يۈرۈكىم يىغلىماقتا (ھىكايە) - ​ مۇختار ئابلىز

 يۈرىكىم يىغلىماقتا
 مۇختار ئابلىز(كۈنەس ئارالتۆپە) 


   چوققىلىرى  بۇلۇتلارغا يوشۇرۇنغان ئابرال ئاق لىباس تېگىدە بەخىرامان ئۇخلىماقتا .ئۇنىڭ تومۇرلىرىدىن سىرىغىپ چۈشىۋاتقان «ئەركەك سۇ» نە توڭلىسۇن دەيسەن سەنجۇسەننىڭ سۆڭەكنى يارىدىغان سوغۇقىدا مۇز تۇتماي «شار،شار»قىلىپ ئاقماقتا . چوڭلار بىكار «ئەركەك سۇ » دېمگەندە ! ئون بەش كۈنلۈك تولۇن ئاي ئالقاندەك قىشلاقنى كۈندۈزدەك يورۇتۇپ تۇرماقتا. ئەتىراپ جىمجىت، پەقەت مەھەللە سىرتىدىكى قاشولارغا باغلانغان ئىتلانىڭ ئاندا ساندا قاۋىغان ئاۋازى ئىشىكنىڭ ئاراچلىرىدىن غۇۋا ئاڭلانماقتا. پايتىما، باجىنگىرلىرىمنى مەش تۈۋىدە قاقلىغاچ مۇنۇلارنى خىيال قىلىمەن « ئەتە قار قېلىنناراق ياغسىدى، چىغلىققا توشقان قوغلىغىلى  بارىمىز ، ياق ياق ئەتە دەريا بويىغا بېرىپ ياۋا ئۆردەككە قۇرغان قاپقانلىرىمىزنى كۆرۈپ كېلەيلى
ئەتە يەكشەنبىغۇ دەيمەن رۇستەمنىڭ توخۇلىرىنى سېتىشىپ بېرىمىز دېگەن .... ئەتە جۇماتاينىڭ بەش قاشقىسىنى ئون ئايلىنىشقا سالىدۇ دەيدۇ. شۇيەرگە بارساق بولارمۇ.....» ھەمدە مەشنىڭ يېرىقچىلىقلىرىدىن قارىغاينىڭ تارسلاپ كۆيۈشلىرىگە كۆزىمنى باغلاپ مۈگدەپ قالىمەن. قۇلاق تۈۋىمگە    دادام ئاپاملارنىڭ :                                                    -كۆمۈرنىڭ ئامالىنى قىلساق بولاتتى .تېزەككنىمۇ قالاپ بولىدۇق قارىغاينىڭ ئوتى كۈچلۈك بولغىنى بىلەن ئىسسىقى چىقمايدىكە .
-ئەتە مەن غوپۇر كۆمۈرچىنىڭكىگە بېرىپ باقاي . كۆمۈر ئەكەلدىمىكىن
-چۈشتىن كېيىن سىز يوق ھېيتەم ئوغلىنىڭ سۈننەت تويىغا ئېيتىپ كەپتۇ.
-قاچان ئىكەن
-سەيشەنبە .ئۇلارمۇ مۇراتنى ياتقۇزغان چاغدا ئوتتۇزسوم قويىپتكە .....بولىدى كېيىنچە بارارمەن
-ياق بېرىپ كەل خەقنىڭ ھەققى بىزدە قالمىسۇن . مەن ھېلىقى ياسىن موزدۇزغا بۇيرۇتقان ئۆتۈكنى تىكتۈرمەي تۇراي ....
-قانداقسىگە، ھېلىمۇ پۇتىڭىز قىشىچە ئاغرىپ يەر دەسسىيەلمەيۋاتىسىز . بۇلتۇر ئارشاڭغا بېرىپ كېلىڭ دېسەم چۆپ چاپىمەن دەپ ئۆتكۈزۋەتتىڭىز
…………………………………
-بولمىسا مۇراتنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن يىغىپ قويغان پۇلدىن ئازىراق ئىشلىتىپ تۇرايلى . مۇرات بەرىبىر باشلانغۇچنى پۈتتۈردىغانغا بىر يىل بار ....
