سەنەت بار ئابلىمىتجان،بۇ بازار ئايلىنىشنىمۇ ھەدەمگە دەپ يۇرۇپ ھەدەم ماڭا ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن ئىدى، شۇڭا كەلدىم!
نېمە بۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن ئىشمىتى،بىرەر باشقا سەۋەب، بارمۇ يوقمۇ ماڭا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قوي گۈلمىرە…
ئۇ يەنە يىغلاۋاتاتتى،يىغلىما، سەن نېمىدەپ يىغلايسەن.…
ئاۋازىم تىترەپ چىقىۋاتاتتى،سېنى مەن شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىمغۇ، بىرەر ئىش بولدىمۇ، ئېيتقىنا ماڭا…؟
ئاۋازلىرىم ھەسىرەت بىلەن ئاچچىق  چىقىۋاتاتتى!
ئاڭلىسام پات يېقىندا سىلەرنىڭ نەتىجەڭلار چىقىدىكەنغۇ،ئەگەر ئالىي مەكتەپكە كېتىپ قالسىڭىز…  سىزنىڭ مىنى ساقلاپ تۇرۇشنىڭىزنىڭ قەتىئي ئورنى يوق.
داداملار  يۇقارقى مەھەللىدىكى، تاغاملار بىلەن قۇدىلىشىدىكەن.
شۇڭا مەن، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ، ئۆزىڭىزدىن، جاۋاب ئالاي دېگەن ئىدىم…!
ئەمما سىز ئوقۇشقا كېتىپ قالسىڭىز مەن…
گۈلمىرەنىڭ ئاۋازى ئىچىگە، چۇشۇپ كەتتى.…
پۈتۈن بەدەنلىرى جانسىز، ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىۋاتاتتى …
يۈرۈڭ گۈلمىرە تاماق يەيلى، ئاندىن، قايتىپ كەت كەلمە مەنمۇ قايتىپ كېتىمەن.
ئۇ يىغلامسىراپ ئورنىدىن تۇردى،گەپ سۆز قىلىشماي يېقىن ئەتراپتىكى ئاشخانىغا كىردۇق ،بۇيرۇتقان تاماقنىمۇ  ئازادىچىلىك ئىچىدە يىيىشمەي بىر بىرىمىزگە ئۆچ بولۇشقان ھالدا تاماق يىدۇق…
تاماقتىن چىقىپ يەنە باشقا گەپلەرنى قىلىشمىدۇق، ماشىنىغا سېلىپلا قويۇپ ئۆينىڭ قايسى تەرەپتىكى ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي، ئالدى تەرەپكە قاراپ مېڭىۋەردىم،يەنە خىيال، يەنە خىيال شۇنچىلىك، ئىرماش چىرماش ئايىغى چىقمايدىغان خىياللار، مېنى يەنە ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالدى،قۇدىلىشىدۇ، نېمە، ئۇ توي قىلامدۇ؟ياق ئۇنداق قىلسا بولمايدۇ؟
ھەر خىل سوئاللار، مېنى، ئازدۇرۇۋاتاتتى…
قەدەملىرىم جانسىز بېسىلىۋاتاتتى...
     





589 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-10 1:41:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-31 11:14:36 AY KOZAM
مەھەللەمىكى قىز دىگەن ئەسەرنىڭ داۋامىنى ساقلاپ تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ كەلدىم بارغانسىرى ئاستا بولۇپ كەتتى ھە…ي
2016-12-28 20:33:17 سۈرىيە
ئ‍اخىرى يوقمۇ،بۇنىڭ،،ئىملا خاتالىقى بەك كۆپكەن
2016-12-16 17:43:22 arkin
ئەسەرنىڭ مەزمۇنى سەل چۇشىنىكسىز،ئەسەرنى ئامال بار ئىخچام يازساڭلار.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