مەكتەپتىكى مۇھەببەت - ھىكايە

         مەكتەپ دەرۋازىسىدىن تۇنجى كىرىپلا بۇ مەكتەپ كۆزۈمگە سىغمىدى. ئۈچ  قەۋەتلىك بۇ بىنا ناھايىتى كونا كۆرۈنەتتى. مەكتەپ ھويلىسدا نە بىر دەرەخ يوق ، ھويلىسىمۇ ناھايتى كىچىك ئىدى ، ئەسلىدە بىزنى يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن كۇرستا ئوقۇتۇپ ،ئىشسىزلىق كىنىشكىسى بېجىرىپ ، سىرتقا قارتا ئەمگەك كۈچىنى چىقىرشقا قارتا پىلاندا بۇ مەكتەپكە كومپىيوتىر ، رېمنوتچىلىق ، تىككۈچىلىك ، خەنزۇتىلى ئۆگىنىشكە ئۈچ ئايلىق ئوقۇش ئۈچۈن ھەرقايسى يېزىلاردىن ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى . بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە مەن تونۇيدىغان ، ۋە تونۇمايدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى ، بۇۋاقىت 11-ئاي مەزگىلى بۇلۇپ ، ھاۋا بىرقەدەر سوغۇق ئىدى ، شۇڭا سىنىپتا پەقەت چۈشتىن بۇرۇن بىر سائەت ، چۈشتىن كېيىن بىر سائەت دەرىس بار ئىدى .ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلار ئەركىن پائاليەت ئىدى ، ياتاقتا پار يوق كېچىسى كىيىمنىمۇ سالماي  ئۇخلاپ  قالاتتۇق ، تاڭ سەھەر تاماقنى مەكتەپ يېنىدىكى ئاشخانىدا يەيتۇق ، كۈنلىرمىز ئۆگەنگەن بىلىمنىڭ تاينى يوق كۈندە بىكار ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى .
مۇشۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بەزەن ئوغۇللار تۇنجى مۇھەببەتلىشىپ ، يېڭىنىمۇ ئالماشتۇرۇپ بولغان ئىدى . بەزەن ئىشلارغا توۋا دېگۈم كېلەتتى ، مۇئەللىملەر بىلەنمۇ ئامراق ئاغىنىلەردىن بۇلۇپ كەتتۇق ، كۈندە ئاخشىمى مەشرەپ ئوينايتۇق ، ئۇسۇل ، تانسا دېگەننى ئوينىۋېتەتتۇق ،بەزىدە ئانچە مۇنچە ئىچىپمۇ قوياتتۇق .
شۇ كۈنلەردە مەندىمۇ باشقىلارغا ئوخشاش مۇھەببەتلىشىش تۇيغۇسى پەيدا بولدى ، مەن نىشاننى مەھلىياغا توغۇرلىدىم ، چۈنكى ئۇ خېلى گۈزەللەردىن ئىدى ، ئۇنىڭ بۈدىرە چاچلىرى ، قىياقتەك قاشلىرى ، يوغان قاراكۆزلىرى ، مەڭزىدىكى زىنىقى بەك ئوماق ئىدى .مەن شۇكۈنى ئۇنىڭ تېلفون نومۇرىنى تاپتىم ،ۋە ئۇچۇر يازدىم ، ئۇ ئۇچۇر قايتۇرمىدى ، ياتاقتىكى ئوغۇللار بېشىنى يوتقانغا پۈركىۋېلىپ ، قۇلىقىغا تىڭشىغۇچنى تىقىپ تاڭ ئاتقۇچە ئاللىكىملەر بىلەن پاراڭلىشاتتى ، بەزىدە ئۇلارنىڭ ھالىغا قاراپ كۈلگۈم كەلسە ،بەزىدە ئۇلارنىڭ ھالىغا ئىچىم ئاغرىيتى ، بەزىدە ئۇلارغا ھەسەت قىلىپ ئىچىم ئاچچىق بولاتتى ، كۈندە ئاخشىمى بىز كۈنلىرمىزنى ناخشا ئۇسۇل بىلەن ئۆتكۈزەتتۇق ، بۈگۈنكى سورۇندا ئۇمۇ بار ئىدى ، مەن بارچە غەيرىتىمنى يىغىپ  مەھلىيانى تانسىغا تاتتىم ، ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئويناپ بولغىچە ئۇنىڭ قولىنى تۇتقان قولۇم جىددىيلىشىپ بەك تەرلەپ كەتتى ، ئۇنىڭغا دېمەكچى بولغىنىمنى دېمەكچى بولدۇميۇ ، ئاغزىمنىڭ ئۇچىغا كەلگەن گەپنىمۇ دېيەلمىدىم ،مۇزىكا ئاياغلاشتى ، جايىمغا كېلىپ ئولتۇردۇم ، ئۇنى يەنە بىر قېتىم تانسىغا تاتتىم ، ئاغىنەم زۇلقار مەندىن گۇمان قىلغان چېغى ، جايىمغا كېلىشى بىلەنلا سوئال سورىدى :«سەن مەھلىيانى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭمۇ ؟»  مەن ئېغىزىمدىن ياق ھەئە دېگەن گەپنى چقىرالمىدىم ، مەن ياق دېدىم ، ئۇ ئىشەنمىدى ، ھەم ماڭا :«يالغان سۆزلىمە ؟ سەن راستىنلا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپسەن شۇنداقمۇ ؟» مەن ئۈندىمىدىم ، ئەمىليەتتە زۇلقار كۆڭلۈمدىكىنى ئاللىقاچان بىلگەن ئىدى .
