بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 2-بۆلۈم 2-قسىىم

 بۈيۈك ئاشىق

 (پوۋىسىت) 2-بۆلۈم 2-قسىىم

                    
شۇنچىلىك ئازاب ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بولساممۇ بىرسى قۇلاق تۈۋىمدە، ئۇنى ئويلاپ ئۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ ئازابىڭنى يۇشۇر، ئۇنى خاتىرجەم قىلغىن، دەپ پىچىرلىغاندەك بولدى.شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ.ئۆزۈمنى زورلاپ ئورنۇمدىن ئاستا تۇردۇم.ھېچ ئىش بولمىغاندەك مەجبۇرىي ھالدا.»ھەيئەخمەق، مەنمۇ شۇ، سىزنى بەختلىك  بولسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن  بەختىڭىزنى مەندىن تېپىڭ ياكى باشقىلاردىن تېپىڭ سىز بەخىتلىك بولسىڭىزلا مەن خۇشال بۇلىمەن بۇ غېرىبانە كۆڭلۈممۇ ئارام تاپىدۇ، بولدى مەندىن ئەنسىرمەڭ بىز ئوغۇللارنىڭ مەجبۇريىتىمىز ۋە مەسئۇليىتىمىز بولسا سۆيگەن قىزىنى بەخىتلىك قىلشتىن ئىبارەت ئىكەن مەنمۇ مەجبۇريىتىمنى،مەسئۇليىتىمنى ئورۇندىماقچى ئىدىم خالاس، بوپتۇ ئۇنچىلىك قىلشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق مەن دىگەن ئوغۇلبالا قانداقلا ئىش بولسا كۆتۈرەلەيمەن》 ئۆزۈمنى زورىغا ھالدا·مەن يەنە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ 《سىز ھازىر بەخىتلىكمۇ؟كۈنلىرڭىز خۇشال ئۈتىۋاتامدۇ؟ ئۇنى ياخشى كۆرەمسىز؟》دىگەن سۇئاللارنى ئارقىمۇ ئارقا سورىدىم·ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ 《ئۇمۇ ماڭا بەكلا كۈيۈنىدۇ ئۆزۈمنى بەخىتلىك دىسەممۇ بۇلىدۇ ئۇمۇ سىزگە ئوخشاش ۋىجدانلىق غۇرۇرى ئۈستۈن ئاخكۆڭۈل يىگىت ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭا ياخشى يىگىتتىن ئىككىسى غەمخورلۇق قىلۋاتقان تۇرسا قانداقمۇ بۇ بەخىتتىن شۈكۈر ئېيتالمىغۇدەكمەن 》شۇنداق دىدى مىيىقىدا كۈلۈپ قۇيۇپ ئۇنىڭ بۇنداق كۈلىشىنى تۇنجى قېتىم كۆردۈممۇ ياكى بۇرۇن كۆرگەن بولساممۇ دىققەت قىلمىدىممۇ بۇ قېتىم ئۇنىڭ مىيقىدا كۈلگەن ھالتىنى كۆرۈپ يۈركۈم شۇررىدە قىلىپ قالدى مەنمۇ گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالدىم ئۇنىڭ مىنىڭ گەپ تاپالمىغنىمنى سېزىپ قالغاندەك《 ئىنساندا ئالدىن بىلەر ئىقتىدار بولمايدىكەن ئىككىمىزنىڭ ئايرىلغىنىمىزغا 5- يىل قەدەم قويۇپتۇ بىراق سىز مىنى ئۇنتۇپ قالماي بۇرۇنقىدەكلا مىنى ياخد ئىتىپ كۆڭلىڭىزنىڭ يۇقىرى قاتلاملىردا مىنى ياخشى كۆرۈپ كەپسىز بۇنىڭدىن مەن بەكمۇ خۇشال بولدۇم ھازىرقى خۇشاللىقىم چېكىگە يەتتى ئەمما بايا دىگەندەك ئىقتىدارىم بولغان بولسا سىزنىڭ مىنى ئىزدەپ كىلدىغىنىڭىزنى ئالدىن بىلۋېلىپ مەنمۇ سىزنى كۈتۈپ تۇرغان بۇلاتتىم بەكمۇ ئەپسۇس مىنى كەچۈرۈڭ مەن ئۇنداق قىلالمىدىم ئەمما مەن سىزنى قەلبىمدىكى بۈيۈك ئورۇنغا قۇيۇپ ھۆرمەت قىلىمەن مەن پەقەت مۇشۇنچىلىكلا قىلالايدىكەنمەن بىرلا ۋاقىتتا ئىككى يىگىت بىلەن يۈرسەم ۋىجدانىممۇ مىنى كۈندە ئەدەپلەيدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ئىككڭلاردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن ئۇنداق قىلسام تەڭرىمۇ مىنى جازالايدۇ ھەم ئايرىۋېتىدۇ  》ئۇ شۇنداق دىگەچ يېشىنى سۈرتتى ئۇ يەنە گەپ باشلىدى《 ئادەمنىڭ تەقدىر قىسمىتى ھەر خىل بولدىكەن بۇ شەھەردە بىر قىزنىڭ ئۆزى يالغۇز پۇت تېرەپ تۇرالىشىمۇ ئاسانغا چۈشمەيدىكەن ئەنە شۇنداق قىيىنچىلىقلاردا قالغان ۋاقىتلىرىمدا ئۇ ئۇچراپ قالدى قىيىنچىلىقلىرىمنى ھەل قىلىشىپ بەردى