يىتىمنىڭ سەرگۇزەشتىسى - ھىكايە 3- قىسىم

يىتىمنىڭ سەرگۇزەشتىسى

ھىكايە 3-قىسىم 
ئاپتورى سەيفۇللا ئابدۇراخمان تەنھا بۇركۇت


شۇنداق قىلىپ مەكتەپتىكى ئاچچىق ئازاپلىق كۇنلۇممۇ باشلىنىپ كەتتى،مەن يەنە ياشاۋاتىمەن،گاھ يىغلىسام گاھ خۇش بۇلۇپ دىگەندەك كۇنلەر بىرخىل رىتىمدا ئۇتۇۋاتاتتى باشقى باللارنىڭ ئاتا ئانىلىرى مەكتەپكە ئالغىلى مىلەتتى ئەمما مىنى ئەپ كەتكىلى ھىشكىم كەلمەيتتى شۇنداق مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا شۇ باللارنىڭ ،ئاتا ئانىسىنىڭ بوينىغا ئىسېلىپ ئەركىلەپ كەتكىنىنى كۆرگۇنۇمدە ،كۇڭلۇم،،
شۇنداق بۇزۇلاتتى مىنىڭمۇ ئاپام بولغان بولسا ئاپام مىنىمۇ ئەركىلىتىپ بويۇنلىرىغا ئىلىپ كۇتۇرسە دەپ ئويلايتتىم يىغلايتتىم ئۆيگە قايتپ تاپشۇرۇق ئىشلەي دىگىنىمدە،ئاكام تىلۋېزورنى ئۇللۇك قۇيۋېلىپ تاپشۇرۇق ئىشلىيەممەي ئەتتىگىنى مەكتەپكە بىرىپ تاپشۇرۇق ئىشلەي دەپ ئىشلەۋاتسام ۋاقىت تۇشۇپ تاپشۇرۇق تەكشۇردۇ 48دانە ئۇقۇغۇچىدىن پەقەتلا مىنىڭ تاپشۇرقۇم كەپ مۇئەللىمدىن تىل ئاڭلايمەن ،ماڭا پۇل بىردىغان ئادەم يوق دادام ئۇچرۇسا 5موچەن گاھىدا 1يۇئەن تۇتقۇزۇپ قۇيدۇ باشقى باللار دۇكاندىن بىر نەرسە ئالغىنىدا مىنىڭ كۇڭلۇم بۇزۇلۇدۇ
مەكتەپتە قايسى بىرسىنىڭ سەيفۇللانىڭ دادىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى يوقكەن دىسە بىرسى ئۇنىڭغا پۇل بەرمەيدىكەن دىگەن ،ئىشقىلىپ كۆڭلۇم بىر مىنۇتمۇ ئارامىدا تۇرمايتتى ،بىركۇنى مۇئەللىمباللارغا ئۇتۇك ئوپچىسى تىرىپ كىلىڭلار ھەر بىر ئۇقۇغۇچى يۇزتال دەپ ۋەزىپە بەردى
شۇنداق قىلىپ مەن باغدىن ئاران دىگەندەك قىلىپ 100تال ئوپچا تەردىم ئەمما ئابدۇللا ئاكام ئۇ ئوپچىنى مەندىن ئىلۋالدى سىنى باققان ئادەم مەن نىمىدەپ ئەكىرىپ بىرسەن ماڭا تەر مەن چېقىپ يەي دەپ يىغلىغىنىمغا قارماي ئىلۋالدى
شۇنداق قىلىپ ئەتىسى مەكتەپكە كىرگىنىمدە ھەممى باللار ،
مۇئەللىمگە ئوپچىنى بەردى مەن بولسام تىرنىقىمنى تاتلاپ قالدىم مۇئەللىم ئاچچىقلىغىنىچە سەن زادى قانداق بالا يا تاپشۇرۇق ئىشلىمەيسەن يا ۋەزىپە ئۇرۇنلىمايسەن دەپ يۇزۇمگە ئىككى تەستەك سالدى سىنىپ ئىچىدە مەكتەپ ئىچىدە شۇ بىركۇن ھەممىلى يەردە مىنىڭ تاياق يىگىنىم مۇنازىر قوزغۇدى ،مەن تاپشۇرۇق ئىشلىمەي كەلگىنىم بىلن دەرىستە بەك ياخشى ئىدىم ،كۇنلەر شۇنداق ئۇتۇۋەردى ،
شۇنداق كۇننىڭ بىرسىدە دادام ئۇيىنىڭ يىنىدىكى مەندىن بىر ياش چوڭ بىر بالىسى بار ئايالنى ئالدىغانلىقىنى ئىيتتى ،
بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۇزۇمچە خوش بوپ كەتتىم مىنىڭ ئاپام بۇلدىغان بولدى دەپ بۇ تويغا دادامنىڭ كىچىك ئىنىسى ئابلىز ئاكام قەتئى قۇشۇلمىدى،ئۇ ۋاقىتتلاردا ئائىلە كۇنۇمىزنۇ ياخشىلاندى دادامنىڭ كىچىك ئىنىسى بۇغداي قۇناق تىجارىتى قىلاتتى ماڭا بىرتال ئىشتان كۆينەك ئەپ چېقىپ بەردى تۇنجى قىتىم يىڭى كىيىم كەيگەشكىمۇ بەكمۇ بەك خوش بوپ كەتكەن ئىدىم ،شۇكۇنى شەنبەكۇنى مەكتەپكە كىرمىگەندىكىن ئابلىز ئاكام ماڭا ھويلىدا بۇغداي بار ھىشيەرگە كەتمەي