دادا پەرىشتە - ئوقۇپ يىغلاپ تاشلىدىم

دادا پەرىشتە

 

يازغۇچىلار تورىدىن … metro -يازمىسى

www.yazghuqilar.com

 

 -دادىسى ئازاراق سۇ ئىچكەنتىم، شۇمۇكۆڭلۈمنى ئېلىشىۋاتىدۇ، ياندۇرىدىغان ئوخشايمەن.

 - ھەي سىزىكىڭ بەك قاتتىق بولۇپ كەتتى.  بىرەر نەرسە يۇرتمىغىلى ئۈچ كۈن بولدۇغۇ ساڭا!؟

 - ھېچقىسى يوق ، چىدايمەن.

 … ئۈچ ئايدىن كىيىن…

 - دادىسى قاراڭ بالىڭىز قۇرسۇقۇمدا شوخلۇق قىلىپ مېنى تىپىۋاتىدۇ. گەپ قىلىپ قويىڭە.

 - ئوماق بالام ، ئاپاڭنى تولا بوزەك تاپما ، گەپ ئاڭلا ، مەن سېنى سىلاپ قوياي - ھە …

 ...بۇۋاق تۇغۇلغاندا ...

- ئاپىسى ، رەھمەت ساڭا ، جاپا چەكتىڭ ، ماڭا شۇنداق ئوماق بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگىنىڭگە.

 - سىزنىڭ ئەمەس ئۇ مېنىڭ - ھە!!

… بۇۋاق بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە...

 - ئوماق قوزامنى، قارا مەن ساڭا نىمە ئەپ كەلدىم ، قارا يېڭى كىيىم ، قارا ماۋۇ ئۇيۇنچۇقۇڭنى، داداڭنى سېغىندىڭمۇ، ئاپاڭنى يەنە ھاردۇرۋەتتىڭمۇ ، ئاپاڭ بىرەر كىچىمۇ تۈزۈك ئۇخلىيالمىدى ، ھە …كەپسىز … كەپسىز …

 - دادىسى ، ئۇ بۈگۈن سىزنى سېغىنىپتۇ ، دادا ، دادا دەپ تىلى چىقتى ، تېخى ئۆرە تۇرىمەن دەپ. دادىسى ئويۇنچۇقنى ئالماي تۇرسىڭىز بولاتتى ، ئىقتىساتتا قىينىلىپ قالارمىزمۇ؟

- ھېچقىسى يوق ئاپىسى ، قوشۇمچە ئىشلىسەم تولۇقلىۋالىمىز

- قاراڭ بەك ئورۇقلاپ كىتىپسىز.

- سەنمۇ شۇ ئاپىسى.

… ئۈچ ياشقا كىرگەندە ...

- دادىسى سىزگە ئازىراق تۇخۇم پۇشۇرۇپ ئېلىپ قويغانتىم ، ئىشتىن كەلسە يەر دەپ.

 - ياق ئاپىسى ئوغلىمىز يىسۇن ،ئۇ ئوزۇقلىنىشقا مۇھتاج.

 - ئېغىر ئىشلەۋاتسىڭىز.

- ھېچقىسى يوق ، قارا تەمبەلدەك تۇرسام.

 … بالا ئالتە ياشقا توشقاندا...

 - بالام ، قارا داداڭ ساڭا بۇ بىر قۇر كىيىم ، سومكا ، دەپتەر - قەلەم ئېلىپ كەپتۇ ، بۈگۈندىن باشلاپ مەكتەپكە بارىسەن ، ياخشى ئۇقۇ ھە!!

 - ئاپىسى ، خاتىرجەم بول ، ئوغلىمىز ئەقىللىق ، چوقۇم ياخشى ئوقۇيدۇ.

 - دادىسى ، كىيىملىرىڭىزنى تىكىپ بىرەي سېلىپ بىرىڭ، بىرەر ئىشتان ئېلىۋالسىڭىز بولاتتى.

