تەقدىر سىمفونىيەسى ( پوۋسىت 2 - باب 3 - قىسىم) - ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

 تەقدىر سىمفونىيەسى  
( پوۋسىت )
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئىككىنچى  باب : پويىزدىن باشلانغان قەدەم  

ئۈچۈنچى قىسىم 


پويىز ئىچى . مەن تۇنجى قىتىم پويىزغا چىققاچقىمۇ ، ھەر نەرسىگە زوق شۇخ بىلەن قارايتتىم . پويىز ئىچى ، ، سىرىتتىكى ئارقىغا داجىۋاتقان مۇھىت ، ئىشقىلىپ ھەمىسى ماڭا يىڭىچە تۇيلىۋاتاتتى .
 كىتىۋاتىمىز ، مەن پويۈزغا چىققان ۋاقىتتىن باشلاپ قىمىر قىلماي ئولتۇراتتىم . يىنىمدىكى ۋە ئۇدۇل تەرپىمدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانلا بولسا ئۆز پارىڭى بىلەن مەشقۇل ئىدى . ياكى بولمىسا قولىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىلفۇنلارغا قاراپلا ئولتۇرشاتتى. قارشى رەتتە بولسا بىر قىز ئاندى – ساندى ماڭا قاراپ قويۇپ قولىدىكى كىتابنى بىرىلىپ ئوقۇۋاتاتتى . ئۇنىڭ قولىدا يازغۇچى جالالىدىن بەھرەمنىڭ < كۆمۈرچە بالا > رومانى تۇراتتى . مەن كىتابقا ئامراق بولغاچقىمۇ بۇ قىزغا ، گەرچە تونۇشمىساقمۇ پات – پات قاراپ قوياتتىم .
 كەچ كىردى ، ھەممە سەپەردە يىيىش ئۈچۈن ئىلىۋالغان نازۇ نىمەتلىرىگە تۇتۇنماقتا ئىدى . مەنمۇ سمكامدىن ئانام ئۆز قولى بىلەن قىلىپ بەرگەن گۆش نانى ئىلىپ يىيىشكە باشلىدىم . مىھرىبان ئانام قىلىپ بەرگەن نانى يەۋىتىپ شۇ ئۆيۈمنى ، قىرىنداشلىرىمنى ، ئايرىلغىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان يۇرتۇمنى ئويلاپ خىيالغا كېتىپتىمەن . خىيالىمدا مەن ئەقلىمنى بىلگەندىن باشلاپ تاكى بايا ئايرىلغىچە بولغان كۆرۈنىشلەر تىزلىك بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى .
- ئەسالامۇ – ئەلەيكۇم ... تۇيۇقسىز قىلىنغان بۇ سالامدىن ئەندىكىپ تۇرۇپ كەتتىم . ئالدىمدا بايىقى ، مېنىڭ قارشى تەرپىمدە ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇۋاتقان قىز تۇراتتى .
- ۋە . ئ ە لەيكۇم – ئەسسالام . دىدىم دە ئورنىمدى تۇردۇم . توۋا ، مەن ھۇدۇقىنىمدىن سالامنىمۇ جايىدا قىلالمىدىم دىسە .
- قارىسام خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كىتىپسىز ، خىيال ئىچىگە كىرىپ كەتكىنىڭىزدىن قولىڭىزدىكى نانمۇ چۈشۈپ كىتىپتۇ ، باشقىلار دەسسەپ سالمىسۇن دەپ ئىلىپ قويدۇم . شۇنداق دەپ ئۇ قولىدىكى خالتىغا ئوراقلىق ناننى ماڭا ئىككى قوللاپ  ئۇزاتتى . مەن دەرھال ئورنىمدىن تۇرۇپ خىجىلىق ئىچىدە ناننى قولدىن ئالدىم دە رەھمەت ئىيتىپ ئولتۇردۇم . ئۇ قىزمۇ ئورنىغا قايتىپ داۋاملىق كىتاۋىنى ئوقۇشنى باشلىدى .
