يوقالغان قوشۇن -8 - قىسىم ھىكايە

يوقالغان قوشۇن

 

(8-قىسىم)

 

metro

 

چايان ئىتكە ھۇجۇم قىلىپ قىسماقچى بولىۋېدى « قارا ئېيىق» تىزلىك بىلەن ئۆزىنى دالدىغا ئالدى. بۇ پۇرسەتتە پولات ئىككى - ئۈچ گىراناتنى ئېلىپلا تىزلىكتە چاياننىڭ يان تەرپىگە ئۆتىۋالدى.  چايان توپنىڭ ئوتتۇرسىدا ئەتىراپنى قورشاپ پۈتۈن قوراللار ئوقنى ياغدۇرۋاتاتتى. دەل موشۇ پەيىتتە بىر پاي ئوق چاياننىڭ بىر كۆزىگە تەگدى، چايان ئىنچىكە ئاۋازدا چىقىراپ تاشلىدى. بۇ غەلىتە چىقىراق ئاۋاز شۇنداق دەھشەت ئاڭلاندىكى ھەممىسى ئارانلا قۇلاقلىرىنى ئىتىۋېلىشتى. بۇ چاغدا بىر كۆزىدىن ئايرىلىپ تېخىمۇ ئەسەبىيلەشكەن چايان ئەسكەرلەرگە يۇپۇرۇلدى. ئۇ كەلگەن پېتى بىر ئەسكەرنى قىسقاچقا قىسىپ تىرىك پېتى ئىغزىغا پۈتۈنلا تېقىۋەتتى. نەچچە ئەسكەر ئۇنىڭ پۇتىدا دەسىلىپ مىجىلىپ كىتىشتى. ئۇ پىقىراپ كىلىپ كالا مۇڭگۇزىدەك چوڭلۇقتىكى نەشتىرىنى بىر ئەسكەرنىڭ قۇرسۇقىغا سانجىپلا ئىگىز كۆتىرۋالدى ، ئەسكەر ئاۋازمۇ چىقىرالماي زەھەرنىڭ كۈچىدە قاپ - قارا بولغىنىچە ئەسكى لاتىدەك پولداڭشىپلا قالدى. ئوقلار توختىماي ئېتىلۋاتاتتى.

پولات تىزلىك بىلەن ئۈچ گىراناتنى بىرلەشتۈرۈپ تاڭدى - دە چاياننىڭ يېنىغا يۈگەردى ، چايان ئەتىراپنى سۈرۈپ - توقاي قىلىپ بارغىنىچە چىدىرنى قۇيرۇقى بىلەن بىرنى ئۇردى. چىدىر تۇمان ئىچىدە ئۆرۈلۈپ توپلىنىپلا قالدى. پولات ئاتىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچۇرغىنىنى كۆرۈپ دەرغەزەپكە كەلدى. ئۇ ۋاقىرغىنىچە چايانغا ئېتىلىندى.  چايان بېشىنى بىر سىلكەپلا ئۇزۇن قىسقاچلىرى بىلەن پولاتنى ئۇچۇرۋەتتى. پولات دۇمىلاپ چۈشۈپ ئۆرنىدىن تۇرغىچە چايان ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ بولغان ئىدى. ئۇ پولاتنى قىسماقچى بولۇپ قىسقىچىنى شۇنداق ئىشقا سېلىشىغا « قارا ئېيىق» ئېتىلىپ كىلىپ قىسقىچىغا يېپىشىپ ئېغىز سالدى ، چايان بېشىنى نەچچە سىلكىۋەتتى. « قارا ئېيىق » بۇ زەربىدە ئۈچ - تۆت مىتىر يەرگە ئۇچۇپ كەتتى . پولات ئىتىگە بىر قارىدى - دە گىراناتلارنىڭ پىلتىسىنى تارتتى ، چايان يەنە پولاتقا ھۇجۇم باشلاپ پولاتنى قىسماقچى بولدى. بۇ چاغدا پولات چايان بىلەن تەڭلا تۈگۈشىشنى ئويلاپ ئۆزىنى چەتكە ئالمىدى.

