تۇنجى مۇھاببەت (پوۋىسىت) 1-قىسىم - نۇرئەلىجان نۇرۇم

تۇنجى مۇھاببەت 

(پوۋىسىت) 1-قىسىم 

 نۇرئەلىجان نۇرۇم


   سىز ھاياتىنى قانداق چۇشىنىسىز؟ بۇھاياتقا قانداق قارايسىز؟ مەن ئۇچۇن ھايات بىلمىگەننى بىلىدىغان، كۆرمىگەننى كۆرىدىغان ئاددى بىر مۇساپە خالاس بىراق بىرقىتىمىلق ئىشتىن كىيىن بۇقاراشلىرىم تۇپتىن ئۆزگەردى…
  مىنىڭ ئىسمىم نۇرلان ئادەتتە دوسلۇرۇمنىڭ ھەممىسى مىنى نۇر دەپ چاقىرىدۇ ئۇلارنىڭ بۇنداق چاقىرىشلىرىغا كۆنۇپمۇ قالغان ئىدىم…
    مەن مەكتەپتە ئوقۇيمەن بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرنىڭ بىرىنجى يىللىقىغا چىققان ئىدىم، مەن بۇ مەكتەپكە كىرىپ سىنىپ ۋە سىنىپ مەسئۇلى، مەكتەپنىڭ قائىدە تۇزۇملىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم، سىنىپ مەسئۇلىمۇ خۇش چىراي، ئوچۇق بولۇپ ئىسمى ئائىشە ئىدى.مەن ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى ئوبدان چىقىشىپ قالدىم…
    مەن كىرگەن سىنىپقا مەن تولۇقسىزدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم ھۇسىننمۇ كىرگەن ئىدى… ئۇمىنى چاقىرغاندا نۇر دەپ چاقىرغاچقا بۇسىنىپتىكى يىڭى ساۋاقداشلىرىممۇ مىنى شۇنداق چاقىردىغان بولىۋالدى…
   بىز ئوقۇش باشلاپ بىر ئىككى كۇندىن كىيىن سىنىپىمىزغا گۇزەل ئىسىملىك بىر قىز ساۋاقداش كەلدى، سىنىپ مەسئۇلىمىز ئۇنى بىر قۇر تونۇشتۇرۋەتكەندىن كىيىن ئۇنى مىنىڭ ئالدىمدىكى ساۋاقدىشىمنىڭ يىنىغا ئورۇنلاشتۇردى… ئۇ شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدىكى خۇددى رىۋايەتلەردىكى پەرىلەرگىلا ئوخشايتى… ئۇنىڭ كۇلۇشلىرى شۇنچىلىك ئوماق ئىدى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق گۇزەل ئىدى، شۇچاغلاردا قەلىب ئىشكىمنى بىرسى چەكتى، سۇلغۇن ھالەتتە ئىشىكنى ئاچتىم ئۇقىز ماڭا قاراپ كۇلۇپ تۇراتتى… مەن ئۇنى ياخشى كۆرۇپ قالغان ئىدىم…
     ئون مىنۇتلۇق تەنەپپۇس ۋاقتىدا ئۇنىڭ يىنىغا كەلدىم ۋە مۇلايىملىق بىلەن سۆز باشلىدىم: ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، ئىسمىم نۇرلان، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ سىز بىلەن تونۇشقۇنىمدىن خۇشالمەن … ئۇماڭا  تىكىلىپ قاراپ بىردەم تۇرۇپ قالدى… مەن يەنە سۆزلىرىمىنى قايتا تەكىرارلىدىم: ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، ئىسمىم نۇرلان، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ سىز بىلەن تونۇشقۇنىمدىن خۇشالمەن…ئۇ ئىسىنى يىغىپ يەرگە قارىۋالدى ماڭا بۇقىزنىڭ قىلىقلىرى كۇلكىلىك تۇيۇلىۋاتاتتى… ئۇ بىردەمدىن كىيىن : مەنمۇ سىز بىلەن تونۇشقىنىمدىن خۇشالمەن…
دىگەن گەپلەرنى دەپ بولۇپ يەنە يەرگە قارىۋالدى… مەن ئەمدى ئىغىز ئاچاي دەپ تۇرسام تەنەپپۇس ۋاقتى توشۇپ سىنىپقا ئوقۇتقۇچى كىرىپ كەلدى…
داۋامى بار…
ئاپتورى : نۇرئەلىجان نۇرۇم
    





580 قېتىم كۆرۈلدى nurum ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-3 5:54:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-5 23:05:10 ئابدۇمىجىت
ياخشى چىقىپتۇ ئاخىرىغا تەشنا مەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