ئولتۇرۇپ ياخشى قارا قۇچقاش يەپ كەتمىسۇن دەپ ماڭا 5موچەن پۇل تۇتقۇزۇپ كەشتە يەنە پۇل بىرمەن دەپ كەتتى ماقۇل دەپ ياخشى قاردىم كەش بولغان ۋاقىتتا دۇكانغا بىرىپ بەر نەرسە ئىلىپ كەلگىنىمدە ئاكام يولدا ئۇچراپ قارماپسەن دەپ تىللاپ يۇگۇرتۇپ  ئەكىلىپ ئۆيدىكى بىر سۇ قاچلايدىغان بانكا بىلەن يۇزۇمگە بىرنى سالدى كۇزۇمگە تىگىىپ كىتىپ كۇزۇم بەك سەت ئىششىپ كەتتى يەنە بىرنى بىشىمغا سالدى ئالدىدىن قىچىپ ئابدۇللا ئاكامنىڭ ئۇيۇگە چىققىنىمدا ئابدۇللا ئاكام ئۇيۇگە چېقىپ نىمىشقا بۇنداق قاتتىق ئۇرسەن دەپ ئاچچىقلاپ قۇيۇپ چىقىپ ەتتى ئەتىدى ئەتتىگەندە تىخىمۇ ئىششىپ كەتتى ئۇگۇنۇسى مەكتەپكە بارسام مۇئەللىم نىم بولدى دەپ سوردى مەن بولغان ئەھۋالنى دىگىنىمدە سىنىپ ئىچىدە كۇلكە كۇتۇرۇلدى شۇكۇنى بەركۇن كىمنىڭ يىنىدىن ئۆتسەم يىتىم قۇزۇق يىتىمەك ئاپىسى يوق دىگەندەك ئاھانەتكە ئۇچرۇدۇم كۇزۇم بارغانسىرى ئىغىر ئىششىپ كىتشكە باشلىدى دادام بىلەن كۇرشەممىدىم توي توغۇرلۇق مۇنازىر ،
بۇلۇشتى دادامنىڭ چوڭ ھەدىسى تويغا قۇشۇلمايدىغانلىقىنى ئىيتىپ دادام ئالماقچى بولغان،ئايالغا ئۇمۇدىڭىزنى ئۇزۇڭ دىگىنىدە مەن ۋەدە بىرەي ئاچا سىزگە ئۇزۇمنىڭ بالىسى بىلەن ئوخشاش كۇرمەن كىچېكىدىن باشلاپ ماڭا چىرايلىق كۇرنۇدۇ ئۇ بالا ئۇنىڭدا گۇناھ يوق دەپ يالۋۇرۇپ يۇرۇپ  ھاممامنى قائىل قىلىپتۇ شۇنداق قىلىپ توي بۇلدىغان بولدى
ئاپامنىڭ ئۇيۇگە بىرىپ شۇنداق دىگىنىمدە ھەممىسى شۇنداق قايغۇرۇپ مەن ئۇچۇن بولمايدۇ دىگەندەك گەپلەرنى قىلغان ئىدى ،دادامنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى بولسا مىنى مازاق قىلىپ ئەجىر بولغۇدەك بۇ يىتىمەككىمۇ كونا كىيىم كىيىشتىن قۇتۇلغۇدەك دەپ كۇلۇپ كىتىشەتتى،
ئۇگەي ئاپاممنىڭ بالىسىمۇ مەندىن بىر سىنىپ يۇقۇر ئۇقۇيتيى،ئۇ ئايال بۇرۇن ماڭا قاراپ سالمايتتى ئەمما كىيىن بولسا بالىسىغا تاتاق ئەكىرسە ماڭىمۇ ئەكىرىپ تاماق بىرىپ چىقىپ كىتەتتى ئۇزۇممۇ شۇنداق خۇشال ئىدىم بىركۇنى مەكتەپتىن يىنىپ قارسام دادامنىڭ دەرۋازىسى ئۇچۇقكەن ئۆيگە كىرسەم ئۆگەي ئاپام بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ دادام بولسا مىنى قۇچاقلاپ سۇيۇپ قۇيۇپ بالام مەكتەپتە ياخشى ئۇقۇڭ دەپ يىنىدا ئولتۇرغۇزدى ئۇ ئايالنى كۆرسۇتۇپ ئاپىڭىز بالام ئاپا دەڭ دىگىنىدە ئىغزىمغا كەلمىدى دىيەممىدىم ،ھەم چېقىپ كەتتىم كۇن ئۆتتى ئاي ئۆتتى شۇنداق قىلىپ تويغا تەييارلىق قىلدۇق توي تەييارلىقىمۇ پۇتتى دادامنىڭ تۇيۇغا 2كۇن قالغاندا دادام مۇئەللىمدىن ئاكامنىڭ تۇيى دەپ رۇخسەت سوراڭ بالام دىدى مەن بولسام مۇئەللىمدىن دادامنىڭ تۇيب مۇئەللىم رۇخسەت بىرىڭ دىسەم مۇئەللم ھەيران قىلىپ تۇرۇپ قىلىپ ماقۇل دىدى شۇنداق قىلىپ 3-ئاينىڭ 7-كۇنى قاتتىق سۇغۇق بولغان كۇنى دادامنىڭ تۇيى بولدى،3-قىسىم تۇگۇدى
داۋامى بار ،
     





493 قېتىم كۆرۈلدى سەيفۇللا ئابدۇراخمان تەنھا بۇركۇت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-18 22:14:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