مىنى قوغدىدى غېرىپلىق يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرمىدى بار بارا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى ھېس قىلدىم بەلكىم ئۇمۇ ئۆز تۇيغۇسىنى ھېس قىلدى بولغاي ، ئۇ مىنى كۈندە دىگۈدەك ئىزدەپ كىلەتتى كۈندە ئۇچۇرشاتتۇق ئۇنى خېلى چۈشۈنۈپ قالغان ئىدىم ئۇنىڭ ئەسكى يىگىت ئەمەسلىكىگە ئىشەنچىم تىكلەندى ئۇنى قەلبىمدە ھۆرمەتلەيدىغان ياردەمگە ئېھتىياجلىق ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا يۆلەنگۈم كىلدىغان بولۇپ قالدىم ئۇمۇ مەن ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا ئالدىمدا ئۈنۈپ بۇلاتتى مىنى ئاسىرايتى ئۆزىدىن ئارتۇق كۆڭۈل بۆلەتتى شۇڭلاشقىمۇ بوش قالغان  قەلىب ئورنۇمنى پۈتۈنلەي ئۇ ئىگەللىۋالغان ئىدى بىر كۈنى ئۇ ماڭا بىر دەستە گۈل تۇتۇپ ماڭا تەلەپ قويدى خۇشاللىقىمدا ئۇنىڭ تەلىپىگە قۇشۇلدۇم ئەمىليەتتە مەنمۇ ئۇنىڭ تەلەپ قۇيىشىغا ئىنتىزار ئىدىم ·شۇنداق قىلىپ بىز يۈردۇق ھەر كۈنى دىگۈدەك خۇشال ئۆتتۇق يۈرۋاتقىلى ئۇزۇن بولغاچ ياندا بارى قەدىرسىز دىگەنگە ئوخشاش ئۇنىڭ مىجەز خۇلىقى ئۆزگەردى دەسلەپتە ئانچە مۇنچە مەندىن خاپا بۇلىدىغان ۋاقىت ئۆتىشى بىلەن مەندىن خاپا بۇلىدىغان ھەتتا ئاچچىقى كەلسە مىنى ئۇرىدىغان بۇلىۋالدى نىمىشقا ئۇنچە ئۆزگىرەيدىغىننىڭ سەۋەبىنىمۇ تېپىپ چىقتىم ئۇ بۇلار بولماس ئەل ئاغىنىسنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ھاراق ئىچىدىغان كۈن كۈنلەپ مەس يۈرۈيدىغان بۇلىۋالدى بەزى كۈندە كۆرۈشسەكمۇ ئۇنىڭ ئاغزىدىن بەدبۇي ھاراقنىڭ پۇرقى چىقىپ تۇراتتى كەيىپ بوپ قالسىلا بىز سوقۇشۇپ قالىمىز باشقا ۋاقىتتا شۇنداق ياخشى 》دەپ ماڭا تىكىلىپ تۇرغان كۆزىنى يەرگە قارتىۋالدى ·ئۇنداقتا ھازىرچۇ؟ سوردىم مەن ، ئۇ يەنە گەپ باشلىدى《ئۇ ھازىر خېلى تۈزۈلۈپ قالدى بۇرۇنقىدەك ئېغىر ئىچىۋالمايدۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتەي دىسەم ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ھەم ماڭا قىلغان غەمخورلىقىغا يۈز كىلەلمەيمەن بىرىنى كۆرۈپ بىرىدىن ۋاز كىچىش بەكمۇ ئازاپلىق 》شۇنداق دەپ توختاپ قالدى مەنمۇ ئاغزىمدىن قانداق بۇلۇپ چىقىپ كەتكىننى سەزمەيلا《 خۇددى ئىنىمنى كۆرۈپ مىنى ئۇنۇتقىنىڭىزدەكمۇ؟》شۇنداق دەپ سورىدىم ئۇ ۋىللىدە قىزىرىپ 《ئۇنداق ئەمەس مىنى ئىنىڭىز بىلەن راس يۈردى دەپ ئويلاۋاتامسىز بەك ئەخمەق ساددا ئىكەنسىز ئىنىڭىز ماڭا سىزنىڭ ئارقىڭىزدىن قانچىلىك يامان گىپىڭىزنى قىلغىننى سىز بىلمەيسىز ئىنىڭىزنىڭ دىگەن گەپلىرنى ئاڭلىسىڭىز مەن ئەمەس سەزمۇ راس دەپ بىلىپ قالاتتىڭىز  مەنمۇ شۇ ۋاقىتتا ئىنىڭىزنىڭ گەپلىرگە ئىشىنىپ كىتىپ سىزدىن ئۆچ ئېلىش ئۆچ ئالالمىسام سىزنىڭ ئىچىڭىزنى ئادىتىش ئۈچۈن ئىنىڭىزنى ئەخمەق قىلىپ يالغان يۈرۋالغان ئىدىم كىيىن سىز بىلەن ئۇچۇرشۇپ ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىپ ئىنىڭىزگە راستىمنى ئېيتىپ ئۆز يولۇمغا ماڭدىم سىزمۇ ئىنىڭىزنىڭ سىزگە دىگەن گىپىگە ئىشىنىپ شۇنچە يالۋۇرۇشلىرىمغىمۇ قارىماستىن چۈشەندۈرۈشلىرىمنىمۇ ئاڭلىماستىن مەندىن ۋاز كېچىپ ئايرىلىپ كەتتىڭىزغۇ》ئۇنىڭ بۇ گەپلىرنى ئاڭلاپ خىجىللىقتا يەرگە قارىۋالدىم
داۋامى بار…
پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز  ئۈندىدار  1840323190
     





227 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-1 16:55:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