 - مەن دىگەن ئەر كىشى ، تىكىپ ، ياماپ كىيسەم بولىۋېرىدۇ ، ساڭا بىرەر يېڭى كىيىم ئېلىپ بىرەلمەي كۆڭلۈم بەك يېرىم مېنىڭ.

 - ئوغلىمىز كىيگىنى مېنىڭ كىيگىنىم ، يىگىنى مېنىڭ يىگىنىم، …

 - دادا توپ ئەپبىرە !!

- ماقۇل بالام ،ئەپ بىرەي.

- دادىسى ئۆيدە چىقىم كۆپ بولىۋاتسا…

 - ھېچقىسى يوق ئاپىسى ، بىر ئاز زىيادە ئىشلەپ قويساملا بولىدۇ.

 … بالا ئون ئىككى ياشقا كىرگەندە …

 - دادا ، مۇئەللىم بىزنى ئوقۇش پۇلى ، كىتاپ پۇلى ئېلىپ كىلىڭلار دەيدۇ، ئايىقىممۇ تىشىلىپ قاپتۇ.

 - بولىدۇ بالام مەن بۈگۈن كەچتىلا تەييارلاپ بىرەي، ئاياقنىڭمۇ يېڭىسىنى ئەپ بىرىمەن.

 - دادىسى ، ئۆيدىكى بارلىق پۇلنى ، ئۇن - ياغ ، كۆمۈر پۇلى قىلىپ ،ئاشقىنىنى چوڭلارغا ئاپىرىپ بەرگەن تۇرساق ، قانداقمۇ تەييارلاپ بىرەرسىز.

 - ھېچقىسى يوق ئاپىسى ، باشقىلاردىن ئۆتنە ئېلىپ تۇراي ، قوشۇمچە ئىشلەپ قايتۇرارمەن، جېنىم تېنىمدىلا بولىدىكەن بالىمىزنى بوينىنى قىسىپ قويمايمەن …

- دادا ، ساۋاقداشلىرىم ۋەلسىپىت مىنىپتۇ.

 - بالام باشقىلارنى دورىمىغىن ، داداڭ چوڭ ئائىلىنى يەنە بىزنى باقىمەن دەپ كىچە - كۈندۈز ئىشلەپ جاپا تارتىۋاتىدۇ.

- بالام خاتىرجەم بول ساڭىمۇ ۋەلسىپىت ئەپ بىرىمەن

- دادىسى بۇ…

- خاتىرجەم بولغىن ئاپىسى بالىمىزنىڭ كۆڭلىنى ياندۇرمايلى، ئازاراق كۈچەپ ئىشلىۋەتسەملا بولىدۇ.

 … بالا ئون سەككىزگە كىرگەندە …

 - دادا ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم ، ئوقۇش پۇلى يۇقىرىكەن.

 - يارايسەن ئوغلۇم ، سەندىن پەخىرلىنىۋاتىمەن ، ئوقۇش پۇلىدىن غەم قىلما داداڭ بار.

 - دادىسى ، ئوغلىمىزغا تەييارلىغان پۇللار بەك ئازلىق قىلغۇدەك - ھېچقىسى يوق، چوڭلاردىن مىراس قالغان ئۆيلەرنى ساتايلى ، ئۇنىڭغا كىيىم - كىچەكنى كۆپەرەك تەييارلاپ بەر ، يەنە مەكتەپكە بارسىمۇ پۇل لازىم قىلىدۇ.  بالىمىزنىڭ بوينىنى قىسىپ قويمايلى!!

 … بالىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتى …

 - دادىسى ، بالىمىزدىن خەت كەپتۇ ، ئۇ بىزنى سېغىنغانلىغىنى يېزىپتۇ.

 - ئاپىسى ، ئوغلىمىزغا پۇل سالايلى ، مەن مۇئاشىمنى ئالدىم ھەممىنى ئەۋەتىپ بىرەيلى.

 - دادىسى ، ئۆيىمىزگە نىمىنى خىراجەت قىلىمىز؟

- ھېچقىسى يوق ئانىسى ، مەن قوشۇمچە يەنە بىر ئىش تاپتىم.

