قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون 2- بۆلۈم 9- قىسىم

 قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون
ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)
2- بۆلۈم 9- قىسىم

www.yazghuqilar.com


دىلبەر كۈلۈپ گۈزەلنۇرنىڭ قولىدىن ئېغىزىنى بوشاتتى .
- ئۇنچىلىك قورقۇپ كەتمىسەڭچۇ ، ئوينىشىپ قويدۇم .
- دىلبەر يۈرىگىڭىز چوڭلاپ كىتىپتۇ جۇمۇ ؟- دىدى تۇرغۇن ،- بىز بۇ يەردىكى جىن - ئالۋاستىلارنى يوقاتقىنىمىز بىلەن جاھاندىكى جىن - ئالۋاستىلارنى يوقاتمىدۇق تېخى ، ئىسىڭىزدىمۇ ، ئەرۋاھ ئايال بىزنىڭ نامىمىزنى كىم تىلغا ئالسا بىز شۇنى بىلىپ تۇرىمىز دىگىنى .
دىلبەر ئۆزىنىڭ خاتا قىلغىنىنى بىلسىمۇ تەن بەرگۈسى كەلمىدى :
- ئۇلار بىلسە بىلمەمدۇ ، بىز ئۇلار بىلەن تۇتۇشۇپ باقمىغان بولمىساق يە ،موشۇ كۆپ - كۈندۈزدە ، ھەممىمىز ھوشىيار ۋاقىتتا ئۇلار بىزنى بىر تەرەپ قىلماقچى بولسا كىلىپ باقمامدۇ ، بىزدە سىھىرلىق قېلىچلار بارغۇ!
- ئۇلارمۇ كەلمىسۇن ، بىزمۇ ئۇرۇشمايلى ، ئەڭ ياخشىسى سەپىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن ، بېشىمىزدا ئەگىپ يۈرىگەن شۇ بالا- قازالاردىن قۇتۇلساقلا بولدى ،- دىدى تايىر .
- ۋوي توخو يۈرەكلەر ،- دەپ قويدى دىلبەر تايىرغا تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ .
ئۇلار گۈمۈرلۈپ كەتكەن ئۆڭكۈرگە قاراپ بېقىشتى ، ئۆڭكۈر ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغاچقا ئىچى تاش - توپا بىلەن توشقان بولۇپ ئەينى چاغدىكى قورقۇنۇچلۇق ھالىتدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى .
- ئەمدى قاياققا ماڭىمىز ،- دىدى ئىسكەندەر ،- بۇ يەردىلا كەچ قىلىپ قويمايلى ، بۇ ئۆڭكۈردىكى يىلانلار ھازىرمۇ بارمۇ تېخى !
- ئادەمنى قورقاتماڭچۇ ، تىزاراق كىتەيلى بۇ يەردىن !- گۈزەلنۇر شۇنداق دىگىنىچە ماشىنىغا چىقىۋالدى .
 ئۇلار بۇ يەردە كەچ قىلىشتىن ئەنسىرەپ يولىنى داۋاملاشتۇردى ، ماشىنا ئوڭغۇل - دوڭغۇل سايلىقتىن يول تېپىپ سىرلىق رايوننى قورىشاپ تۇرغان تىك دوڭلىكنىڭ جەنوبىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
ئىچى ھەشەمەتلىك ياسالغان ، دەھشەتلىك جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ، جىن - ئالۋاستىلار ماكانى بولغان بۇ سىرلىق رايوننىڭ سىرتىمۇ ئالاھىدە بولۇپ ، تەبىئى سېپىلدەك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى ، بۇ سېپىلغا ئادەمنىڭ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ ، بۇ سەپەرداشلار قارىغانچە ھەيرانلىقتا ئېغىزلىرى ئېچىلىپلا قېلىۋاتاتتى . ماشىنا سېپىلنى بويلاپ خېلى ماڭغاندىن كىيىن سىرلىق رايوننىڭ جەنوبىغا كەلگەندە غەلىتە شەكىلدىكى قىزىل دۆڭلۈكلەرگە دۈچ كەلدى ، بۇ دۆڭلۈكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ رەڭگى قىزىل بولۇپ ، خۇددى جەڭ مەيدانىدا قىزىل قاندا بويالغاندەكلا كۆرىنەتتى .
- سىز دىگەن دۆڭلۈكلەر موشۇ شۇمۇ ؟- دىدى دىلبەر ئىسكەندەرگە .
