جىن چاپلاشقان قىز 1-قىسىم
گۈلنۈر
ئىنسان بۇ يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كىيىن تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشغا بوي سۇنماي ئامالى يوق ئىكەن ،بەزىلەر كۇلكە -چاقچاق بىلەن بەزىلەر دەر -ئەلەم ،قايغۇ -ھەسىرەتتە ئۆتىدىكەن مانا بۇ تەڭشەلمگەن جاھان بولسا كىرەك ·
مەن ئۆزەم شوخ ،چىقىشقا ،خۇش چىراي ،بىر قىز ئىدىم ،ئەمما رەھىمسىز تەقدىر -قىسمەت مەندىكى بۇ شوخلۇقنى ،چىھرىمدىكى ئىللىق تەبەسسۇمنى ئاللا قاياقلارغىدۇ ئىلىپ كەتتى ،مەن كۈلۈشنىڭ ئورنىغا يىغلاشنى ،باشقىلار بىلەن ھال -مۇڭ بولۇشنىڭ ئورنىغا ئادەملاردىن قېچىشنى ،يۇرۇقلۇقتا يۈرۈشنىڭ ئورنىغا قاراڭغۇلۇقنى ھەمراھ قىلىپ كېلۋاتمەن ·
(ئۆلمگەن جاندا ئۈمىد بار )دېگەندەك بۇ جان چىقمايدىكەن ئىنسان ھەممىگە چىدايدىكەن ھەم كۆنىدىكەن ،مېنىڭ كۈنۈم شۇنداق ۋەھىمە ئىچىدە ئۆتمەكتە ·مېنىڭ كەينىمدە ئىزچىل تۇردە ماڭا ئەگىشىپ ماڭا ھەمراھ بولۇپ كېلۋاتقان ئاجايىپ -غارايىپ بىر كۆلەڭگە بار مەن بۇنى بىر چۈش بولسىدى قورقۇپ كەتكەن چاغلىرىما ۋارقىراپ ئويغۈنۈپ كەتسەم ھەم بۇنداق چۈشنى ئىككىنچى رەت كۆرمىسەم دەپ ئويلايمەن ،ئەمما بۇ بىر رىئالىق ماڭا ھەمرا بوپ مېنى قىيناپ كىلۋاتقان ھەقىقەت بۈ مىنىڭ نالەم ،بۇ مىنىڭ ئاھۇ زارىم ، كۈندۈزلىرى يالغۈز قىلشتىن قورقسام ،كىچىلىرى شۇ كۆلەڭگىنى كۆرۈش مىنى بەك قىينايدۇ ،مەن ھەر بىر باسقان قەدىمدە بىر تىۋىش ،ئارقامدا بىر سايە ئەتىراپىمغا قارايتىم ئەمما ھىچ نەرسە يۇق كىچىلىرى ياتقاندا يىنمدا بىر كۆلەڭگە كۆزۈمنى ئىچىپ قاراشقا پىتىنالمايمەن ،قۇلاق تۈيۈمدە بىر نارسىدە بوۋاقنىڭ توختىماي يىغلىشى مىنى بەك قىينايدۇ بۇ سادالار مېنى ئۆلۈم يولىغا باشلايدۇ ،كالامدا ھەر خىل -ھەر ياڭزا ئوي خىيالار مىنى ئۆزۈم ئەمەس باشقا بىر نەرسگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇ، مەن شۇنداق بىر ئادەمگە ئۆزگەردىم تۇيۇقسىزلا باشقىلارنى ئۇردىغان ،ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كىتىدىغان ،قولۇمغا چىقان ئالدىمغا ئۇچۇرغان نەرسىلەرنى بۇزۇپ چاچىدىغان ھەتتا كۆزۈم كۆرمەيدىغان ،پۇت-قولۇرۇم ئىشلىمەيدىغان،گاس-گاچا مانا مۇشۇنداق تۇرمۇش دوختۇرخانلارغا بارسا ئەسلا كىسەل چىقمغان ئەھۋالىمدىن خەۋاردار بولغاندا نېرىپ ئاجىز دەپ چىقىرۋېتىدىغان ئەھۋالارغا دۇچ كېلۋاتقان ئۆزى ياخشى كۆرگەن قەدىردانلىرى بىلەن بىللە ئۆتلمەي ياققا يۇرتلاردا ئەشۇ قارا كۆلەڭگىگە ھەمرا بولۋاتقان بىر قىزمەن ،بۇ كۆلەڭگە زادى نىمە؟بۇ كۆلەڭگە نەدىن كەلگەن ؟مەن نىمە ئۈچۈن ئۆزگەردىم ؟بىلگۈڭىز كەلدىمۇ ؟مەن دەپ بىرەي ئۇ بولسىمۇ دەل ماڭا چاپلاشقان جىن . بەلكىم سىز نەدمۇ مۇشۇنداق ئىش بار دەپ قالارسىز بۇنىڭ دەلىلى يەنىلام مەن شۇ جىن تەرپىدىن قىينىلىپ ئەشۇ جىنى ھەمراھ قىلغان دەل مەن ، مەن ئاغىىرىپ سائەت -سائەتلەپ ھوشسىز ياتاتىم دۇختۇرخانىغا ئاپارسا كىسەل يوق بۇنىڭدىن دوختۇرلارمۇ ھەيران قالاتى ھەم مىنى نىرىپ ئاجىز ھەم قان ئاز دىگەن دىياگىنۇز بىلەن دۇختۇرخاندىن چىقىرۋېتەتتى ،چوڭلارنىڭ تەكلىپى بىلەن بىر قارىمنىڭ قىشىغا باردۇق ئۇنىڭ پىكرى ھەم ئوقۇشى بىلەن مىنىڭ قول پۇتلۇرۇم تارتىشىپ سۆزلەشكە باشلىدىم.
1564 قېتىم كۆرۈلدى | گۈلنۈر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-16 18:34:15 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-18 14:20:58 | گۇلنىسا |
نىمىدىگەن ياخشى يىزلغان مەن بەك ياختۇردۇم بولسا كوپرەك يىزلسا |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|