-ياق!…………ئۇ پۇلنى ئېغىزىڭغا چىقارما . ئۇنىڭغا تەگسەك بولمايدۇ ... مەن بىر ئامالىنى قىلاي ....
دېگەندەك ئۈزۈك ئۈزۈك كۇسۇرلاشلىرى كەتمەيدۇ. يوتقاننى ئىككى قۇلىقىمغا چىڭ تۇتقىنىمچە ئۇخلاپ قالىمەن . دادام ئاپاملار ھەركۈنى ئاشۇنداق چىگىش پاراڭلار بىلەن ئولتۇرىدۇ. ئەيتاۋۇر قاچانلاردا ئۇخلايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن . «نېمىشقا ئۇنداق ئويلايدۇ . ماڭا ئوخشاش ئەتە نەگە بېرىپ ئوينايدىغانلىقى ، نېمە قىلدىغانلىقى توغۇرسىدا پاراڭلاشمامدۇ تازىمۇ بىر» ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا نېمىشقا بۇنداق ئويلايدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشىنىپ ئېغىر خورسىنىمەن .
    مانا تاڭ يورىشى بىلەن ئەتكەن چايغا زاغىرىنى چىلاپ چالا پۇچۇقلا ئىچتىم دە رۇستەملەر بىلەن چىغلىققا ماڭدۇق . ئەتتىگەنكى ھاۋا نېمىدېگەن ساپ ھە ! بىر قەۋەت ئاپئاق تۇمان قىشلاققا يېيىلىپ كەتكەن . پاكار پاكار ئۆيلەرنىڭ تۇرخۇنىسىدىن تېزەكنىڭ قويۇق كۈلىرەڭ ئىسلىرى . ئۆرلە ئۆرلىمەيلا تۇمانغا سىڭىپ كەتمەكتە . دەريادىن كۆتۈرلىۋاتقان ھور بىرخىل رىتىمدا كۈنپېتىشكە قايرىلىپ ئۇچماقتا . سۇغا چىققان جىلقىلار بىر بىرىدىن سۇ تالىشىپ بويىنلىرىنى سىلىكىگىنىچە كىشنەشمەكتە . كۈزنىڭ ئاخىرقى كېچىلىرىدە تۇخۇمدىن چىققان چۈجە خورازلار  مانا قاشۇ تۆپىگە قونىۋېلىپ چىللىشىۋاتىدۇ. زايىرنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قۇلاقچىسىنى مەن، تاي، رۇستەم ئۈچىمىز تالىشىپ .پومداقلىشىپ ماڭماقتىمىز ئاخىرى مۇنداق تەقسىمات قىلدۇق . مەن قۇلاقچىنى ھېزىم سەپىرانىڭ ئىشىك ئالدىغىچە كىيمەن . رۇستەم تېۋىلغىلىققىچە ،  تاي چىغلىققچە كىيىدۇ . زايىر بىچارە كەينىمىزدىن  ئۆپكىدەك قىزىرىپ قوغلىغىنچە « ئەكەل قۇلاقچامنى ! » دەپ ۋارقىراۋاتىدۇ . ھېچقايسىمىز پىسەنت قىلماي خىقىراپ قېچىۋاتىمىز . قۇلاقچا ئىسمىنا ئالمىشىپ چىغلىققا يېتىپ كەلدۇق. تىزىمىزدىن ئاشىدىغان