- مېنىڭچە شۇ !- دىدى ئىسكەندەر ئەتىراپقا بىر قۇر نەزەر تاشلاپ .
 ماشىنا ياخشى جايلارنى تاللاپ بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن ئالدىغا ئىلگىرلەشكە مۇمكىن بولماي توختىدى .
 ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۈپ ، ئۇياق - بۇياقلارغا مېڭىپ كۆزۈتۈپ بېقىشتى كەينىدىن توپلىشىپ ھېلقى خەرىتىنى تەھلىل قىلىشتى .
- ماشىنىنى موشۇ جايدا قويماي ئامال بولمىدى ئەمدى ،- دىدى تايىر ،- بۇ دۆڭلۈكلەر خېلى بىر يەرگىچە سوزۇلغاندەك قىلىدۇ ،يول تاپماقمۇ تەستەك قىلىدۇ ، شۇڭا كىرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ پىيادە ماڭايلى !
- شۇنىڭدىن باشقائامالمۇ يوقتەك قىلىدۇ ، ھازىر كۈنمۇ ئولتۇرۇپ بولدى ھەقاچان ، بۇلۇتمۇ يە تارقالمىدى ، يولتۇزسىز كىچىدە بالدۇراراق قونالغۇ تەييارلىمىساق قاراڭغۇ چۈشسە ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ كىتىدۇ ، شۇڭا بۈگۈن كىچە موشۇ يەردە قونۇپ ئەتە ئەتتىگەن ماڭايلى ، قانداق دىدىم ؟
ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىگە ھەممىسى قوشۇلدى ، شۇنداق قىلىپ قونالغۇ ئىگىز بىر دۆڭنىڭ چوققىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ، ئۇلار قول چىراقلارنىڭ ياردىمىدە قۇرساقلىرىنى توقلاپ بولۇپ ، ئەتىراپقا قۇلاق سالغىنىچە پاراڭغا چۈشۈپ كىتىشتى .
- بۇ يەردە بۆرە بارمىدۇ؟- گۈزەلنۇر بۇ جاڭگاللىقتا ، بۇ قاراڭغۇلۇقتا قورۇققاندەك قىلاتتى.
- بۆرە بارمىدۇ دەيسىزغۇ ، ئالۋاستى - جىن بارمىدۇ دەڭە ؟- دىدى تۇرغۇن ئۇنى تېخىمۇ قورقۇتۇپ.
- جىنلارنىڭ گېپىنى قىلماڭلارچۇ ، ئۇلارنىڭ بىزنى يوقلاپ تۇرغىنى ئازدەك !- دىدى دىلبەر ئۇنىڭمۇ كۆڭلىگە قورقۇنىچ چۈشكەنتى.
- ھە مەيلى ئەمىسە باشقا پاراڭلارنى قىلىشايلى !- تايىر قىزغا كۆيۈندىمۇ ياكى بىر قورقۇنۇچلۇق ئىش يۈز بېرىشىدىن ئەنسىردىمۇ گەپنى بۇراشنى تەۋسىيە قىلدى ، دىمىسىمۇ بۇ ئىنسانلاردىن چەت ، قاراڭغۇلۇق قوينىغا چۆمگەن ، تىمتاس چۆللىكتە ئۇنداق گەپلەرنى قىلىش ھەممىسىنىڭ يۈرىگىنى سىقاتتى .
- ئەمىسە ،- دەپ گەپنى باشلىدى تۇرغۇن ،- ئەتە ھېلقى يۇرتنى تاپالارمىزمۇ؟
- مېنىڭچە ،- ئىسكەندەر ئېغىز ئاچتى،- چۈشۈمدە كۆرگىنىم ئەمىلىيەت بولسا بۇ سىرلىق رايون بىلەن ئۇ يۇرتنىڭ ئارلىغى خېلى بار ، ئەتە بارالماسمىزمىكىن !
- نىمە دەيدىغانسىز ؟- گۈزەلنۇر ئەنسىرەپ سورىدى ،- شۇنچە يىراقما ؟
- بۈگۈن ماشىنىدا ماڭغاچقا نۇرغۇن يولنى ئاۋۇتىۋالدۇق ، ئەگەردە پىيادە ماڭساق يەنە خېلى ماڭىمىز !- دىدى ئۇ چۈشەندۈرۈپ ،- سىز موشۇ يەردىن يۇرتقا پىيادە مېڭىپ بېقىڭە قانچە كۈندە چىقىسىزكىن !
