قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 13- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون

ۋەھىمىلىك ھىكايە 13- قىسىم

metro

دىلبەر دەرھال يۈك - تاقلىرىنىڭ ئارسىدىن كىچىك بىر دورا سومكىنى ئېلىپ كەلدى ھەمدە تايىرنىڭ قولىنى دورا سۇيۇقلىغى بىلەن تازلاپ تاڭغاچ سورىدى كۆيۈنۈپ :

- قانداق قىلىپ قولىڭىزنى كىسىۋالدىڭىز ، قاراڭ ئالقىنىڭىز كىسىلىپتۇ ، قېلىچنىڭ بىسىنى تىگىپ كەتكەندەك قىپتۇ.

تايىرنىڭ ئەس - يادى پۈتۈنلەي ھازىرلا كۆرگەن قورقۇنۇچلۇق مەنزىرلەردە بولغاچقا دەمالىققا ئۆز ئەسلىنى تېخى تېپىپ كىتەلمەيۋاتاتتى. شۇڭا دىلبەرنىڭ ئىش - ھەركىتىگە قاتۇرۇپ قويغاندەك قاراپلا تۇراتتى .

- بىرەر يامان چۈش كۆرۈپسەنمۇ ،-دەپ سورىدى تۇرغۇن ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ.

تايىر ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى ھەم قىلىشقىمۇ رايى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇدۇللۇقلا جاۋاپ بەردى :

- قارا بېسىپ قاپتۇ .

قاراپ تۇرغانلا ئۇنى پاراكەندە قىلشنى خالىمىدى - دە ھەممىسى ياتاقلىرىغا قايتىشتى. دىلبەر ئىشىنى تۈگۈتۈپ سومكىسىنى يىغىشتۇرۋېتىپ ھەيران قالدى .

- قاراڭلار !- دىدى ئۇ تېرە پۈتۈكنى ئېلىپ بۇ … بۇ ، نىمە ئىش؟

تۇرغۇن بىلەن تايىر تېرىگە قاراپ ھاڭۋېقىپلا قېلىشتى ، تىرە تايىرنىڭ قېنىنى سۈمۈرۈپ رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋاتاتتى. ئۇ ئاستا - ئاستا قىزىل رەڭگە كىرىپ پاقىراشقا باشلىدى، ئەسلىدىكى خەتلەر يوقاپ خەنزوچە باشقا خەتلەر پەيدا بولدى .

- بۇ قانداق ئىش ئەمدى ،- دىدى تۇرغۇن چۆچۈپ ، - بۇنىڭغىمۇ جان كىردىما ئەمدى . تۇرغۇن ئىتىك كىلىپ .

تايىر ئەسلىگە كىلەلمەيۋاتقاندا بۇ مۆجىزىنىڭ يۈز بىرىشىدىن ئەندىكىپ كەتتى. دىلبەر باشقىلارنى چاقىردى، ھەممىسى تېرىگە قاراپ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن ئىسكەندەر ئاستا ئۇنى قولىغا ئېلىپ :

- بەلكىم تېرىگە بەزى بىر مەخپىيەتلىكلەرنى موشۇنداق يوشۇرغان ئوخشايدۇ، لېكىن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان يىرى بۇ تېرە قان ئىچىدىكەن ، قاراڭلار قان ھەممە يىرىگە ئۆزلىگىدىن تاراپتۇ ،- دىدى ئۇنىڭغا ئىنچىكىلەپ قاراپ .

ئۇلار تېرىنى ئۈستەلگە يېيىپ خەتلىرىگە بىر قۇر قاراپ چىقىشتى، لېكىن قولچىراقتا ئېنىق كۆرەلمىدى، بولمىغاندا بۇ ئىشنى ئەتىگە قويۇشتى.