قار تۆپىدە ھەربىر چىغ تۈۋىنى دىققەت بىلەن ئاختۇرىۋاتىمىز. ھېچ بىر توشقان تۇرماق ئۇنىڭ ئىزىمۇ يوق. ئىزدە ئىزدە ساي ئىچىگە كىرىپ قاپتۇق . سايىنىڭ يانباغىرلىرغا ئۆسۈپ قالغان يىتىم قارىغاي تۈۋىدە تۆت گەۋدە قار تۆپىدە چاسا قۇرۇپ ئولتۇرماقتا . توۋا ئاۋۇ ئۇچىسىغا كىنولاردىكىلەردەك پادىچىلار ئشتىنى كىيگەن پۇتىدا  سادىق باينىڭ ئوغلى كىيپ يۈرۈيدىغان سەۋىتنىڭ ئۆتىكى بار  ئۇزۇن چاچلىق «ئاكاش»ماڭا نېمىدېگەن ئوخشايدۇ.قارا ئۇنىڭ قاش كىرپىكلىرىگە، يەنە قارا ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئاۋۇخۇرۇم پەلتويىنىىڭ ياقىسىنى پات پات تۇتۇپ قويىدىغان ئۇستىخانلىق «ئاكاش» تايغا ئوخشايدىكە ئۇنىڭ يېنىدكىسىچۇ؟ رۇستەمگە ئۇنىڭ يېنىدكىسىچۇ؟ زايىرغا .....مەنلا ئەمەس بۇلارمۇ ھەيران قاپتۇ . تاي ئىختىيارسىز مۈرەمنى تۇتقاچ :
-ئاداش ئۇلار بىزگە ھەجەپ ئوخشايدىكەن -دېدى
«ئاكاش»لار ئۆزىنىڭ پارىڭنى قىلىپ ئولتۇرماقتا .بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلدۇق.
   بىر ھازادىن كېيىن زايىرنىڭ ئەنسىز چىرقىرغان ئاۋازى جان ئىمانىمىزنى چىقىرۋەتتى . ھەتتىگىنەي زايىرنىڭ ئوڭ پۇتى بېغىشىدىن ئىلىك تۇتىدىغان قاپقانغا چۈشۈپ قاپتۇ. بىردەمدىلا شۇرۇلداپ ئاققان قان بىر مېتىرچە ئارلىقىنى قىپقىزىل قىلىۋەتتى. ھەممىز قورقۇپ كۆزلىرىمىزدىن ياش ئېقىشقا باشلىدى . زايىر بىچارە ھوشىدىن كەتتى .نېمە قىلارىمىزنى بىلمەي . چىرقىراۋاتىمىز . تاي ۋارقىرغىنچە ھېلىقى «ئاكاش»لارغا
- ياردەم قىلىڭلار ! زايىر بولالمىدى .ھېيي ....-دېگىنىچە نالە قىلماقتا . ئەپسۇس ئۇلار ئاڭلىمىغان قىياپەتتە بىر نېمىلەرنى دەپ كۈلۈشمەكتە تايغا ئوخشايدىغان «ئاكاش»زايىرىغا ئوخشايدىغان «ئاكاش»نىڭ ئوڭ پۇتىنى تۇتۇپ قويماقتا . ئۇلاردىن ياخشلىق كەلمەيدىغانلىقىنى پەملەپ. ئۈچىمىز قۇلاقچىنى تەقسىملىگەندەك زايىرنى ھاپاچ قىلىپ چاپماقتىمىز . بىرىمىز ھاپاچ ئەتسەك ئىككىمىز كەينىدىن يۆلەپ .                            