- ئەتە ئاپتاپ چىقمىسىدى ، بولمىسا بىزنى كاۋاپ قىلىدۇ،- دەپ گەپ قوشتى سەمەت .
- سەن كاۋاپ بولساڭ ھېچقىسى يوق ، قىزلارغا ئۇۋال بولىدىغان بولدى ،- دەپ كۈلدى تۇرغۇن .
- ئەنسىرمەڭ بىزنىڭ تەييارلىقىمىز بار !- دىلبەرمۇ بوش كەلمىدى .
ئەتىراپ شۇنچىلىك جىمجىت ، ئۇلارغا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بىر نەرسىلەر ھەركەت قىلىۋاتقاندەك ، ئاللىقانداق مەخلۇقلار يېقىنلاپ كىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېغىشلاپ ھەممىسىنىڭلا پاراڭ سېلىش رايى قايتۇرۋاتاتتى ، ھەر بىرسى يۇغان قول چىراقلىرىنى تەييارلىۋالغان بولغاچقا ،نۆۋەت بىلەن پات - پات ئەتىراپقا سېلىپ كۆزىتىپ باقاتتى ، بۇ ئىشنى ئادەتتىكچە بىر ئىش دىسەكمۇ لېكىن ھەربىر قېتىم قول چىراق ياندۇرغۇچىنىڭ سەزگۈسىدە شۇ جايدا بىر نەرسە باردەك ھېسىيات ئۇلارنى ۋەھىمىگە سېلىۋاتاتتى .
- بۇ يەر ئوچۇقچۇلۇق بولسىمۇ ،ئادەمگە بىر خىل سۈرلۈك بىلىنىدىغۇ !- دەپ قويدى دىلبەر چاپىنىنى كەيگەچ .
- قاراڭغۇ بولغاچقا شۇنداق بولىۋاتقان گەپ! - تايىر ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساۋاتاتتى ، ئەمىلىيەتتە تايىرنىڭ كۆڭلىنىمۇ سۇس ۋەھىمە قاپلىغانتى .
- قېلىچلارنى ماشىنىدىن ئېلىۋالغانمۇ؟- سورىدى دىلبەر .
- ھەئە ، ھەر بىرىمىز بىردىن ھەمىرا قىلايلى ، بىزنى قوغدايدۇ !- تايىر شۇنداق دىگەچ بىر ئۇزۇن بولاقنى يىشىپ قېلىچلارنى ھەر بىرىگە بىردىن تارقاتتى ،ئۇلار ئالتە قېلىچ بەش بولغاچقا ئۆزىگە كەملەپ قالدى ، بۇنى سەزگەن دىلبەر پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغاندەكلا تايىرغا ئۆزىگە تەككەن قېلىچنى سۇنۇپ:
- بۇنى سىز ئېلىڭ ، ۋەزىيپىڭىز مېنى قوغداش بولسۇن!- دىدى شوخلۇق بىلەن كۈلۈپ .
تايىر كۈلۈپ تۇرۇپ قېلىچنى ئالدى ھەمدە خىجالەتتە ئارانلا « ماقۇل»  دىيەلىدى .دىلبەر تايىر تەرەپكە سۈرۈلۈپ ئولتۇرۋالدى .
- ئەمىسە مەن سىزنى قوغداي !- دىدى ئىسكەندەرمۇ ئۇلارنىڭ ھالىتىگە مەسلىگى كىلىپ دورىغاچ .
- سىزنىڭ قوغدىيالىشىڭىزغا تازا ئىشىنىپ كىتەلمەيمەن جۇمۇ ، سىرلىق رايوندىكىدەك تاشلاپ كىتىپ قالسىڭىز مەن بۇ جاڭگالدا تەنھا قالارمەنمۇ؟- گۈزەلنۇر كۈلۈپ تۇرۇپ ئىسكەندەرگە دوق قىلدى .
- ئۇ چاغدا مەنمۇ ئامالسىز قالدىم ، ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ !- ئىسكەندەرمۇ بوش كەلمىدى ، گۈزەلنۇر كۈلۈپ قويدى ئارتۇق گەپ قىلمىدى .
- ئەمىسە مەن قوغداي !
