ساۋاقداشلىق مىھرى يۈزۈمنى سۆيۈپ ئۆتكەندە (ھىكايە) - ئىزچى

 ساۋاقداشلىق مىھرى يۈزۈمنى سۆيۈپ ئۆتكەندە
   (ھىكايە)
 ئابدۇرۇسۇل قادىر ئىزچى


   ساۋاقداش دېگەن نېمە؟
   ھاۋا ناھايىتى ئىسىل ئىدى. قىشنىڭ سوغىقى قۇياشنىڭ  ئىللىق نۇرىنىنىڭ كەڭ زىمىنغا چۈشىشىنى توسۇپ قالالمىغانىدى. شۇڭا ئىككى -ئۈچ كۈن ئۆيگە بىكىنىۋالغان پېقىر بەگزادە مەن ،سىرتقا چىقىپ قىشنىڭ ئىللىق ھاۋاسىدىن بەخش ئېلىش كويىدا پوزۇر ياسانغان ئىدىم. موتوسىكىلىت بىلەن ئىدىم، تىترەۋاتىمەن! توساتتىن باشلانغۇچتىكى ساۋاقدىشىم ئەزىمەت ئۇچراپ قالدى. موتودىن چۈشۈپ ئالدىغا بېرىپ سالام بەردىم، ئۇ باشتا تونىمىغاندەك قىلدىيۇ، كىيىن ئىسىگە كەلدىممۇ تاڭ كىلىپلا چىڭ قۇچاقلىۋالدى. ئۇنىڭ بىلەن قىسسقىچە پاراڭلاشتىم، ھەمدە ئۇنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى سوراپ بارارگاھىغا موتو بىلەن ئاپىرىپ قويدۇم. ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىلەن مەسلەھەت قىلىپ چۈشتىن كىيىن ئاغىنىلەرنى يىغىپ توپ ئويناشقا دىيىشتۇق، ھەمدە تېلىفۇندا ئالاقىلىشىدىغان بولۇپ خوشلاشتۇق.
  ئەزىمەت- كىچىكىمدىن تارتىپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستۇم. ئىككىمىزنىڭ دادىسى تۇنىشاتتى، تۇنۇشقاندىمۇ ھەقىقىي قەدىناسلاردىن ئىدى. ئەڭ قىزىقارلىق يېرى ئۇ ئىككىسىنىڭ لەقىمى ئىدى. ئەزىمەتنىڭ دادىسى قارىماققا ھۇرۇن ئۇيقىغا ئامراق ئىدى، شۇڭا باشقا دوستلىرى ئۇنىڭ دادىسىنى كالا دەپ چاقىرىشاتتى. مېنىڭ دادام قارام ،قورقماس بولغاچ دادامنى تورپاق دەپ چاقىرىشاتتى. شۇ چاغلاردا لەقەم چاقىرىش ناھايىتى مودا ئىدى، شۇڭا ئەزىمەت بىلەن مېنى دادىمىزنىڭ لەقىمى بىلەن چاقىرىشاتتى. ئەزىمەت سىنىپىمىزدىكى يۇمۇر باللانىڭ بىرى ئىدى. بولۇپمۇ پو ئېتىشتا ئۇنىڭغا يېتىدىغان ئادەم يوق ئىدى ، يالغانلىقىنى بىلىپ تۇرساقمۇ راستەكلا قىلىپ سۆزلەيتتى، شۇڭا ئۇ گەپ قىلسىلا"ئەزىمەتنىڭ قىلغان ئون  گىپىنىڭ توققۇزى يالغان بىرسى گۇمانلىق "دەپلا ئىشنى تۈگىتەتتۇق. ھەي ! ۋاقىت نىمە دىگەن تېز ئۆتكەن -ھە! ساق ئون يىل ئۆتۈپتۇ، ئەسلىمىلەر ياش تۇرۇپتۇ، بىز بولساق يىللار شامىلىدا ئاستا -ئاستا توزۇپ قاياققىدۇر يىراقلارغا ئۇچۇپتۇق …
   چۈشتىن كىيىنمۇ كىلىپ قاپتۇ، ئۆيدە يېتىۋېرىپ ھۇرۇنلىشىپ قالدىممۇ تاڭ توپ ئويناش تازا دىگۈدەك خوشياقمىدى، بىراق شۇ ئاغىنىلەر ئاغرىنىپ قالمىسۇن دەپ دېيىشكەن جايغا ۋاقتىدا يېتىپ باردىم. ئوھۇي! بۈگۈن يىغىلغانلار خېلىلا كۆپ ئىدى. ئەنە ئەزىمەت كالام ئالدىمغا پۇشۇلداپ كەلدى، ئۇنىڭ ئارقىسىدا يېزىمىزغا داڭلىق يۈەجاڭنىڭ ئوغلى ئەرپات، ئۇنىڭغا ياندىشىپ كەلگەن يېزىمىز ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرىنىڭ ئوغلى ئابدۇقەييۇم، باشلانغۇچتىكى