    مانا  يىللار بىر بىرنى قوغلىشىپ  ، بۇرۇتلىرىمىزنى خەت  تاتقۇزدى . تايدىن باشقا ھەممىمىز تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ سىفەننىڭ چاقىرىقىنى ساقلاپ تۇرىمىز . تاينىڭ دادىسى ئاتتىن يىقىلىپ پالەچ بولۇپ قالدى .ئۆينىڭ چوڭى بولغان تاي ھەممە
ئېغىر يىنىك ئىشلىرىنى  ئۈستىگە ئالدى. يوقتىن ياخشى ساۋۇت سەيپۇڭغا شاگىرتلىققا كىرىپ ماشىنچىلىقى ئۆگۈنىۋاتىدۇ. تايغا ئىچىم سىيرىلىدۇ.ئوقۇشى ياخشى ئىدى بىز بىرلىكتە مۇئەللىم بولىمىز دەپ ۋەدىلەشكەن. تەغدىر دائىم ئىنسانغا كۈتكەننى ئەمەس پېشانىگە پۈتكەننى يولۇقتۇردېكەن  بايلارنىڭ بالىسىغا قارا  دەرىستىن دىم ئۇقمىسىمۇ يەنە شۇلارنىڭ دېگىنى راست . كىتابنىڭ يېڭىسى شۇلارنىڭ,بىزچۇ تىرىشىپ تىرمىشىپ ئوقۇساقمۇ يىل ئاخىرىدا تەغدىرنامىلەر يەنىلا شۇلارنىڭ مەيدىسىگە قاداغلىق. قىشلىقى ياتاققا ئاران بىر چېلەك كۆمۈر بېرىدۇ. ئاچچىق سوغۇقتا يوتقانغا كىيىم كېچەكنى سالمايلا شۇڭىغىيىمىز. بايلار ھەر ھەپتە ئۆيىدىن ئىككى تاغار كۆمۈر ئالغاچ كېلىدۇ. ئەڭ قىسقىسى دەرسىتە ئەڭ ناچار ۋەلى بودەك ، شامىل سېغىزلارغا چاقىرىق كېلىپ بولىدى .ھەممىز ئوخشاش ئادەمغۇ ! بىز نېمىشقا ئىتتىن بەتتەر كۈن كەچۈرىمىز .......
   دادام ئۇزۇن مەزگىل پۇت ئاغرىقىدىن رىماتىزىم بولۇپ قالدى . قىش كۈنلىرى ئەمەس، يازدا يامغۇر ياغسىلا چورت يەر دەسسىيەلمەيدۇ. ئەگەر تاي بولمىغان بولسا مەن ئوقۇيالمىغان بولاتتىم . ئۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشلىرىدىنمۇ باش تارتمىدى . مەن مەكتەپتىكى چاغلىرىمىدا تۈگمەنگە بۇغداي ئاپىرىپ ، سايدىن كۆتەك يىغىپ، چۆپىمىزنى چېپىپ .ئىشقىلىپ دادام ئاپاملارنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ مەكتەپ بوسۇغىسىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان چاغدىكى سىماسى ھېلىھەم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ . ئۇبېشىنى تۆۋەن قىلغان ھالدا بېرىزىنت سومكىسىنى مەھكەم قۇچاقلاپ مەكتەپ قورۇسىدىن يېنىك قەدەملەر بىلەن ئاتلىماقتا . سىنىپتىن ئېتلىپ چىقىپ تۇتىۋالدىم:
-نەگە ماڭدىڭ چىدىماس  ئىككىمىز  مۇئەللىم بولىمىز دېگەن ئىدۇققۇ . نەرىڭ ئوغۇل بالا ،ھۇ ئىت ئەمگەن ....-دەپ تىللاپ كەتتىمدە ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم . ئىككىمىزنىڭ
ئۈن تۈنسىز شۇھالەتتە قانچىلىك تۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن . تاي غۇلىچىمدىن يېشىنپ  مەكتەپ قورۇسىنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە كۆز يۈگۈرتۈپ كۈلدى . ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى سوغۇق كۈلكىسى مېنى ئەندۈكتۈرۋەتتى .چىرايىغا زورمۇزور مەغرۇرلۇق يۈگۈرتكىنىچە :
-ۋاي مۇشۇ مەكتىپىڭنى نەرى ياخشى ، مانا ئەمدى ئازادقا چىقتىم ....ئالە ماۋۇنى ئاياپ ئىشلەت -دېگىنىچە سومكىسىدىن ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سىياھ قەلىمنى قولۇمغا ئۇزىتىپلا ئارقىسىغىمۇ قارىماي چىقىپ كەتمەكتە . ھەرقانداق بىر ئەقىلى ھوشى بار ئادەم ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن ئۆكسىگەن سىمانى كۆرۈۋالالايدۇ. زايىر ، رۇستەملەر ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىدىغانغا ئۈلگۈرەلمىدى.