ئۆزىدىن ئىسكەندەرنىڭ شاش چىقىپ كىتىۋاتقىنىنى ، بۇ گۈزەل قىزنى تارتىپ كىتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئولتۇرالمايۋاتقان سەمەت ئوتتۇرغا قىسىلماقچى بولدى ، بۇنى سەزگەن تۇرغۇن دەرھال :
- ھەي … ھەي دوستۇم بۇنداق قىلساڭ مەن يالغۇز قالمامدىم ، بولدى ئۇلار تەرەپكە ئۆتمەي مېنى قوغدا قورقىۋاتىمەن !- دىدى سەمەتكە يېپىشقاچ .
- ۋاي بولدى ، بەدەنىمنى تىكەنلەشتۈرمىگىنە !- سەمەت ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە تاتتى ،بالىلار بۇ ئىشتىن قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كىتىشتى ، بۇ كۈلكە ئاۋازى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بىر يەرلەرگىچە تارقالدى .
 ئاسماندىكى بۇلۇتلار تارقىلاي دىمەيتتى ، ئىككى قىز بىر تەرەپكە ئوغۈۇللار بىر تەرەپكە ئورۇن راسلاپ يېتىشقا تەييارلاندى ، بۈگۈنكى سەپەر ئۇلارنى چارچاتتىمۇ نىمىشقىدۇ ھەممىسىنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا كىتىپ باراتتى .
- مەن باشتا پوستا تۇراي !- دىدى تايىر ، - نۆۋەت بۇرۇنقىغا ئوخشاش بولسۇن !
بۇنىڭغا ھەممىسى قوشۇلۇشتى ، شۇنداق قىلىپ تايىر قېلىچنى قۇچاقلىغىنىچە قول چىراقنى چىڭ سىقىملاپ ئەتىراپقا قۇلاق سالغاچ پوستا قاراپ ئولتۇردى .
- مەنمۇ سىزگە ھەمىرا بولاي !- دىلبەر ئۇنى يالغۇز قويۇشقا قىيمىغاندەك ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى ، گۈزەلنۇرمۇ يالغۇز يېتىشتىن قورىققاچقا ئورنىنى ئۇلارغا يېققىناراق يەرگە يۆتكەپ ياتتى .
- تايىر !- دىدى دىلبەر ،- سىزنىڭ قانداق ئارزو - ئارمانلىرىڭىز بار؟
ئۇنىڭ بۇ سۇئالنى سورىغان ئاۋازى تايىرغا شۇنچىلىك مۇلايىم، يېقىملىق ئاڭلاندى .
- مېنىڭ ئارزو - ئارمىنىم ،- دىدى تايىر قىزغا ئاستاغىنە ،- ئۆزەم ياخشى كۆرگەن قىز بىلەن ئىللىق بىر ئائىلە قۇرسام ،ئوماق بالىلىرىم بولسا ، ئاتا - ئانامنى ھەم ئۇلارنى گۈلدەك باقسام،ئاتا- ئانامنىڭ رازىلىغىنى ئېلىپ ، بالىلىرىمنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقسام شۇ مېنىڭ ئارزو - ئارمانىم .
دىلبەر بىردەم ئۈن - تىنسىز تۇرغاندىن كىيىن :
- نىمە دىگەن ساپ ، گۈزەل ، ئاددى ھەم ئۇلۇغ ئارزو ئارمان ھە ،- دەپ پىچىرلىدى كەينىدىن يەنە ،- كىم ئۇ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن قىز ؟-دەپ سورىدى .
- يىراق دىسىڭىز جاھاننىڭ ئۇ چېتىدە ، يېققىن دىسىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا !
دىلبەر بۇ جاۋاپتىن ئۆزىنى دەۋاتقىنىنى چۈشۈنۈپ يىتىپ ھاياجاندا ۋىللىدە قىزاردى .
- گۈزەلنۇرنى دەۋاتامسەن ئاداش؟-بۇ تۇرغۇننىڭ ئاۋازى ئىدى ،ئۇ قەستەن تايىرنى گەپكە سالماقچى ئىدى، گۈزەلنۇر پىسسىڭڭىدە كۈلدى .
- ھەي ئۇخلىمىدىڭلارمۇ ؟
تايىر ۋاقىردى .
- ئۇلار گېپىمىزنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاپتۇ !- دىدى دىلبەر ھۇدۇقۇپ .
باياتتىن جىم ياتقان ھەممىسى قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى .
دىلبەر مەخپىيەتلىگىنى ھەممىسى بىلىپ قالغاندەك خىجىللىقتا تىزلىك بىلەن ئورنىغا بېرىپ يېتىۋالدى ، ئۇ بېرىشىغا گۈزەلنۇرنىڭ پىچىرلىغان ئاۋازى بىلەن ئىككى قىز بىر - بىرىنى غىقلىشىپ كۈلۈشتى كەينىدىن دىلبەر كۆزىنى يۇمغىنىچە تايىر بىلەن قۇرغان تۇرمۇشىنى قىياسەن تەسەۋۋۇر قىلغاچ كۈلۈمسىرەپ ئۇيقۇغا كەتتى .
تايىرمۇ قىزغا كۆڭلىدىكىنى ئىزھار قىلۋالغىنىغا خۇشال بولۇپ شىرىن خىياللار بىلەن ئۆزىنىڭ چۆلدە ئىكەنلىگىنىمۇ ئۇنۇتقان ھالدا ئولتۇرۇپ كەتتى ، بىر چاغدا ئوغۇللار تەرەپتىن يىنىك خورەك ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى ، ئۇلار ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى .
 تايىر قانچىلىك ئولتۇردى شۇ چاغدا ئۇنىڭغا يېقىنلا بىر يەردىن بىرىنىڭ پىچىرلاپ گەپ قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، بۇ ئاۋاز يە ئوغۇللار تەرەپتىن ياكى قىزلار تەرەپتىن بولماستىن دۆڭلۈكنىڭ ئاستىدىن چىققاندەك ئۇنىڭغا يېقىنلا بىر تەرەپتىن ئاڭلىناتتى ، ئۇ دەرھال قول چىرىغىنى يېقىپ ئەتىراپنى كۆزەتتى ، ئەتىراپتا ھېچنەرسە يوق بولۇپ چىقتى  ئاۋازمۇ ئۈچتى ، ئۇ چىراقنى ئۈچۈرۈپ ئەمدىلا خاتىرجەم بولىشىغا ئۇ ئاۋاز يەنە پەيدا بولدى ،ئۇ ئاۋازنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەپ بىر نەچچە قېتىم ئاۋارە بولغاندىن كىيىن ، جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاۋازغا قۇلاق سالدى ، ئاۋاز شۇنداق ئېنىق ئاڭلانسىمۇ ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ نىمە دەۋاتقىنىنى بىلەلمىدى.

ئاخىرى بار…
     





1766 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-3 6:22:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-12 17:56:45 مۇساجان
مەن چىدىمىدىم كۆزۈم سەككىز بوپ كەتتى ئاخىرنى ساقلاپ .ئاخىرنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن رەھمەت
2017-3-11 5:40:18 گۈلباھار.
ئەپسۇس ئەرنىڭ. ئاخىرىنى يوللىمىغىلى نەچچە كۈن بولۇپ قالدىغۇ بولسا چاققانراق. يوللىۋەت ىكەن بولسىڭىز بولۇپتىكەن.
2017-3-11 5:37:48 راھىلەئاي.
ئىككىنچى بۆلۈمنىمۇ ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلىسا، بەك ياخشى چىقىدىكەن مەنچە.قوللىرىڭىزغا دەت كەمىسۇن.بۇسا ئايىغىنى، تېزراق يوللىۋەت ىكەن بولسىڭىز بوپتىكەن قاچان يوللاركىن دەپ كۆزۈم 4 بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. سىزنى سۈيلىگىنىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن
2017-3-10 21:18:07 بەخىت
بولسا كىيىنكى قىسمىنى تېزراق ئەۋەتسىڭىزكەن
2017-3-10 8:44:50 ئەمەرجان ئېلى
مېتىرو ئەپەندىم قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن مەن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزگە بەك ئامىراق لىكىن شۇ ئاخىرىنى قاچان چىقار دەپ بەك ساقلاپ كەتتىم
2017-3-10 8:33:12 ئەمەرجان ئېلى
بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرى قاچان چىقىدۇ
2017-3-10 4:46:04 جۈرئەت
يېڭى قىسىمى قاچان چىقىدۇ؟
2017-3-8 7:13:14 گۈزەلنۇر
بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن ھەر قېتىم ئىچىگە كىرىپ كىتمەن ئوقۇپ ،قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن
2017-3-4 9:34:31 ئەمەرجان ئېلى
مەن بۇئەسەرگە (قورقۇنچلۇق سىرلىق رايون2-بۆلۈم )گە بەك ئامراق بولسا كىيىكى قسىمى تېزراق چىقسا مۇشۇنىڭ ئاۋازلىق ئەسىرى بولغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