مەن ئىرىمنى ياخشى كۆرىمەن(ھىكايە) - ماينۇر

مەن ئىرىمنى ياخشى كۆرىمەن(ھىكايە) 

 ماينۇر


 مەن ئىرىمنى ياخشى كۆرىمەن، بەلكىم بۇ گىپىمنى ئاڭلاپ كىم ئىرىنى ياخشى كۆرمەيدۇ، شۇنىمۇ گىپىم با دەپ دەپتۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما مىنىڭ بۇنداق دىيشىمدىمۇ ئۆزەمگە چۇشلۇق ئاساسىم با، مەن ئىرىم بېلەن 16يىللىق ئەر خوتۇن 16يىللىق ئىسىق- سوغۇقنى بىللە باشتىن كەچۈردۇق، نۇرغۇن ياخشى يامان كۈنلەدە بىللە بولدۇق، كىشىلەر ئەر ئاياللانى بىر ئېغىز گەپ بېلەن تۇققان، بىر ئېغىز گەپ بېلەن يات دىيشىدىكەن ، بەلكىم شۇ تاشقى ئامىل سەۋەبىدىنمۇ ياكى مەندىكى ئەخمەقلىقمۇ مەنمۇ شۇنداق ئۇيلايتتىم، مەن ئىرىمنىڭ قەلبىمدىكى ئورنىنى بەك كېچىكىپ ھېس قىلدىم ،ئىرىم ئادەتتە بەكمۇ كام سۆز، ئۆز ئىچكى ھېسىياتىنى بىلدۈرمەيدىغان مىجەزدىكى ئەر بولغاشقا، ئۇنىڭدىن دائىم ئاغرىناتتىم ،باشقا ئەرلەدەك ماڭا شىرىن -شىكەر گەپ قىلمايدۇ، خاتىرە كۈنلىرمىزگە پەقەت ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە مەن يوق باللا ئۈچۈنلا بىرگە ياشاۋاتىمىز دەپ ئويلايتتىم، ئەمما مەن بارا -بارا چۈشۈنۈپ يەتتىم مەن بەك خاتا ئويلاپتىمەن.

تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلار بارا-بارا بۇلانى ياخشى ئىسپاتلاپ بەردى، مەن دادام كەتكەن كۈندىن باشلاپ بۇ تولىمۇ ئاددى ئەمما مەن ئۈچۈن بىردىن بىر بولغان ھەمرايىمنى چۈشۈنۈشكە باشلىدىم، دادام بەك تۇيۇقسىزلا تۈگەپ كەتتى، بۇ قازا بىزگە بەك تۇيۇقسىز بىلىندى، ھەمدە نىمە قىلارىمىزنى بىلمەس ھالەتكە ئەكىلىپ قويدى، دادام شۇنداق كەتتى ،ئۆيىمىزدىكى بىردىن بىر ئەركەك بولغان ئىنىممۇ كىچىك بېشىغا جىق ئىش كەلمىگەچ تەمتىردى، دەل شۇ پەيتلەدە مەن چۈشەنمىگەن ئىرىم ئىنىم بېلەن تەڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، يۈگۈرۈپ يۈرۈپ دادامنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرنى ۋە نەزىر چىراق ئىشلىرنى شۇنچىلىك چىرايلىق ببر تەرەپ قىلدى، بەلكىم بۇنى ھەممە كۈيئوغۇل قىلدىغۇ دىيشىڭىز مۇمكىن، ئەمما مەن ئىرىمنىڭ جىمغۇر كام سۆز ئېغىر مىجەزىدىن، بۇخىل ھالەتتە ئىشلانى شۇنچىلىك ئەتراپلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدىم، تۇنجى رەت ئۇنىڭدىن سۆيۈندۈم، چۈنكى مىھرىبان دادامنى شۇ ھەمرايىم ئىنىم بېلەن بىرلىكتە ئۆز قولى بېلەن يەرلىكىدە قويدى.

 شۇندىن ئىتىبارەن ئۇ ماڭا يەنىمۇ كۈيۈنىدىغان يول قويىدىغان بولدى، دادام كېتىپ بىر يىلدىن كىيىن ئىنىمنى ئۆيلىمەكچى بولدۇق، ئويلىماپتىمەن بۇ ئىشتىمۇ ئۇ شۇنچىلىك تەشەببۇسكار ھالەتتە  ئىشلانى ئورۇنلاشتۇرۇپ بىر دادا زىممىسىگە ئالىدىغان جاپانى زىممىسىگە ئېلىپ شۇ تويلارنىمۇ ناھايىتى چىرايلىق ئاخىرلاشتۇردى، بۇ ئىشلىردىن مەن ئەمەس ئانام ئىنى سىڭىللىرىممۇ قەۋەتلا سۆيۈندى ۋە خۇشال بولدى، دائىم ئىنى سىڭىللىرىمنىڭ، يالغۇزۇم ئانامنىڭ غېمىنى يەپ تۇردى، ئىنى سىڭىللىرىممۇ ئاچا، دادىمىز كەتتىم ئاكام بىزگە كۈيىنىدۇ، ئۇ  دادىمىزنىڭ ئورنىدىكى ئاكىمىز دەپ ئۇنى ھۆرمەت بېلەن تىلغا ئالىدىغان بولدى، بىز 16يىل ئۆي تۇتۇش جەريانىدا 3پەرزەنتلىك بولدۇق. بىلدىمكى مەن ئۇنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆردىكۈنمەن، خاپا بوپ قالسام بىر نەچچە كۈن ئانامنىڭ ئۆيىدە يېتىۋالغىنىمنى ھېساپقا ئالمىغاندا، بىز توي قىلىپ ئايرىلىپ تۇرۇپ باققانمۇ ئەمەس، ياكى سەۋەپسزلا بىرە ئاخشام سىرتلاردا قونۇپ قالغانمۇ ئەر ئەمەس.