ئەتىسى مەيداندا باللارنىڭ ئويۇنىغا قاراپ ئولتۇراتتىم ، تۇيۇقسىز زۇلقار چاقىرىپ قالدى ، مەن نېمىش دەپ ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئۇ سىنىپقا كىرىشىمنى ئېيتتى ، مەن سىنىپقا كىردىم سىنىپتا مەھلىيا ئولتۇراتتى ، ئۇ ماڭا :«مەن بىلەن كۆرۈشمەكچىكەنسىز ؟ بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى ؟» دېدى.مەن ھەيران قالدىم ئەمىليەتتە زۇلقار مېنى دەپ مۇشۇنداق دېگەن ئىكەن ، مەن ئۇنىڭغا :«سىزنى ياخشى كۆرىمەن »دېگەن ئىدىم ، ئۇ كۈلۈپ كەتتى ،ئۇنىڭ كۈلكىسى شۇنچىلىك ئوماق ئىدى ،  ئۇ ماڭا :«مۇشۇ گەپمىتى مەن بۇرۇنلا بىلگەن ئىدىم ،سىزنى قاچان ئېغىز ئاچا دەپ ئولتۇرغان ئىدىم ،مانا ئاخىرى ئېغىز ئاچتىڭىز »دېدى ، شۇ كۈندىن باشلاپ بىز يۈرۈپ قالدۇق ، ئىچىمدە  زۇلقارغا رەھمەت ئېيىتتىم .
ئەمما بۇ كۈنمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى ، ھەش پەش دېگۈچە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى ، بىر كۈنى مەھلىيا مەندىن پۇل سورىدى ، ياتاقدىشى مەنزىرە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن ، مەن گەپ قىلمايلا ئۇنىڭغا 50يۈەن بەردىم ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ئۆزگەردى ، دائىم مەندىن پۇل سورايدىغان بۇلۇپ قالدى ، تېخى ياتاقدىشىم ئەنۋەر بىلەن ئارلىشۋاتقانلىق خەۋىرنىمۇ ئاڭلىدىم ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم ،ئۇ ماڭا :«كىم بىلەن ئارلىشىشىم بۇمېنىڭ ئەركىنلىگىم ، مېنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ ، سىزگە كەلسەك سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاخماقلىقىدىن كۆرۈڭ ، »دەپلا كېتىپ قالدى ، تۇرغان جايىمدا قاققان  قوزۇقتەك تۇرۇپ قالدىم. ئىچىمدە:«خەپ مەھلىيا، بۇ قىلغىنىڭدىن ھامان بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن.»دېدىم.كاللام  قۇپقۇرۇق. گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە ياتاققا قايتىپ كەلدىم. ياتاقتا ئەنۋەر تېلېفون سۆزلىشىپ ئولتۇراتتى. مەن ئۇنىڭدىن:«مەكتەپ بىلەن ئارىلىشىۋاتامسەن.؟»دەپ زەردە بىلەن ۋارقىرىدىم. ئۇ ماڭا:«نېمە كارىڭ؟ شۇنداق مەن ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىۋاتىمەن. سەن كىمتىڭ مېنى سوراق قىلىدىغان. ئۇ سەندىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەچكە مەن بىلەن ئارىلاشتى. بۇنى سەن توسۇپ قالالمايسەن. مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىمەن.»دېدى. مەن ئارتۇق گەپ قىلماي سىرتقا چىقىپ كەتتىم. مەكتەپ بىناسى يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇردۇم. تۇيۇقسىز زۇلقار پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇ ماڭا:«ئۆزىنىڭ مەنزىرە بىلەن ئارلىشىۋاتقانلىقىنى.ئۇنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈپ قالغىنىنى ، ئۇ ئوقۇش تۈگىسىلا سىرتقا ئىشلىگىلى چىقماي،ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدىغاننى ئېيتتى.» ، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولدۇم. ئۇ مەندىن مەھلىيا بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى سوراپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايرىلىپ كەتكىنىمىزنى، ھەم بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم. ئۇ ماڭا تەسەللىي بەردى.