ئۇ قىزغا قارىدىم ، بۇغداي ئۆڭ ، يۈزلىرى يۇمۇلاق ، چىرايى شۇنچىلىك سۈزۈك ، بەدىنىگە خۇيمۇ ياراشقان كىيىملىرى ئۇنى بىرخىل سالاپەتلىق قىپ كۆرسىتىۋاتاتتى . ئۇ تىخىچە بىرىلىپ كىتاپ ئوقۇۋاتقان ئىدى . ئۇنىڭغا قاراپلا تۇرۇپ قاپتىمەن ، تۇيۇقسىز بىشىنى كۆتۈرمەسمۇ ، ئۇنىڭغا چۇنچە تىكىلىپ قارىغىنىمدىن خىجىل بولۇپ يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بولۇپ كەتتىم ، يۈزلىرىم بۇ خىجىلىمنى شەلپەردەك قىزىرىپ ئاشكارلاپ ئۈلگۈرگەن ئىدى .
- سىزمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمسىز ؟
- ھەئە .
- قايسى مەكتەپتە ؟
- شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىغا بۇ يىل ئۆتتۈم . دىدىم بىشىمنى يەردىن كۆتۈرمەي
- ھە ، مەنمۇ شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىدا ئوقۇيمەن ، مەن ئۆتكەن يىلى بارغان ، قارىسام شۇ بىرخىل قورۇنۇپ ، خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز ، شۇڭا سورۇشۇم .
- ھە .... قىزىق ، باشقا ۋاقىتلاردا گەپ سۆزدىن قالمايدىغان بۇ ئىغىغىم تۇتۇلۇپلا قالغان ئىدى .
- قايسى كەسىپكە قوبۇل قىلىندىڭىز  ؟ ئۇنىڭ سورىغان سۇئالى خىيالىرىمنى بۆلىۋەتتى .
- جەمىيەتشۇناسلىق كەسپىگە ؟ سىز چۇ قايسى كەسىپتە ئوقۇيسىز ؟  
- مەن ساياھەت باشقۇرۇش كەسپىدە بۇ يىل كەسىپكە چىقىمەن . دىدى مەن ھە دىگەن قىياپەتتە بىشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم ۋە :
- كىتاب ئوقۇشقا ئامراقكەنسىز ھە ، قارىسام شۇنچە بىرىلىپ ئوقۇپ كەتتىڭىز ؟ ، بۇ قىتىم مەن سۆز باشلىدىم .
- ھەئە ، مەن كىچىكىمدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇشقا بەكمۇ قىزىقىمەن ،  مەن ئۆيدە يالغۇز بولغاچقا ، مۇشۇ كىتابلاردىكى پىرسۇناجلار بىلەن سىردىشىپ كىلىۋاتىمەن ....
بىز شۇ تەرىقىسىدە خىلى ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق ، ئارلىقتا ئۇنىڭغا بىر تىلفۇن كەلدى قارىغاندا ئانىسى بولسا كېرەك . ئۇ تىلفۇننى ئەدەپ بىلەن ئىلىپ  ئەھۋال سورىدى ھەم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى دەپ ئانىسىنى خاتىرجەم قىلدى . شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ئۆيدىكىلەرنى شۇنچە سىغىندىم ، ئەگەر تىلفۇن بولغان بولسا ئىدى ھە . ئەسلىدە دادام ماڭىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىلفۇن ئىلىپ بەرمەكچى بولغان ئىدى لېكىن مەن ئائىلە ئىقدىزادىمىزنى نەزەردە تۇتۇپ ، ھەم ئۆيدە تىلفۇن بولمىغاچقا ، ئۆيگە تىلفۇن ئورناتقاندىن كىيىن ئالساممۇ بولىدىغانلىقى ئىيتىپ ئالمىغان ئىدىم .داداممۇ ماقۇل بولۇپ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئۆيگە تىلفۇن ئورنىتىغانلىقى ، شۇ ۋاقىتقىچە قوشنىمىزنىڭ تىلفۇنىغا تىلفۇن قىلىشنى ئېيتىپ نومۇرىنى يىزىپ بەرگەن ئىدى .