 بىر كۈنى ئىرىم بىر نەچچە دوسلىرى بېلەن ئاقسۇغا بېرىپ ئويناپ كەممەكچى بولغىننى ئېيتتى. مەنمۇ سەپەر تەييارلىقىنى قىلىشىپ چىرايلىق يولغا سېلىپ قويدۇم، ئۇ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىشىگىلا ئۆيۈمنىڭ يېرىمى يوقتەكلا بوپ قالدىم، ئۆز ئۆزەمگە ئاللا مەن يا كىچىك بالا بولمىسام دەپ پىچچىرلاپ كۈلۈپ قويدۇم. ئۇكۈنى شۇنچىلىك تەستە كەچ بولدى، كەچتە ئۇ تىلفون قىلىپ سالامەت كەلدۇق. بازار ئايلىنىپ تاماق يەپ ئەمدى ياتاققا ئورۇنلۇشۇپ تىلفون قىلدىم دىدى، ئاۋازىنى ئاڭلاپ قەۋەتلا خۇش بولدۇم. مەن ئەزەلدىن ئۇ ئۇرغان تىلفوننى بۇنداق خۇشال ئېپ باقمىغان ، ئەنسىرمىگىن باللاغا ياخشى قارا قويىۋېتەي  گەپ تۈگىشىگە قىياممىدىم، ئەمما ئېغىزىمدىن چىقىرالمىدىم.

 ئەتىسىمۇ چۈشلىكى قىسقا بىر تىلفونلاشتۇق كەچ بولدى. ئۆيلۈرۈم قۇرۇغدىلىپ قالغاندەك كۆڭلۈم پەرشان بولىۋاتاتتى، 3-كۈنى ئىچكى تۇيغۇمنى بېسىشقا بەرداشلىق بېرەلمىدىم. تىلفوندا يېنىپ كېلىڭ ئۆيدە سىز بولمىسىڭىز بولمايدىكەن دىدىم . ئەمما كۆزلىرىمدىن مۇنچاقلاپ ياش قۇيلۇشقا باشلىدى، ئەمما ئۇنڭغا بىلىندۈرمىدىم. ئۇمۇ ئەنسىرمىگىن ئەتە ماڭىمىز دىدى، تىلىفوننىمۇ قويدۇم يبغلاپ تاشلىدىم. باللىرىمنىڭ مەسخىرە قىلىپ كۈلىشىدىن خىجىل بوپ ئۆزەمنى ئوڭشىۋالدىم. ئەتىسى كەچ ئۇنى بىتاقەتلىك بېلەن كۈتتۈم. ئۇ كەلگۈچە ئايەم تەييارلىقى قىلغاندەك بارلىق ئۆيلەرنى تازلاپ چىقتىم، تاماق ئىتىپ يولىغا قارىدىم ئۇ بوسۇغىدىن كىرگەندىلا مەن ۋە باللىرىم شۇنداق خۇشال بولدۇق. مەن ئىرىمغا بىلىپ بىلمەيلا قانچىلىك دەرىقىدە ئىجىل بوپ كەتكىنىمنىمۇ مۇشۇنىڭدەك تۈرلۈك ئىشلادىن ھېس قىۋالدىم. ئەمدى بىلدىمكى ئۇ مەن نارازى بولغان ئەر مىنىڭ ئۆمۈر ھەمرايىم، كىيىنكى يۆلىكىم ئىكەن.

 دىمەكچىمەنكى ئىنسانچىلىقتا بۇنداق ئىشلا ھەممە ئائىلىدە بوپ تۇردۇ ئەمما ئىرىڭىزنى ھەقىقى چۈشۈنۈڭ. مەندەك يۈزەكى ئويلاپ خاتالىشىپ قالماڭ. ئۆز ھېسىياتىنى ئىپادىلەشكە ماھىر ئادملەرمۇ بولىدۇ، ئىشكى ھېسىياتىنى ئىپادىلەشنى خالىمايدىغان ھەممىنى ھەركىتى ئارقىلىق بىلدۈردىغانلارمۇ بولىدۇ. بىر ياخشى ئەر ئايالنىڭ ئۆمۈرلۈك يۆلىكى ھەمرايى سىردىشى بولىدۇ. شۇڭا كېچىكىپ ھېس قىلساممۇ شۇنى دىگۈم كېلىدۇ. ئىرىم مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، بىر ئائىلىدە ئۇششاق ماجىرالاردىن مۇستەسنا ئەمەس ئىكەنمىز. ئەمما ئۇرۇشۇشلىرىم ھەرگىز سىزنى ياخشى كۆرمىگىنىم ياكى باشقا ئىشلار ئەمەس. بەزىدە نارازىلىقىمنى ئەركىلىكىمنىمۇ شۇ ئۇسۇل بويچە بىر تەرەپ قىپ قويغان بولىشىم مۇمكىن. ئەمما بۇمۇ بىر ئىشەنچ ئىرىم كۆتىرىدىغۇ چۈشىنىدىغۇ دەيدىغان ئىشەنچ.  شۇڭا ئىرىم ھەرگىز مەندىن رەنجىمەڭ، يەنە بىر دەۋاغۇم كەلدى، مەن ئىرىمنى ياخشى كۆرىمەن!!
     





476 قېتىم كۆرۈلدى maynur ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-2 12:10:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