 … يىگىت توي قىلغاندا …

 - دادىسى قەرىز ئالغان پۇللارمۇ ئازلىق قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ.

 - ھېچقىسى يوق ئانىسى ، يەنە ئالايلى ، بۇ ئوغلىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ مەرىكىسى، راۋۇرۇس قىلىپ بىرەيلى.

 - قەرىزنى قانداق قايتۇرۇپ بولارمىز؟

 - مۇئاشىم بىلەن قايتۇرساق ، قوشۇمچە ئىشلىگىنىمنى ئۆيگە خىراجەت قىلارمىز.

 - ئوغلىمىزنىڭ مۇئاشىدىنمۇ سۇراپ باقايمۇ؟

- بالىلارنىڭ بوينىنى قىسما!!

 … دادا پىنسىيەگە چىققاندا …

- دادىسى ، بالىلار ئالدىراشكەن ، نەۋرىلەرگە قارىيالمايۋاتقۇدەك.

 - ئۆيگە ئەكىلىپ بەرسۇن بىز قاراپ بىرەيلى.

 - چارچاپ كىتەرسىزمۇ ، سالامەتلىگىڭىزمۇ ناچار.

 - ھېچقىسى يوق ئانىسى ، نەۋرە تاتتىق ، نەۋرە تاتتىق…

… دادا ، ئانا يالغۇز قالغاندا …

 -ئانىسى ، بالىلارغا تىلفۇن قىل ، سېغىنىپ قالدىم ، نەۋرىلەرنىمۇ كۆرگۈم كەلدى ، بىر كىلىپ كەتسۇن.

 - تىلفۇن قىلدىم. دادىسى بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق دەيدۇ ، نەۋرىلەرنىڭمۇ ئۆگۈنىشى چىڭ دەيدۇ.

 - ھە بوپتۇ … بوپتۇ … دەخلى قىلمايلى!!

 … دادا ، ئانا ياشىنىپ قالغاندا …

 - ئانىسى بالىلارغا نىمە بولدى؟ ئۇزۇن بولدى كەلمىگىلى ، نەۋرىلەرمۇ ئالىي مەكتەپلەرگە كىتىپ غېرىپسىنىپ قالدىم. بالىلار بىر كەلسە بولاتتى.

 - ئۇلارغا تىلفۇن قىلغانتىم دادىسى ، خىزمەت بېسىمى بەك ئېغىر ، دەم ئېلىشقىمۇ قويۇپ بەرمەيۋاتىدۇ دەيدۇ.

 - ھە، بوپتۇ ، بارغۇدەك ماغدۇرۇم بولغان بولسا بېرىپ كۆرۈپ كىلەتتىم ، بوپتۇ … ئاۋارە قىلمايلى.

 … دادا ئاغرىپ قالغاندا …

 - ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئوغلۇم ، داداڭ ئاغرىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى ، بىر كەلسەڭ بوپتىكەن!!

-ئانا مەن كاماندۇرۇپكىدا ئىدىم ، قايتىساملا يىتىپ باراي ، دادامنىڭ ئەھۋالى قانداقاراق؟

-ياخشى!!

..دادا سەكىراتقا چۈشۈپ قالغاندا …

 - ئانىسى ، بالىلار كەلمەيدىغۇ ، كۆزۈم يۇمۇلغىچە ھەممىسىنى بىر كۆرىۋالسام بولاتتى …ئۆھۆ … ئۆھۆ … …ئانىسى ئۇلار نى چاقىرساڭ بوپتىكەن. ئانا يېشىنى سۈرتۈپ تىلفۇننى باستى، لېكىن تىلفۇنلار بەك ئالدىراش ، دادا ئىشىككە قارىغىنىچە ئاستا كۆز يۇمدى… بۇ ئاتا مىھرىنىڭ كىچىكىنە بىر تامچىسى ، جاپاكەش ، مىھرىبان ئاتىلارغا بېغىشلايمەن !!!