   مانا بۈگۈنىكىدەك چارلاشقان باشلىرىمنى يەرگە تىكىپ ئۇنى تىللىغانلىرىمغا پۇشايمان قىلىمەن .
   يەنە تۆتىمىز بىللە ساينىڭ يانباغىرىغا ئۆسكەن يىتىم قارىغاي تۈۋىدە . ئۇ بۇرۇنقىدىن خېلى ئېگىزلەپ قاپتۇ . پارڭلاشماقتىمىز مەكتەپتىكى ئىشلىرىمىزنى .پەقەت باشلانغۇچتىكى ئىشلارنىلا ھېچ قايسىمىز تولۇقسىزدىكى ئىشلارنى سۆزلىمەيمىز .چۈنكى ئۇ چاغدا تاي يوق . كۆڭلۈمىز بۇزۇلىدۇ . پاراڭلىشىۋاتىمىز «ئاننا كارىننا » «ئىزدىنىش » ، « پولات قانداق تاۋلاندى » توغۇرسىدا،پاراڭلىشىۋاتىمىز كەلگۈسىمىز ئۈچۈن زايىر ھاياجانلانغان ھالدادېمەكتە:
-مەن مۇشۇ يەرگە بىنا سالىمەن !
-ماڭە ۋا پۇتۇڭ يەنە قاپقانغا چۈشۈپ كېتىدۇ-دېگىنىچە تاي زايىرنىڭ ئوڭ پۇتىنى بوش تۇتۇپ قويماقتا..... كۆز ئالدىمغا ھېلىقى گۆدەك،سەبىيلىكىمىز ، ئۆملىكىمىز .مۇشۇ يەردە ئوينىغان ئويۇنلىرىمىز كەلمەكتە . ئەنە قارا  لەگىلەكلىرىمىزنى سىڭدۈرۋەتتۇق. تۇتقان توشقاننى كاۋاپ قىلىمىز دەپ كۆيدۈرۋەتتۇق. بىر بىرمىزدىن قىلچە ئۇيالماي قىپيالىڭاچ سۇغا چۈشتۇق. قىيالمايمەن بۇيەردىن كېتىشكە . بارلىقىم مۇشۇ كىچىككىنە قىشلاققا قېقىلىپ كەتكەن.......
   ھېلىقى «ئاكاش»لاريەنە پەيدا بولىدى . ئۇلار تاغام بىلەن تەڭتۇش بوپ قاپتۇ . تاغام ئوتتۇز بەش ياش . ئۇلاردىن ماڭا ، زايىرغا ،رۇستەمگە ئوخشايدىغانلىرى كەپتۇ . تايغا ئوخشايدىغان «ئاكاش» نەگە كەتكەندۇ ؟ ئۇلارنىڭ دىئالوگلىرىدا بۇرۇنقىدەك كۈلكە-چاقچاق يوققۇ . قارىسىلا ئادەمنىڭ ئىچى سىيىرىلىدىغان چىرايلار ،زايىرغا ئوخشايدىغىننى ،ماڭا رۇستەمگە ئوخشايدىغىنى قار تۆپىگە بېسىۋاپتۇ.            
    ھەر يىل ئەمەس، ھەركۈن ئەمەس، ھەر تۈنمۇ ئەمەس، ھەر قەدەمدە چوڭ بولىدىكەنمىز… تېخى بېلىمىز تولۇق قاتماي تۇرۇپلا .تاي ئىككىمىز دادىلىرىمىزنى كەينى كەينىدىن ئۇزۇتۇپ قويدۇق .تاينىڭ ئۈچ ئۇكىسى دادىسىنىڭ تاۋۇتىغا ئېسىلىپ گۆدەكلەرچە :
-دادا قاچان كېلىسە . دادا ! دادامنى نەگە ئاپىرسىلەر؟ - يىغلاشلىرى كۆزۈمنى قانىتىۋەتتى .