ئەڭ تىرىشچان بالا شەۋكەت، بۇ ئون ئىككى يىل مەن بىلەنلا بىللە ئوقۇپ يۈرگەن قەدىناس ئاغىنەم ئىلھاملار ئىدى. قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق، خۇددى ئۇزاق ۋاقىت كۆرۈشمىگەن قىرىنداشلاردەك. ئۇزاق ئۆتمەي توپ ئويناشنى باشلىۋەتتۇق، باشلانغۇچتا ھەممىسى مەندىن پاكار بۇ شۇملار ھازىر مەندىن خېلىلا ئېگىز ئىدى. ۋاسكىتبول مەيدانى قىززىپ كەتتى. بىز بۇرۇنقى كىچىك شۇملار ئەمەس ئىدۇق، ھەممىمىز بىرسى بىرسىمىزدىن يامان ، پاس بېرىشلىرىمىز تېخنىكىلىق ئىدى، بىرلىشىش ئېڭىمىز ئىشىپ، بۇرۇنقىدەك توپ ئېلىۋىلىپ ئۇياق-بۇياققا قاترىمايتتۇق، ئۇرۇشۇپمۇ يۈرمەيتتۇق ئەلۋەتتە. چوڭ بولغانىدۇق، " بىرلەشكەن ئۇزار" نى ئەمدى چۈشەنگەن ئىدۇق…
    خۇشاللىقىمىزدا ناھايىتى ئۇزاق ئوينىدۇق، ئاخىرىدا ھارغىنلىققا چىدىماي مەيداندىن ئايرىلىپ ياندىكى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇردۇق. مەن ئۇلاردىن يېقىنقى ئەھۋالىنى سورىدىم،تېخى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بەرمىگەن ئابدۇقەييۇم ئۆگۈنۈش توغرىسىدا چالۋاقاپلا كەتتى.
  -ئەي مۇشۇ ئەدەبىيات دىگەننى ئۆگۈنەلمەي جۇما، كاساپەت، ئۇققان بولسام ئەينى ۋاقىتتا خەنزۇچىلا ئوقۇيتتىم، ھېچ بولمىغاندا بۇنچىۋالا جاپا تارتىپ يۈرمەتتىم ئەمەسما.
   -ئاداش ئۇنداق دەپ كەتمە، جاپا تارتقانغا نىمە بولىدۇ ، كىيىن ئەسقېتىپ قالىدۇ.-دىدىم مەن ئۇنى بەزلەپ.
   -ۋاي نىمە دەيسەنوي، ئەگەر يەنە بىر قېتىم ئىمتىھان بېرەلىگەن بولسام ئەدەبىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنەتتىم، ئەڭ ئاسان نۇمۇر ئالىدىغان پەن ئۇ.-ئەرپات ئالدىراپلا گەپ قوشتى.
    -ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىسىدا قانچە ئالدىڭ؟-سورىدى ئابدۇقەييۇم ئەرپاتتىن.
   -ئاداش ، ئەدىبىياتتا 130دىن يوقىرى ئالمىساڭ ئۆزۈڭنى ئادەم ھېسابلىما. -دېدى ئەرپات گەپنى يورغىلىتىپ.
   -ۋاي، ئەزىمەت ئاتمىغان پونى نېمە سەن ئېتىۋاتىسىنا، مەن 110دىن يوقىرى ئېلىپ باققان بولسام بىر ئۆلەي، تەسلىكىنى بۇ كاساپەتنىڭ، ھە راست سەن قانچە ئالغان؟-دېدى ئابدۇقەييۇم مەيۈسلىنىپ.
    -130 ئالغان.- دەپلا ئەرپات قېچىپ كەتتى.
  -ۋاي سولتەك، 130ئېلىپ ئاران ئادەم بولىۋاپتىكەنسەندە.- ئابدۇقەييۇمنىڭ دىيىشى بىلەنلا كۈلكە كۆتۈرۈلدى.
  -نېمە جىق ۋاراڭ چۇرۇڭ بۇ، مۇشۇ ئۆگۈنۈشتىن باشقا گەپ يوقما، چوڭ چوڭ گەپلا بولسا قىلىڭلا مۇنداق، ئالىي مەكتەپكە چىقىپ قالغان ئادەم نىمە ئۆگۈنۈشكەن ئۇ ، ماۋۇ 600دىن يۇقىرى ئالغانلار گەپ قىلمىسا ما ئەجۈجۈ-مەجۈجۈلەرنىڭ گەپلىرىنى كۆرمەمدىغان.- ئۆگىنىش خۇشياقمايدىغان ئەزىمەت چالۋاقاپلا كەتتى. ئىلھام بىزگە قاراپ بىرنى قاش ئاتتى-دە، دەرھاللا ئۆزىنى ئاقلاپ سۆزلەپلا كەتتى .
