بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 2 - قىسىم

بۈيۈك ئاشىق

 (پوۋىسىت) 2 - قىسىم


  ئۇ بىر قىز بىلەن ئۇسۇلغا چۈشتى ، مەنمۇ نەۋرە ئىنىم بىلەن ئۇسۇلغا چۈشتۈم ئۇسۇل ئويناۋاتقىنىم بىلەن پۈتۇن خىيالىم كۆزۈم ۋە دىققىتىم ئۇنىڭدا ئىدى ئۇمۇ ئۇسۇل ئوينىغاچ ماڭا قارايتىيۇ خىجىللىقتىن يەرگە قارىۋالاتتى.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇسۇل بىلەن تەڭ مەشرەپمۇ ئاخىرلاشتى ئۇ ماڭا ئەمدى ئۆيىڭىزگە قايتىپ كىتىڭ مەنمۇ ئۆيگە كىرىپ كىتەي ئۆيىڭىزگە بېرىپلا ماڭا ئۇچۇر يېزۋىتىڭ بولمىسا ئەنسىرەپ قالدىكەنمەن دەپ ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ مەن ماقۇل ئەمسە ئۇخلاپ قالماڭ بولمىسا پەرى دەپ چاقاماي توخۇ دەپ چاقىرمەن دەپ چاق چاق ئارلاشتۇرۇپ جاۋاپ قايتۇردۇم ئۇ، ماقۇل ئەمسە يولدا ئېھتىيەت قىلىڭ جۇمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ ئۇچۇرڭىزنى ساقلايمەن دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ مەنمۇ ماقۇل بۇلۇپ نەۋرە ئىنىم بىلەن موتسىكىلىتقا مىنىپ ئۆيىمىزگە قاراپ ماڭدۇق موتسىكىلىتنى مەن ھەيدىگەن ئىدىم پۈتۈن خىيالىم ئۇنىڭدا ئىدى ئۇنى كۆز ئالدىمغا ئەكىلىپ خىيال سۈرۈپ كىتىپ بارسام موتسىكىلىت بىر سىلكىندى ۋە تەڭلا بىز ئىككىيلەن سۇغا پالاق-پۇلۇق قىلىپ دومۇلاپ چۈشتۇق مەن نىم بولغىننى بىلمەي تېزلا ئورنۇمدىن تۇردۇم ئەتراپ ئاينىڭ يورۇقى بىلەن خېلى ئېنىق كۆرۈنەتتى .
موتسىكىلىت بىزدىن 2 مىتىر ئەتراپىدا يىراقتا ئۆرۈلگەن ھالەتتە تۇراتتى نەۋرە ئىنىم يېنىمغىلا يىقىلغان ئىكەن قانداق بۇلۇپ يىقىلدۇق دىگەن نەزەر بىلەن ئەتراپقا قارىدىم بۇ يول ئايلانما ئىكەن يول بويىدا چوڭ بىر ئۆستەڭ بۇلۇپ ئايلىندىغان بۆلەكتىن ئايلانماي ئۇدۇل مېڭىپ ئۆستەڭ ئىچىگە چۈشۈپتۇق نەۋرە ئىنىمغا قارىسا كىيىملىرى ھۆل بۇلۇپ پاتقاقلار چاپلىشىپ قاپتۇ كۆرۈپ بەك كۈلكە تۇتتى ھەمدە تېلىقىپ كۈلۈپ كەتتىم .
نەۋرە ئىنىم ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا ئاچچىقلاپ مىنى ئەيىپلەپلا كەتتى ، مەن ئنىمغا قارساملا تېخىمۇ كۈلكە تۇتاتتى ئۇ ئاستا كىلىپ پىشانەمنى تۇتۇپ مىنى بىر چۆگلەپ مىنى كۈزتۈپ چىقتى، بىرەر يىرىڭ قاتتىق تەگدىمۇ يە ساراڭ بۇلۇپ قالدىڭمۇ؟ دىدى مەن كۈلكەمنى پەسەيتىپ ئۆزەڭگە بىر قاراپ باقە دەپ موتسىكىلىتنىڭ چېقىلغان ئەينەك پارچىسنى تېرىپ كىلىپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى كۆرسەتتىم ئۇ ئۆزىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى چۈنكى ئۇ لاي ئادەمگە ئوخشاپ قالغاندى.
ئىككىمىز ئۆستەڭدىن موتسىكىلىتنى يۆلەەپ يۈرۈپ تەستە قىرغاققا ئېلىپ چىقتۇق ئاندىن يول بۇيىدا ئولتۇردۇق مەن نەۋرە ئىنىمغا پەرى بىلەن بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ھەتتا بۈگۈن ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن تويغا كەلگىنىمدىن تارتىپ ئۇنى ئويلاپ يىقىلغىنمىزگىچە ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم ئۇ چۈشەنگەندەك بولدى ، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا تۇرە قايتىمىز بەلكىم ئۇ سىنىڭ ئۇچۇرۇڭنى ساقلاۋاتقاندۇ تېزراق بېرىپ ئۇچۇر قايتۇرۇپ ئۇنى ئۇخلىغىلى قويغىن دىگەنتى ئاندىن ئۇنىڭ مىنى ساقلاۋاتقىنى ئېسىمگە كەلدى.
ئىككىمىز ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق كەپلا ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازدىم سىز بارمۇ ؟ مەن قايتىپ كەپ بولدۇم دەپ ئۇچۇر يازسام ئۇ ئۇخلاپ قالغان چېغى جاۋاپ قايتۇرمىدى .
بىز ئىككەيلەن كىيىملىرمىزنى سېلىپ ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى ئۆستەڭگە چىقىپ كىچىدە كىيىملىرمىزنى يۇدۇق ئاپامنىڭ كىيىملىرمىزنى كۆرۈپ بىزنى ئەيىپلىشىدىن ئەنسىرگەن ئىدۇق كىيىملىرمىزنى يۇپ بۇلۇپ ئۆيگە كىردۇق ئاپام ئۇخلاپ بۇلۇپتۇ ئىككىمىز ھۇجۇر ئۆيىمىزگە كىرىپ ياتتۇق …
ئىنىم يېتىپلا ئۇخلاپ قالدى لىكىن مەن ئۇنى ئويلاپ ياتتىم قايسى ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمىدىم
داۋامى بار…
     





735 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-4 14:47:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