ئايدىڭ كىچە ، جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى، ھەممىسى ھەر خىل خىياللار بىلەن ئاستا - ئاستا ئۇيقۇغا كىتىشتى. بىر چاغدا سەمەتنىڭ خورىكى پەيدا بولدى. بۇنىڭدىن بىئارام بولغان ئىسكەندەر ئۆرۈلۈپ - چۆرۈلۈپ چالا ئۇيقۇدا ياتقىنىدا قۇلۇغىغا بىرسىنىڭ ماڭغان يىنىك ئاياق تىۋىش ئاڭلاندى. «كىم بولغىيىتى بۇ » دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۇ ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ سەمەتنىڭ سىرتقا قاراپ ماڭغىنىنى كۆردى. ئۇ دەسلەپتە ئۇسساپ كەتكەن بولسا سۇ ئىچكىلى قوپقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىۋېدى، لېكىن سەمەتنىڭ توختىمايلا پەلەمپەي قېشىغا ماڭغان شەپىسى ئاڭلاندى. ئىسكەندەر دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئەگەشتى - دە « ھاجەتكە ماڭغان ئوخشايدۇ ،ئەجەپ قورۇقمايلا ماڭدىغۇ » دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى. ئىسكەندەر يۈگۈرۈپ كىتىۋېتىپ سەمەتكە يىتىشەلمەيلا قالدى، ئۇ پەلەمپەيگە كەلگەندە سەمەت ساراي ئىچىدە ئاي شولىسىدا غىل - پال كۆرۈندى ،ئۇنىڭ پەلەمپەيدىن قانداق چۈشكىنىنى ئىسكەندەرمۇ بىلەلمەيلا قالدى ، «ئەجەپ قول چىرىغىنى ئېلىۋالماپتىمەن» دەپ ئويلىدى ئۇ كىتىۋېتىپ. ئىسكەندەر پەسكە چۈشكەندە سەمەت ساراي ئىشىكىگە يىتپ باردى، بولمىغاندا ئۇ سەمەتنى چاقىردى. لېكىن سەمەت ئاڭلىمىغاندەك ساراي سىرتىغا چىقىپ كەتتى. ئىسكەندەرمۇ كەينىدىن چاقىرغىنىچە سىرتقا چىققاندا سەمەت دار بار مەيدان تەرەپكە كىتىۋاتاتتى. ئۇ توۋلىغاچ ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى، لېكىن سەمەت يۈگۈرمىسىمۇ ئىسكەندەر يىتىشەلمەيۋاتاتتى. بىر چاغدا سەمەت ئىشىكى ئۈرۈلگەن بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى. بۇ چاغدا ئىسكەندەرمۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاپ قالغان ئىدى. ئۇ ئىشىك ئالدىغا كىلىپ سەمەتنى چاقىرىپ باقتى، جىمجىت، بولمىغاندا ئۇمۇ ئۆيگە كىردى، ئۆينىڭ ئىچىدىكى غۇۋا يورۇقتا يەنە بىر ئىشىك كۆرۈندى. ئىسكەندەر « ئۇ موشۇ يەرگە كىرىپ كىتىپتۇ -دە » دىگەندىن باشقىنى ئويلىماي ئۇ ئۆيگىمۇ كىردى. كىردىيۇ يۈرۈگى جىغغىدە قىلىپ قالدى، بۇ ئۆي شۇنچىلىك قاراڭغۇ ئىدىكى ئۆزىدىن ئون چامدامچە كىلىدىغان جايدىكى ئوت يورىغىدىن باشقا يەرنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئۇ ئاستا ئوت بار جايغا يېقىن بېرىپ سەمەتنىڭ ئولتۇرغىنىچە بىر ئوچاققا ئوت قالاۋاتقىنىنى كۆردى .

- سەمەت ! - دىدى ئۇ تىتىرەپ دىگۈدەك پەس ئاۋازدا .

لېكىن سەمەت كەينىگىمۇ قارىماي جىمجىت ئولتۇرغىنىچە ئوت قالاش بىلەنلا بولۋاتاتتى .

- سەمەت ، نىمە قىلۋاتىسەن بۇ يەردە ،- دىدى ئۇ يېقىنلاپ.

سەمەت يەنىلا يېنىدا ھېچكىم يوقتەك پەرۋاسىز ئوت قالىغاچ ئوتقا قاراپ ئولتۇراتتى. ئىسكەندەرنىڭ يۈرۈگى سېلىشقا باشلىدى. ئۇ ئاستا سەمەتنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇرغاچ«ئۇ نىمە بولغاندۇ ، ئەجەپ گەپ قىلساممۇ قاراپمۇ قويمايدىغۇ» دەپ ئويلاپ سەمەتنىڭ مۈرۈسىنى تۇتتى. سەمەت شۇندىلا ئاستا ئىسكەندەرگە قارىدى. ئىسكەندەر سەمەتنىڭ چىرايىغا تۇيۇقسىزلا قارىۋېتىپ چىقىراپ تاشلىدى چۈنكى ئۇنىڭ تۇتقىنى سەمەت بولماستىن قېرى چاچلىرى چۇۋۇق ، چىرايى تاتىراڭغۇ بىر موماي ئىدى. ئىسكەندەر يەردە ئۆمۈلەپ دىگۈدەك قېچىپ بىر تامغا يۆلىنىۋالدى. موماي ئوت قالىغاچ زۇۋانغا كەلدى :

- تاماق ئىتىۋاتقان ، قۇرسۇقۇم ئاچ قالدى ، سەنمۇ يەپ باقامسەن ؟ قارا بەك ئوخشىدى ،- ئۇ سۆزلىگەچ ئوچاق ئۈستىدە پورۇقلاپ قايناپ تۇرغان قازاننىڭ تۇۋۇقىنى ئاچتى.