    ئوقۇش پۈتۈپ رۇستەم ئىككىمىز ناھىيلىك
ئوتتۇرامەكتەپكە تەقسىم قىلىندۇق . زايىر ناھىيەنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرى ئىدارىسگە تەقسىم قىلىندى. ھەر قېتىم خىزمەت خىزمەت دەپ قاتىراپ . قىشلاققا كۆپ چىقالمىدىم. تاينى ئەسلەپلا يۈرۈيمەن .بۇيىل ئۇنىڭ توي قىلغىنىغا ئون يىل بولۇپ قالدى .ھەي قانداقراق تۇرۋاتقاندۇ . ئاجايىپ يۈزسىز بولۇپ كېتىپ بارىمەن . مۇشۇ قىشلىق تەتىلدە چوقۇم ئۇنىڭ يېنىغا چىقىپ كېلەي دەپ ئويلىدىم . بىرنەچچە كۈندىن كېيىن زايىر ئىشخانەمگە تېلفون قىلدى . :
-ئاداش.......تاي......ئۇ.....-مىچچىلداپ يىغلاپ كەتتى . ئۇنىڭ سۆزىدىن تېنىم جالداقلاپ كەتتى دە
-نېمانداق تىلىڭنى چاينايسە تايغا نېمە ئىش بوپتۇ ؟ تېز ئيتقىنا !!!
-تاي بۈگۈن ئەتتىگەن قازا قىپتۇ ئاداش. ئەتە بامداتقا ئەچىقىدىكە- دېدى. ئۇدۇل ئايالىمنى ئىش ئورنىدىن چاقىرىپ قىشلاققا ماڭدۇق. يول بويى زايىر ماڭا چاقچاق قىلىۋاتىدۇ .ئۇنداق ئەمەس  ئۇ شۇنچە ساغلام ، جۇشقۇن تۇرسا ....ئۆز كۆڭلۈمنى خۇش قىلماقتىمەن .بۇ رېئاللىق مەن قوبۇل قىلىش ئەڭ تەس بولغان رېئاللىق . زايىرنىڭ ئېيتىقىن راسكەن...  زايىر ئاللىبۇرۇن كېلىپ بوپتۇ . رۇستەممۇ كەينىمىدىن ئۈنۈپ بولىدى. ئەل- ئاغىنە ئۈچەيلەن ئۇنىڭ مۇزدەك تېنىنى چىڭ قۇچاقلاپ يىغىلشىۋاتىمىز .ھۆڭرەشلىرىمىز تورۇستىكى تورلارنى لەپىلدىتىۋەتتى .جېنىم ئاغىنەم سەن ئۆلمىدىڭ .قارا چىرايىڭدىكى كۈلكەڭ ئۆچمەپتۇ جان جىگىرىم! سەندەك قەھىرىمان دوستۇمنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن . ئۆز جېنىڭ بىلەن ئىككى نارىسىدىنى سۇدىن قۇتقۇزدىڭ. ئەپسۇس، پەرزەنتلىرىڭ يىتىم بولىدى ....  
   تاينىڭ تاۋۇتىنىكۆتۈرىشىمىزگە ئۇنىڭ توققۇز ياشلىق ئوغلى دادىسىغا ئېسىلىپ .خۇددى ئۇنىڭ ئۇكىلىرى دادىسىنىڭ تاۋۇتىغا ئېسىلغاندەك :
-دادا نەگە بارىسەن . قاچان كېلىسە دادا ماڭا چانا ياساپ بەرمەكچىتىڭغۇ !-دەپ ئېسەدىمەكتە . كۆزۈم يەنە بىر قېتىم قانىدى.....
