مەھەللەمدىكى قىز - 3 -قىسىم ھىكايە

         مەھەللەمدىكى قىز 3قىسىم
يىكايە
ئابلىمىتجان ۋاھاپ (تەنـھا تۇرنــا)


يىتىۋاتىمەن يىتىۋاتىمەن يا كەلمەيدۇ ئۇيقۇ،يا چىقىپ كەتمەيدۇ خىيالىمدىن گۇلمىرەنىڭ سىمايى،تورۇسقا قاراپ نىمە خىياللارنى قىلىۋاتىمەنكى ئۆزۇممۇ بىلمىدىم،خىياللار ئىچىگە بىشىمچەككىلا كىرىپ كەتتىم.
گۇلمىھرە سەن نىمانداق تاش يۇرەك نىمىشقا مىنى بۇنداق قىينايسىز؟مەن سىزنى ئۇنۇتقانىدىمغۇ يەنە نىمىشقا كۆڭۇل قەسىرىمنىڭ ئىشىكىنى چەكمەيلا كىرىسىز؟ياق ئۇنىڭ چەكمىگىنى يوق مەن گالۋاڭ دىل قەسىرىمنىڭ ئىشىكىنى ئۇنىڭغا بۇرۇنلا ئىچىۋەتكەن،نىمىشقا ئىتىۋەتمىگەنىدىم ھە!ياق ياق ئۇنىڭ ماڭا سىلىپ قويغان ئىشقى ئوتى ئۆچمىگەن،ئۇ قايتىپ كىلىپلا مىھرى بىلەن سەللا پۇۋلەپ قويسا چاراسلاپ كۆيۇپ كىتەتتى،بۆگۇن كەلدى كەلدىيۇ ئاستا پۇۋلىمەي كۇچىنىڭ بارىچە پۇيلىدى،مانا ئىچىمدا ھالا بولۇپ كۆيۇۋاتىدۇ!
كۆزۇم ئىختىيارسىز ئۇيقۇغا ئاللىقاچان كەتكەنىدى،توڭۇپ تىتىرەپ كىتىۋاتىمەن،ئەتىراپىم قويۇق ئورمانلىق ،بۇ ئورمانلىقتا نەدىمۇ يوپۇرماق بولسۇن ھەممە دەرەخلەر قاققان قوزۇقتەك،ئاپئاق تىك تۇراتتى نىمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئەتىراپقا ئاستا ئاستا قارىدىم،پۇت قوللىرىم  مۇزلاپ كىتىۋاتاتتى،بەدىنىمنى ھەركەت قىلىش ئارقىلىق ئىسسىتماقچىمۇ بولدۇم،شۇنداق ھەركەت قىلدىم ئەمما مىدىلىيالمىدىم بىر نەرسە بىلەن مىنى باغلاپ قويغاندەك ھەركەتلىرىم كىلەڭسىز ئىدى.يىراقتىن شۇنچە تونۇش ئاۋاز ئاڭلىنىشقا باشلىدى،زەن سىلىپ ئاڭلاشقا باشلىدىم ئۇ ئاۋاز بارا-بارا يىقىنلىشىپ ئاڭلانماقتا ئىدى،كۆزۇمگە غۇۋا گۇلمىھرە كۆرۇندى،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىپ تۇراتتى ماڭا زەردىسى بىلەن ئاچچىلاپ ۋاقىرىدى،سەن نىمانداق ئادەم ئەمەس بىرنىمە؟نىمە دەپ كەينىمگە كىرىۋالىسە،مەن باشقا بىرى بىلەن توي قىلىمەن ،سەن ماڭا يارىمايسەن،ئادەتتىكى ئادەم ماڭا ھىچنىمە قىلىپ بىرەلمەيدۇ!سەن دىگەن بىلىپ قوي ئادەتتىكى بىر قەلەندەر،دەپ سۆزلەپلا كەتتى .
گۇلمىھرە ئۇنداق دىمەڭ مەن چۇشەندۇرەي سىز خاتا چۇشۇنۇپ قاپسىز؟ئۇ تىغىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا ئاچچىقلىنىپ ،مەن ھىچقانداق چۇشەنچە ئاڭلىمايمەن،كەينىمگە كىرىۋالما دىگىنىچە چاراشلاپ كۆيۇۋاتاتتى ،ئۇستىدىكى ئوتلار ھەر تەرەپكە چىچىلىۋاتاتتى،گۇلمىھرە، گۇلمىھرە،نىمە قىلغىنىڭ بۇ شۇنداق سۆزلەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدىم ، گۇلمىھرە قاقاقلاپ كۈلۈپ ماڭا كۇلنى چاچتى،پۇتۇن بەدىنىم قاراڭغۇلۇققا قاراپ يۇزلىنىۋاتاتتى،ۋاقىراپلا كۆزۇمنى ئاچتىم،ئۆي ئىچى قاراڭغۇ،بەدەنلىرىم ئىغىر ئاستا ئاستا ھەركەت قىلدىم،چىراقنى ياندۇردۇم،بەدەنلىرىم چىپ چىپ ھۆل،چىچىم يۇغاندەك ئىدى،يوتقان كۆرپىللىرىم ھۆل ئىدى،بىردەم تۇرۇپ ئۆزۇمنى تاپتىم ھەم قارا بىسىپ قاپتۇ دىدىم ئۆز ئۆزۇمگە.
كەيپىياتىمنى ياخشلاش ئۇچۇن تىلفۇنۇمدىن شوخ ئۇسۇللۇق ناخشلاردىن تاللاپ قويۇپ كەيپىياتنىمۇ تەڭشىۋىلىپ قاچانلاردا ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىمنى بىلمىدىم،كۆزۇمنى ئاچسام ئەتتىگەن سائەت توققۇزغا يىقىنلىشىپ قاپتۇ!
     





769 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-8 11:54:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