ئىسكەندەر قازانغا قاراپ قورۇققىنىدىن ئەس ھوشىنى يوقۇتۇپلا قويدى، پۇتلىرى يۇمشاپ ، پۈتۈن بەدىنى جالاقلاپ تىتىرەپ كەتتى. چۈنكى قازاندا ئىككى يېڭىلا تۇغۇلغان بۇۋاق قىپ - يالاڭغاچ ئىڭەلەپ يىغلىغىنىچە قىپ - قىزىل قان ئىچىدە لەيلەپ تۇراتتى. ئىسكەندەر مىڭ تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاستا ئىشىك تۈۋىگە سۈرۈلدى. لېكىن موماي ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي پارىڭىنى سېلىۋاتاتتى :

- بۈگۈن ئوتۇن بەك ئاز بولۇپ قالدى ، بۇ ئوتۇندا تاماقمۇ پىشمىغۇدەك ، سەن ئالدىڭدىكى ئوتۇنلاردىن بىر قۇچاق ئەپ كىلىپ بەر . ئىسكەندەر موماينىڭ بۇ گەپلەرنى ئۆزىگە داۋاتقانلىغىنى بىلدى، ئالدىغا قارىۋېدى بىر قۇچاق ئوتۇن كۆرۈندى، ئۇ قېچىپ كىتىشنى ئويلىدى. لېكىن ئىشىك كۆرۈنمەيتتى ئامالسىز قورقۇپ تۇرسىمۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئوتۇندىن بىر قۇچاق ئالدى - دە موماينىڭ يېنىغا شۇنداق تەستە ئاپىرىپ يەرگە قويدى .

- ھە ، بۇ ئوتۇنلار يىتىدۇ ، ئۆزەم تەرگەن ئوتۇنلار ئىدى ،- موماي ئوچاقتىن بېشىنى كۆتەرمەي سۆزلەۋاتاتتى،- قارا بەك ياخشى ئوتۇن . سەمەت ئوتۇنغا قارۋېتىپ كەينىگە نەچچە قەدەم داجىپ كەتتى ،ئۇنىڭ كۆزلىرى قورقۇچتىن چىقىپ كىتەيلا دەپ قالغان ئىدى، ئەمدىلىكتە موماي ئوتۇن دەپ قالاۋاتقىنى ئادەمنىڭ پۇت - قوللىرى ئىدى. « بۇ مۇمكىنمۇ دەپ ئويلىدى ئۇ، مەن بايا كۆتەرگىنىم ئېنىقلا ئوتۇن ئىدىغۇ ».

- ماۋۇ ئوتۇننى يېرىپ بەرسەڭ بولغۇدەك ،- دىدى موماي ئۆز ئىشىنى قىلغاچ بىر نەچچە ئادەم پۇتىنى ئىسكەندەرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ، - ماۋۇ كۆتەكمۇ بار.

ئىسكەندەر ياغاچتەكلا بولۇپ قالغان ئىدى. موماي كۆتەك دەپ تاشلىغىنى ئۇنىڭ ئالدىغا دۇمىلاپ كەلدى، ئىسكەندەر ئىنچىكىلەپ قارىۋېدى ئۇ كۆتەك ئەمىلىيەتتە قىپ - قىزىل قان ئېقىپ تۇرغان ئادەمنىڭ كاللىسى بولۇپ چىقتى.

- تىز يارمامسەن ، ئوتۇم ئۈچۈپ قالاي دىدى،- دەپ ۋاقىردى موماي .

ئىسكەندەر قورقۇپ تۇرۇپ ئاستا ئادەم پۇتلىرىنى ئالدى -دە دەرھال تاشلىۋەتتى، چۈنكى پۇتنىڭ بارماقلىرى مىدىراپ تۇراتتى، بۇ چاغدا ئادەم كاللىسىمۇ زاۋانغا كىردى :

- مەن سېنى تونىيمەن، سەن مېنى ئۆلتۈرگەن شۇ، سېنىڭدىن ئۆچۈمنى ئالىمەن.

كاللىنىڭ كۆزلىرىدىن، بۇرۇنلىرىدىن قان قۇيۇلدى. ئۇ ئېغىزىنى ئاچقىنىچە ئىسكەندەر تەرەپكە دۇمىلاشقا باشلىدى. بۇ چاغدا موماي قازىنىنى يەنە ئاچتى، بايىقى بۇۋاقلار يىغلاپ، چىرقىرغىنىچە قازاننىڭ گىرۋەكلىرىگە ئېسىلىپ قېچىشقا ئۇرۇندى.

ئىسكەندەر قانداق قىسمەتكە ئۇچۇرغاندۇ ، ئۇ موشۇ يەردە ھالاك بولۇرمۇ ، سەمەت نەگە كەتكەندۇ ؟ قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن.






1316 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 17:41:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