شۇ كۈندىن باشلاپ مەھلىيا ئەنۋەر بىلەن ئاشىق مەشۇقلاردىن بولۇپ ئۆتتى.ھەتتا كۆز ئالدىمدا قولتۇقلىشىپ مېڭىپ يۈرەتتى. مەن پەقەت ئەلىمىمنى  ئىچىمگە يۇتۇپ يۈردۈم. ھەش پەش دېگۈچە ئوقۇشنىڭ ئىككىنچى ئېيىمۇ ئاخىرلاشتى. زۇلقار بىلەن مەنزىرەمۇ ئۇزۇن ئارىلاشمايلا  ئايرىلىپ كەتتى. چۈنكى مەنزىرەنىڭمۇ ھاياتىدا، مەخمۇت ئىسىملىك، بىرسى پەيدا بولغان ئىدى. مەخمۇتمۇ ئەنۋەر بىلەن بىر يېزىدىن ئىدى. مەنمۇ زۇلقارغا تەسەللىي بەردىم. بەزىدە بۇ ئوقۇشنىڭ تېزراق تۈگىشىنى ئۈمىد قىلاتتۇق. ھەش پەش دېگۈچە ئۇ ئوقۇشمۇ ئاخىرلاشتى. بىز قوللىرىمىزغا خۇشاللىق بىلەن، ئىشسىزلىق كىنىشكىسنى ئالدۇق.  ھەم سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، ئائلىمىزنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش قارارىغا كەلدۇق. ھەر ئىككىلىمىزنىڭ قەلبىدىن، مەھلىيا بىلەن مەنزىرە، مەڭگۈلۈك غايىپ بولغان ئىدى. بەلكىم كونىلارنىڭ:« مەكتەپتىكى مۇھەببەت،خۇدايىمغا ئامانەت.»دېگىنى شۇ بولسا كېرەك دەپمۇ ئويلاپ قالاتتۇق.
ئۇزۇن ئۆتمەي يېڭى بىر  خەۋەرنى ئاڭلىدۇق. مەھلىيا ئەنۋەر بىلەن ئايرىلىپ كېتىپ، باشقا بىرسى بىلەن توي قىپتۇ. مەنزىرەمۇ مەخمۇت بىلەن توي قىلماي باشقا بىرسى بىلەن توي قىپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، توۋا دەپ قالدۇق. چۈنكى ئەنۋەر بىلەن، مەخمۇتنىڭ ئاقىۋىتىمۇ بىزدەك بولغان ئىدى. بەلكىم ئۇلارمۇ:«مەكتەپتىكى مۇھەببەت،خۇدايىمغا ئامانەت.»دېگەن گەپكە لايىق كېلەتتى. شۇنداق قىلىپ سىرتقا ئىشلەشكە بارىدىغانلىىرى باردى. بارمايدىغانلىرى بارمىدى. زۇلقار  بىلەن ئىككىمىزمۇ سىرتقا چىقمىدۇق.  ئۆيدە ئاتا ئانىمىزغا ياردەملەشتۇق. ھەر ئىككىلىمىزنىڭ قەلبىدىن، مەھلىيا بىلەن مەنزىرەنىڭ  سىماسى ئاستا ئاستا خۇنۇكلەشتى ، ھەر ئىككىمىز، شۇ گەپنى تەكرارلايتتۇق ، يەنى :«مەكتەپتىكى مۇھەببەت،خۇدايىمغا ئامانەت.»

ئاپتور.…ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان.
ئاپتورنىڭ ئۈندىدار نومۇرى.15292532364
قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىڭلار بولسا قالدۇرۇپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلماڭ.
     





1041 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-20 20:02:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-3 22:10:18 يىگچى
تېلفۇندا يازغانما
2016-10-2 13:08:36 ساھىپجامال
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