   -600دىن ئارتۇق ئالغان بىلەن بېرىشىىمىز شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتېتى بولدى، يوقىرى ئالغاننىڭ نىمە پايدىسى بولدى دەيسەن. -بۇ چاغدا ھەممە چۇرقىرىشىپ كەتتى،بىرسى تىببىي ئۇنۋېرسىتېتنى ئەڭ ياخشى دېسە، يەنە بىرى ئىلھامنى ئەيىپلەپلا كەتتى.
    -شۈكرى قىلىڭلا ئاداش، بىلمەيسىلە خوتەن خەلقى شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتېتى دىسە جېنىنى بېرىدۇ، ئۆيىدە بىر دوختۇر بولۇش پۈتۈن خوتەن ئاتا ئانىلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، سىلەر ياخشى بالىلار سىلەر.- ئەزىمەتنىڭ بۇ گېپى ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇردى. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى پو گەپ ئىلمىىنىتى ئەزىمەتنىڭ بۇ سۆزلىرىدا ئەسلا يوق ئىدى.
   ناھايىتى كۆپ گەپلەر بولۇندى، ئالتىمىز ئولتۇرۇپ باشلانغۇچ ھاياتىمىزنى ئەسلەپ چىقتۇق. ئاقكۆڭۈل، بىز ئۈچۈن ئاخىرقى ئۆمرىنى ئاتىغان سۆيۈملۈك سىنىپ مۇدىرىمىز، يېزىمىزدىن بىزگە ماتىماتىكا ئۆتۈشكە مۇئەللىم چىقماي ، ناھايىتى كۆپ مۇئەللىملەرنىڭ بىزگە ماتىماتىكا ئۆتىشى، ئاخىرىدا مەكتەپ بىزگە بىرقانچە مۇئەللىمنى دەرس ئۆتكۈزۈپ، مۇئەللىم تاللاش ھوقۇقىنى بىزگە بەرگەنلىكى، باشلانغۇچتا قانداق ئۇيۇنلارنى ئوينىغانلىقىمىز،  كىمنىڭ كىمگە كۆڭلى بارلىقى، ئەزىمەتنىڭ ئاتقان پولىرى،شەۋكەتنىڭ قانداق تېرىشقانلىقى، ئەرپاتنىڭ لەقىمى، ئابدۇقەييۇمنىڭ بىچارە ۋاسكىتبول توپى، ئىلھامنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى يۇۋاشلىقى، مىنىڭ ناخشام توغرىسىدا كەچ بولغىنىنى تۇيماي پاراڭلىشىپ كىتىپتۇق. ئەنە، نۇرغا تولغان كۆزلەر، كەلگۈسى يولىغا نۇر چاچقان كۆزلەر. ئون يىل بۇرۇنقى سەبىيلىك ئەسلا يوق ئىدى، ھەربىر سۆزىدىن ئۆز كەلگۈسى، ئاتا ئانىسى، ئۆز خەلقىنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى ئۇلارنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى، مەسئۇلىيەتچات يىگىت بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن قىز بالا چۈشمەيتتى، ھەرقېتىم ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا قىز-ئوغۇل ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلار مۇلاھىزە قىلىناتتى. شۇڭا ئۇلارغا ھەمدەم بولماي باشقا ياقلاردا بولاتتىم، بۈگۈنكى بۇ يىغىلىشتا ئۇنداق گەپلەر بولۇنمىدى، شۇنداق! ئۇلار ھەم مەن چوڭ بوپتۇق،ھەقىقى يىگىت بوپتۇق…
  سۆھبەت ئاخىرلاشقان ئىدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ئۇزاق گەپلەشكۈسى بارلىقىنى ئېيتىشتى، بىراق كەچ بۇلۇپ قالغاچقا، بىز بىرسى بىردىمىزگە قىيىشماي يولىمىزغا راۋان بولدۇق. ئاخىرىدا پات ئارىدا ساۋاقداشلار يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ باشقىلار بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانغا دېيىشتۇق. ئۇلار كەتتى، بۇ قېتىم بورۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل ھىسيات مېنى چۆرىدىۋالدى. ئۇ بولسىمۇ ساۋاقداشلىق مىھرى ئىدى.
   ساۋاقداش دېگەن مانا مۇشۇنداق ئىدى،
                         2017.01.24
      ئۈندىدار   1182596903





285 قېتىم كۆرۈلدى izchii ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-20 5:13:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