قارلىق ئاخشامدا ئورمانلىقتا توختاش
robert frost
( مەتسەيدى بەيدۇللا تەرجىمىسى )
بۇ ئورمانلىق كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلەي دەيمەن ·
ئۇنىڭ ئۆيى سەھرادا ·
بىراق ،
ئۇ مېنى كۆرمەيدۇ
ئۇنىڭ قارلىق ئورمانلىقىغا قاراش ئۈچۈن توختىغىنىمدا ·
مېنىڭ ئۇماق ئېتىم بۇ يەرنى غەلىتە ھىس قىلار
دېھقان ئۆيىنىڭ يېنىدا ·
قاراڭغۇ قاپلىغان ئاشۇ يىل ئاخشمى
ئورمانلىق بىلەن مۇز تۇتقان كۆل ئارىسىدا ·
ئۇ ئېتىنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازى بىلەن
بۇ يەردىكى ئۇقۇشماسلىقنى سورىماقچى بولغاندەك
قوڭغۇرىقىنى جىرىڭشىتار ·
بۇ يەردە پەقەت
ئىزغىرىن شامالدا چۈشىۋاتقان خازان ئاۋازى بار ·
ئورمانلىق شۇنچە سۈيۈملۈك
قاراڭغۇ ھەم جىمجىت ·
مەن شۇنداق ۋەدە بىرىمەن
ئۇيقۇدىن بۇرۇن يېتىپ بارىمەن
ئويقۇدىن بۇرۇن يېتىپ بارىمەن .
(ئىنگىلىزچىدىن كۆلەڭگە تەرجىمىسى )
| 339 قېتىم كۆرۈلدى | 101520 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-1 21:52:07 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|