-جاھاندىكى بارلىق دادىلار ئامان بولسۇن! دادىڭىزنى يوقلاپ قويۇڭ! تىخىمۇ كۆپ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇڭ!! - باشقۇرغۇچىدىن!





5792 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-26 21:25:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-5-9 22:18:39 قار لەيلسىى
ئەسەر ناھايتى ياخشى يىزلىپتۇ ،
2017-4-16 17:40:41 بەرنا
بۇئەسەر نى ئوقۇپ شۇنداق تەسىرلەندىم ياخشى يىزىپسىز
2016-12-9 2:18:35 گۇزەل
بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن
2016-8-7 10:35:52 ئاي
بەكلا ياخشى چىقىپتۇ . بەك تەسىرلەندىم
2016-8-5 11:49:30 يىڭى كەلدى
ياخشى مەزمۇنكەن ، بالىلارغا ئىنساپ تىلەيمەن ،
2016-7-21 23:26:20 فارىخە
ھەقىقەتەن ئىسىل ئەسەركەن .ئوقۇپ يىغلاپلا تاشلىدىم.
2016-6-11 21:29:05 mamtimin
bu。asarlar。intayin。yahxi。sirlikliki。abamni。uziga。tartip。tugimigiqa。turalmaydu。。wsklik。tukulma。bolsimu
2016-6-11 21:16:07 mamtimin
。。ahirini。okuy。digant
2016-3-15 9:01:56 زۇلھايا
ھەقىقەتەن ياخشى ئ‍ەسەركەن بارلىق دادىلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ئ‍ائ‍ىلىسىگە بەركەت ئ‍ىشلىرغا ئ‍ۇتۇق تىلەيمەن
2016-2-10 18:02:27 arpat
bak yahxi yeziliptu
2016-2-4 8:51:40 buhalqam
karang gu orman bu asar bak yahxi yezliptu asiringizga rahmat
2016-1-29 18:24:20 فىردون
ئەگەردە بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلىماقچى بولساڭلار رىياسەتچى سالونىغا قەدەم تەشرىپ قىلىڭلار،riyesetqi
2016-1-15 19:44:56 gulum
bu asar bak yahxi yizliptu japa qaktggz rahmat sizga
2015-12-13 13:29:05 aslima
bak yahxi yiziliptu xu asarni okihinimda japakax dadam esimga kilip kaldi xujapakax dadilarha qukkur rahmitimba Japa qaktigla
2015-10-7 23:06:33 ixanq
parzanti üqün ajir singdürganatilarningng ayata kartinisi dal namayan kiliniptu bu asarda.a.
2015-10-7 22:33:32 murajihan
Bak,yahxi,yeziliptu,bak,tasirlandim,
2015-10-7 8:23:41 شۈكرى
قەلىمىڭىزگە دەرت كەلمسۇن بەك ئىسىل يېزىلىپتۇ
2015-10-6 1:11:47 tanha
asalamu alaykum bak yahxi yeziliptu kalimingzga barkat tilayman
2015-10-5 17:14:46 Guzallik sanda
Bu asar bak yahxi yeziliptu bak yakturdum
2015-10-3 17:34:35 باشلامچى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن
2015-10-2 10:06:01 metro
ئەسىرىمگە ھۈرمەت قىلغان ئاساستا ئاۋازلىق ئەسەر قىلىشىڭلارنى قوللايمەن ، ئەگەردە ئەمگەكلىرىمىز، بەزى قەلىبلەرنى ئويغا سېلىپ ئۇيغىتىيالىسا رازى بولاتتىم ،
2015-9-30 1:38:03 بەرىكەت
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،بۇ ئەسەر سىزنىڭمۇ؟ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ ئىشلىسەك بولارمۇ؟ ئۈندىدارىم157906951
2015-9-29 13:33:05 تەنھا
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ ئسىل ەسەركەن
2015-9-29 13:10:04 metro
ئەسەرلەرگە ئوقۇغانلار باھا بەرسە ، قەلەم ئىگىسىگە بەك پايدىسى بولاتتى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