سەپەر ئۈستىدە ئۇ قىزبىلەن كىتاب توۈۇرلۇق ، شەخسىي پاراڭلارنى قىلىپ قىلچىمۇ ھارغىنلىق بىلىمەيۋاتاتتى . پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇقتۇمكى ، بۇ قىزنىڭ ئىسمى رازىيە ، بىزنىڭ ناھىيەگە قوشنا بولغان بىر ناھىيەدىن ، دادىسى قاتناش ھادىسىسىدە قازقا قىلغاچقا ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرىدىكەن . بۇ ئىشلىرىنى ئاڭلاپ بۇ قىزغا ئىچىم ئاغرىۋاتتى ، مەنمۇ ئىلە ئىشلىرىمنى ئىيتىپ بىرىپ خۇشال پاراڭلاشتۇق . ئۇ قىز مېنىڭ ئىھۋالىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مېنىڭ ئىشلىرىمغا ياردەم قىلىدىغانلىقى ، بىر مەكتەپتە بولغاندىكىن ئىزدىشىپ تۇررساق بولىدىغانلىقىنى ئىيتتى ، مەنمۇ ماقۇللۇق بۈلدۈردۈم ، ئەلۋەتتە ، شۇنداق يات بىر شەھەردە ، يەنە كىلىپ تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ گىرۋىكىدىكى خىلۋەت بىر ماكاندا چوڭ بولغان مەن تەمتىرەپ ، يەتسىراپ قىلىشىم ئىنىق دە ، بۇ قىزنىڭ شۇنچە قىزغىنلىقىدىن سۆيۈنۈپ ماقۇل بولدۇم ۋە رەھمەت ئىييتىم .
 مانا ، مېنىڭ ھاياتىمدىكى تۇنجى سەپەر ، يات شەھەرنىڭ مۇساپىر پۇخراسى بولۇش سەپىرى باشلاندى ، پويىز  نۇرغۇن مۇساپىڭەرنى بىسىپ ئەتىسى چۈشكە يىقىن ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى . پۇيىز رادىيوسىدىن < پويىز ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگىزالىغا يىتىپ كەلدى ، يولۇچىلار يۈك – تاقاڭلارنى ئىلىپ پويۇزدىن چۈشۈشكە تەيارلىق قىلىڭلار > دىگەن ئاۋاز ياڭرىشى بىلەن بىر كۈن پويۇزدا تىنىچ ئولتۇرغان سەپەرداشلىرىم قوزغۇلۇپ يۈك _ تاقلىرىنى ئىلىپ ، پويىز توختىغاندا بىر _ بىرلەپ چۈشۈشكە باشلىدى . مەنمۇ چەكسىز ھاياجان بىلەن چۈشۈشكە تەيارلاندىم .
مانا ، پويۇزدىمۇ چۈشتۈم ، يۈرەكلىرىم شۇنداق ھاياجانلانماقتا ... كىلىشۋالغىنىمىز بويىچە پويۇزدىن چۈشۈپلا چەت تەرەپتە رازىيەنى ساقلاپ تۇردۇم . راس سۋاقلاپ تۇرمىساممۇ بۇنداق چوڭ بىكەتتە مەن ئىزىپ قالىدىغاندەك تۇراتتىم . ئۇمۇ چۈشتى دە ، ئىككىمىز بىرلىكتە بىكەتتىن چىقتۇق ، ئاللا ، ئۈرۈمچى مەن ئويلىغاندىنمۇ چوڭدەك ، كىشىلىرى شۇنچە ئالدىراشتەك قىلاتتى . بىز بىكەتتىن چىقىپ بىر كىچىك كىرا ئاپتىمۇبىلىغا چىقتۇق دە ، مېنىڭ مەكتىۋىم ، ئارزۇيۇمدىكى شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختۇدۇق . كېلىپلا بۇ مەكتەپنىڭ شۇنچە چوڭ ئىشىكى ، ۋە ئالدىراش كىرىپ – چىقىۋاتقان ئادەملەرگە قاراپ يۈرۈكۈم لەرزىگە كەلدى
ئاھ ، مەن كەلدىم ، مەن سەندە ئوقۇغىلى كەلدىم مەكتىۋىم ھەۋەتتىم ھاياجان بىلەن ، ھەمدە رازىيەنىڭ يوش باشلىشى بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ تۇنجى قەدىمىمنى ئالدىم ...
ئەلۋەتتە شۇ تۇنجى قەدىمىم نۇرغۇنلىغان شىرىن ھىسلارنىڭ ، بەخىتلىك كۈنلەتنىڭ ، يەنە ئاچق ساۋاقلارنىڭ ، يىرگىنىشلىك مىنۇتلارنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قىلىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز .....
ئاخىرى بار .....





213 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-31 16:52:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