   تاينى يەرلىكىگە قويۇپ بولۇپ رۇستەم زايىر ئۈچىمىز چىغىللىقا چىقتۇق . تېنىمىزدە يىتىم قارىغاي تۈۋىگە چىقىپ ئولتۇرغىدەك مادار يوق .ھەممىزنىڭ كۆزىنى ئەشۇ يىتىم قارىغاي ئىسكەنجىگە ئالغان. ئۇنىڭغا تاينىڭ سىماسى ئېسىلغان. تۇيۇقسىز زايىر چىغلىقتا ئۇياق بۇياققا ساراڭلارچە مېڭىۋاتىدۇ. رۇستەم ئىككىمىز ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ قار تۆپىگە مەھكەم بېسىۋالدۇق . زايىر ئەسەبىيلەشكىنىچە :
-مېنى قويۋېتىش .مەن قاپقانغا دەسسەيمەن . قاپقانغا دەسسەيمەن .تاي مېنى كۆتۈرىدۇ....-خىرقىرماقتا . قاچانلاردىدۇر بىر دۈمچەك بوۋاي يىتىم قارىغاي تۈۋىگە ھاسسىنى يۆلەپ قويۇپ ئولتۇرماقتا. چاچلىرى قارىدەك ئاقارغان ، يول يول قورۇقلار باسقان يۈزى سوغۇقتىن كۆكەرگەن....ئۇ ئىچىدە بىرنېمىلەرنى دېگەچ گاھى كۈلسە گاھى يىغلايتتى. غۇلىچىمىزدىن زايىرنى قاچۇرماي سۈكۈت ئىچىدە بوۋايغا قاراپ تۇرماقتىمىز ....ئۇ بوۋاي مېنىڭ بوۋاممىدۇر ماڭا نېمانداق ئوخشايدۇ ؟.....
    تەغدىر بىزگە ئارقا ئارقىدىن ئېغىر چاقچاق قىلدى . رۇستەمنى تايغا ھەمراھ قىلىپ قويغىنىمىزغا يىگىرمە يىلىدىن ئاشتى . مانا بۇلتۇر زايىرنىڭمۇ تىنىقى توختىدى. زايىر سەكىراتىتىكى چېغىدا كۆزىنى بىلىنەر بىلىنمەس ئېچىپ :
-ئاداش نېمىگە يىغلايسەن مەن تاي، رۇستەملەرنىڭ يېنىغا بارىمەن .ئۇلارنى ئويغۇتۇپ كېلەي. ئۇلار بەك ئۇزۇن ئۇخ....لاپ...كەت...تى -دېگىنىچە قايتىدىن مەھكەم يۇمدى.
   يىتىم قارىغاي تۈۋىگە ھاسامنى يۆلەپ . ئۇلارنىڭ ئويغىنىپ كېلىشىنى كۈتىۋاتىمەن .
-زايىر نېمانداق تېخىچە ئويغىتالمايسەن. چۈشۈمدە ئۈچۈڭلار يېنىڭلارغا چاقىرۋاتىسىلەر . قوپۇڭلار ئويغىنىڭلار ! تاي ئەنە سەن كامالكامنىڭ ئىتىدىن قېچىۋاتىسەن . زايىر قارا قاپقانغا چۈشكەن پۇتۇڭدىن ئاققان قانغا ، ھەجەپ قورقۇتتۇڭ....رۇستەم باغىدىن ئوغۇرلاپ كەلگەن ئالمىلىرىڭ بارمۇ يەنە تازا بىر قېنىپ يەي ... تاي ماڭا تىكىپ بەرگەن كاستىيۇمىڭ كىچىك كېلىپ قالدى يەنە بىرنى تىكىپ بەر ...تۈگمەنگە يالغۇز كېتىپ بارغىنىڭنى قارا توختا مەنمۇ بارىمەن
…………………………………
ھەي گەپ قىلىڭلار ماڭا قاراپ كۈلىۋەرمەي . توختاڭلار ھەي توختاڭلار كەتمەڭلار .مېنى بىللە ئېلىپ كېتىڭلار!  يۈرىكىم يىغلاپ كىتىپ بارىدۇ . توختىتىڭلار يىغامنى !!!
ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ . ئۈندىدار:1517591185





572 قېتىم كۆرۈلدى kanan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-6 21:35:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-22 17:36:10 مەرھابا
قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن ، داۋاملىق ئېسىل ئەسەرلەرنى سۇنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
2017-4-16 19:18:23 ئالىيە
ياخشى يېزىپسىز،تېخىمۇ تىرىشىڭ 😘
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