دەل موشۇ پەيىتتە قاسىمبەگنىڭ چوماقچىسى ھېزىم ئېتىلىپ كىلىپ پولاتنى ئىتىرىۋېتىپ چاياننىڭ زەربىسىدىن داجىتىۋەتتى ، لېكىن ئۆزى چاياننىڭ قىسقىچىغا قىسىلىپ قالدى.  چايان ھېزىمنى شۇنداق كۆتۈرىشىگە پولات تىزلىك بىلەن ھېزىمنىڭ پۇتىدىن تارتىپ چۈشۈرۋالماقچى بولۇپ ئېسىلدى لېكىن ئۇمۇ كۆتۈرلىپ كەتتى.  چايان بۇ ئىككىسىنى تىرىك يۇتىۋەتمەكچى بولۇپ ئېغىزىنى ئاچتى. ئۇنىڭ ئاغزى بىر كىچىك ئۇڭكۈرگىلا ئوخشايتتى. بۇ پۇرسەتنىڭ كەلگەن ۋاقتى ئىدى. ئۇ گىراناتلارنى ئۇنىڭ ئېغىزىغا پىرقىرتىپ تاشلىدى. يېرىم جان بولۇپ قالغان ھېزىم ئۆزىنىڭ قۇتۇلۇپ قالىدىغانلىغىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ پولاتنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن سىلكىپ چۈشۈرۋەتتى.  چايان ھېزىمنى قىسىقان پېتى ئېغىزىغا تىقتى.  پولات دۇمىلاپ چاياندىن يىراقلىدى.  بۇ چاغدا چايان قۇرسۇقىغا كىرىپ بولغان بومبىلار«گۇم» قىلىپ پارتىلىدى. شۇنداق كۈچلۈك پارتىلاش زەربىسىدە بۇ ۋەھشى ، گىگانىت چايان قۇرساق تەرپى تىتىلغان ھالدا ئۈچ - تۆت پارچە بولۇپ يەرگە يىقىلدى.

 خو قۇماندان ئاچچىغىدىنمۇ ياكى قورقۇپ كەتكەنلىگىدىنمۇ پىلموتنى چاياننىڭ جەسسىتىگە قارىتىپ يەنە بىر ھازا ئېتىپ ئاندىن توختىدى. ئەتىراپ بىر دەم تىمتاسلىققا چۆمدى.  ھەممىسى بۇ مەخلۇقنىڭ ئۆلگىنىدىن گۇمان قىلىشقاندەك ئۇنىڭغا ئاستا يېقىنلاپ كىلىپ قاراپ قىلىشتى. پولات يۈگۈرۈپ بېرىپ چىدىرنى قايرىدى. ئۆرۈلگەن چىدىر ئىچىدە دادىسى سالامەت ئىدى. ئۇ دادىسىنى يۆلەپ چىدىردىن ئەپچىقىپ قويۇپ ، ئىتىك گۈلنەزەرنى ئىزدىدى.

قىز بېشىدىن قان چىققان پېتى ئاچىسى ئامىنە بىلەن بىر جايدا ھوشسىىز ياتاتتى ، ئۇ قىزنى كۆتۈرۈپ چىدىردىن چىقتى. بۇ چاغدا چىدىر ئىچىدىن قاسىمبەگ تۇپا - چاڭغا مىلەنگىنىچە ياۋا چوشقىدەك ئۆمۈلەپ يىتىپ چىقتى.  بۇلارغا قاراپ تۇرغان خو قۇماندان بىر ئىشنى ئىسىگە ئالغاندەك يۈگەرگەن پېتى كىلىپ چىدىرنى قايرىشقا باشلىدى. ئەسكەرلەرمۇ يۈگۈرشۈپ كىلىپ ياردەملەشتى. 

 بىر چاغدا خو قۇماندان تەتىيىنى چىدىر ئىچىدىن سۆرەپ دىگۈدەك ئېلىپ چىقتى.  تەتىيى بەك قورقۇپ كەتكەچكە ئەس - يادىنى يوقۇتۇپ ، ئەتىراپتىكىلەرنى تونىمايدىغاندەك ئالاق - جالاق قاراپ ئۈن - تىنسىز ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ چاچلىرى پاخپىيىپ ، توپا - چاڭدا بەتبەشىرە بولۇپ كەتكەن ئىدى.  قول ، پۇتلىرىدا سۈرۈلۈپ كەتكەن ئىزلار قان يۇقى كۆرىنىپ تۇراتتى.  خو قۇماندان تەتىيىگە بىر قۇر قارىۋېتىپ ئاچچىغىنى چىقارماقچى بولغاندەك قاسىمبەگنىڭ ياقىسىدىن ئالدى:

 - ۋۇ توخۇ يۈرەك چوشقا ، شۇنداق ھالقىلىق ۋاقىتتا خوتۇن كىشىدەك نەگە قېچىپ كەتتىڭ؟

 قاسىمبەگ خو قۇمانداننىڭ ئاچچىغىدىن قورقۇپ يۈزلىرى قىزىپ ، ھۇدۇقۇپلا كەتتى :

- خو … خو … سىلىڭ … مەن … مەن …

قاسىمبەگ بۇ قۇمانداندىن قۇرۇقمىسا بولمايتتى ، چۈنكى ئۇ ئۇنىڭغا بىقىناتتى. ئادەم ، قورال كۈچى جەھەتتە ئۇ قاسىمبەگدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ئىدى ، ھەتتا چەتئەلگە چىققاندىن كىيىنمۇ قاسىمبەگنى تەيۋەنگە ئېلىپ كىتىشكە ۋەدە قىلغان ئىدى. شۇڭا قاسىمبەگ خو قۇمانداننىڭ چىشىغا تىگىشتىن ھەزەر ئەيلەيتتى. چاياننىڭ بۇ قىرغىنچىلىغىدا، بۇ ئوچۇقچۇلۇق ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ جەسىتى، قېنى بىلەن تولغان بولۇپ ، قوشۇندىكى ئەسكەرلەردىن يىگىرمە نەچچىسى ھالاك بولغان، ئون نەچچىسى يارلانغان ئىدى. ئۇلاقلاردىن بىر تۆگە ، بىر ئىشەك ئۆلگەن مىنىپ كەلگەن ئاتلار ئۈركۈپ قېچىپ كىتىشكەنتى. ھەربىي دوختۇر ھوشسىزلارنى ھوشىغا كەلتۈرۈپ ، ياردارلارنى داۋالاپ تاڭدى، ساقلار سەپ بولۇپ تىزىلدى،  خو قۇماندان زىياننى مۆلچەرلەپ چۆچۈپ كەتتى.  چۈنكى چايان بۇلارنىڭ ئىچىملىك سۈيىنى ۋەيران قىلىپ ئەڭ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان ئىدى.

ئۇلار مەيداندىكى پاجىئەگە بىر قۇر قاراپ تۇرۋېتىپ يۈك تاقلارنى مىنىپ ماڭغان تۆگىلەرگە ئارتىشتى، كۆرەڭلەپ ماڭغان ئاتلىقلار ئەمدى پىيادە ماڭماي بولمىدى. يول باشلىغۇچىلاردىن باشقىلار ئۈلۈپ، بىر ئەسكەر ، سادىر بۇۋاي، پولات ئۈچىسىلا قالغانتى. پۈتۈن قوشۇن تەييارلىغىنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن خو قۇمانداننىڭ بۇيرۇقىنى ساقلاپ ھەممىسى ئۇنىڭغا قاراشتى. ئۇنىڭ بۈگۈنكى بۇ تىرادىگىيەدىن ئۇيقۇسى ئېچىلغان بولۇپ، قاسىمبەگ يەتكۈزگەن سادىر بۇۋاينىڭ گەپلىرى ئۇنىڭ كاللىسىدىن بىر بىرلەپ ئۆتتى،« راسلا دانىشمەن بۇۋايكەن » دەپ ئويلىدى ئۇ ، «مەن موشۇ بۇۋايغا، ئوغلىغا تايانمىسام بۇ ھالاكەت دېڭىزىدىن چىقالمىغۇدەكمەن. ماڭا ھازىر ئەڭ مۇھىمى قۇملۇقنى چۈشىنىدىغان ، قۇملۇقتا ھايات يول ئېلىپ ماڭالايدىغان ئادەم لازىمكەن» ئۇ شۇلارنى ئويلىغاچ قوشۇننىڭ ئالدىغا كەلدى - دە ئەسكىرىگە بىر ئىشەكنى يۈكتىن بىكارلاشنى ئېيتى.  ئىشەك بىكارلاندى. ئۇ ئىشەكنىڭ ئاغامچىسىنى سادىر بوۋايغا تۇتقۇزۇپ :

- بۇۋاي ، سەن ھەقىقەتەن يامانكەنسەن ، بۇ قۇملۇقنى بەك ياخشى چۈشىنىدىكەنسەن ، بۇ ئىشەكنى سەن مىن ، ياشىنىپ قالدىڭ ، بىزگە توغىرا يول باشلاپ ئەپچىقىپ قوي ، ئەگەردە بىز بۇ قۇملۇقتىن ساق چىقىۋالساقلا ساڭا چوڭ مۇكاپات بار . خاتىرجەم بول ، مەن سېنى ئۆزەم يۇرتىڭغا سېلىپ قويىمەن،- ئۇنىڭ گەپلىرى قەتئى ئىدى. 

 لېكىن سادىر بۇۋاي بۇلارنى ياخشى چۈشىنەتتى، ھاجىتى چۈشسە كۈچۈكلىنىپ قىلمىغان خوشامىتى قالمايتتى ، ھاجىتى تۈگىسە يۈزىنى ئۆرۈپلا ھايۋاندىن ئۆتە ھايۋان بولاتتى. ئۇ بۇمۇ بىر پۇرسەت دەپ ئارغامچىنى ئالدى . خو قۇماندان سادىر بۇۋاينىڭ ئارغامچىنى ئالغىنىنى كۆرۈپ ھېجىيىپ:

- ئەمدى دانىشمەن بۇۋاي ، ساڭا دىسەم سۈيىمىز يوق بولدى ، قانداق قىلىمىز ؟

بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى سادىر بۇۋايمۇ بىلمەيتتى ، بۇ چۆلدە ، قۇملۇقتا سۇ تېپىش تەقدىرگە باغلىق تۇرسا ، سۇنى تاپىمەن دىسىلا تاپقىلى بولاتتىمۇ، شۇڭا ئاددىلا جاۋاپ بەردى :

- مېڭىپ باقايلى ، بىرەر ئامالى بولۇپ قالار.

 خو قۇماندان يەنە سۇئال سورىدى :

- بايقىدەك مەخلۇقلار يەنە بارمۇ؟

 بۇۋاينىڭ كۈلگۈسى كەلدى ، ئىچىدە « بۇ مېنى ھەممىنى بىلىدىغان ئەۋلىيا » چاغلاپ قالدىمۇ نىمە دەپمۇ ئويلاپ ئۈلگەردى :

- ھازىرچە نەمەلوم ، مېنىڭچە بۇنداق ھايۋانلار يەنىمۇ بار بولىشى مۇمكىن.

 خو قۇماندان چۆچۈپ كەتتى :

- نىمە ؟!  ئۇلار يوق يەرلەر بىلەن ماڭغىلى بولمامدۇ ؟

بۇۋاي بۇنىڭ كىچىك بالىدەك سۇئالىدىن مىيىغىدا كۈلدى :

- بۇ خۇددى <قاچان بۇ يەردە بوران چىقىدۇ؟> دىگەن گەپتەكلا .

بىر ئىش خو قۇماندان تەقدىرىنى تەۋەككۈلچىلىككە باغلىماي بولمايدىغانلىغىنى ئويلىدى ھەمدە قوشۇنغا بۇيرۇق قىلدى:

- قوشۇن ئاتلانسۇن !!!

قوشۇن سوزۇلۇپ قوزغالدى ، نەچچە ۋاقىتتىن ئات - تۆگىلەرگە مىنىپ ماڭغانلار ئاسماندىكى ئىسسىقىنى چېچىۋاتقان قوياشقا كۆزلىرىنى قىسقىنىچە قاراپ قويۇپ قەدەملىرىنى تاشلىدى.  خېلىدىن بېرى خو قۇماندان بىلەن سادىر بۇۋاينىڭ ئىش - ھەركىتى ، گەپ - سۆزلىرىگە دىققەت قىلىپ تۇرغان قاسىمبەگ خو قۇمانداننىڭ يالغۇز قالغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ پايپاسلىغىنىچە ئۇنىڭغا يىتىشىپ غۇدىرىدى :

- قۇماندان ، ئۇ قەلەندەرگە بۇنچە ئىلتىپات كۆرسىتىشنىڭ نىمە ئەھمىيتى؟؟ مانا سىلى ، مەن ، ھەتتا ئائىلىمىزدىكىلەرمۇ پىيادە قىلىۋاتساق ئىشەكنى ئۇنىڭ مىنىشىگە بەرگەنلىرى نىمىسى ؟ 

 خو قۇماندان قاسىمبەگنىڭ كالتا پەملىگىدىن كۈلدى ھەمدە چۈشەندۈردى :

- سەن بۇرنىڭنىڭ ئۇچىنىلا ئويلايسەن ، بىز دەسلەپتە كۆزگە ئىلمىغان ئۇ قېرىنىڭ گەپ - سۆزلىرى بىر - بىرلەپ توغىرا چىقىۋاتىدۇ. ئۇ بۇ قۇملۇقتا قانداق ياشاشنى ، قانداق مېڭىشنى بىلىدۇ.  ئۇ شۇنچە ياشتا ھېرىپ ئۆلۈپ قالسا سەن بىزنى باشلاپ ماڭالامسەن. ئاۋۇ ئوغلىغا قارا بىز شۇنچە قورال بىلەن ئۆلتۈرەلمىگەن مەخلوقنى شۇ يوقاتتى.  ئازاراق خەيرىخالىق قىلىپ قويساق بۇلار تېخىمۇ جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلمامدۇ. شۇڭا سەنمۇ ، مەنمۇ ئۇلارنى ئۆزىمىزگە مايىل قىلىشقا تىرىشىپ پايدىلىنايلى. قاسىمبەگ بۇ خو فامىلىلىكنىڭ گېپىدىن ھەممىنى چۈشىنىپ ھېجىيىپ كۈلدى :

- خو قۇماندان بەك داناكەنلا!!

 قوشۇن سەپ تارتىپ قۇم داۋانغا ئېسىلىپ كىتىۋاتاتتى ، ئەتتىگەندە ھېچقانداق نەرسە يىمىگەچكىمۇ ياكى ئاخىرسى چىقمايدىغان سەپەرگە ئاتلانغاندەك بىلىنگەچكىمۇ سەپەردىكىلەر بەك ھارغىن كىتىپ باراتتى . قوشۇننىڭ يەنە قانداق پاجئەلەرگە ، قانداق قىسمەتلەرگە ئۇچىرايدىغانلىغىنى بىلمەكچى بولسىڭىز داۋامىغا دىققەت قىلىڭ ....





2415 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-12 18:22:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-8-6 11:38:51 musajan
bak yah xi yi zi lip tu j pa qak ti ngz
2016-7-2 14:31:24 kanji batur
40قىسمى يۇيۇلۇپ،كىتىپتۇ
2015-10-16 1:05:26 ياسن
ئنتاين ياخشي
2015-10-14 17:36:52 مۇقەددەسئاي
ئاكا داۋامىنى ساقلايمىز
2015-10-14 15:40:34 پەرھات
داۋامىنى تېزراق يوللىساڭلا بوپتىكە ،
2015-10-14 15:26:24 مەخمۇتجان
مەن ئۆزۈمنى تەكلىماكان قۇملىقىدا ئشلەنگەن فانتازىيىلىك فىلىم كۆرگەندەك ھېس قىلىۋاتىمەن .داۋامى يەنە قاچان چىقار ئەمدى .
2015-10-14 13:00:06 **X~R**
***داۋامىنى تىزراق يېزىڭە تەقەززا قىلماي ساقلاپ كۈزۈم تۆت بوپ كەتمىسۇن
2015-10-14 1:10:56 喀什叶城
太好
2015-10-14 1:03:32 hazrat ali
yana kaqan qkidu dawami
2015-10-14 0:41:32 ئايدىل
يەنە داۋامىنى ساقلايدىغان بولدۇم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