قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 12- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون


ۋەھىمىلىك ھىكايە 12-قىسىم


metro


- بۇ پۈتۈلگەن سۆزلەرنى پەقەتلا چۈشەنمىدىمغۇ، نىمە ئۇ ئالۋاستى سىرلىق كىتاپ دىگەن؟-دىدى ئىسكەندەر تېڭىرقاپ.

- قارغىشقا كىتىدۇ دەيدۇ، بۇ پۈتۈككە بۇنداق ئەسكەرتكۈدەك ئۇنچە خەتەرلىك ئۇ كىتاپ نىمە كىتاپتۇ. نەدە ئۇ كىتاپ؟ - بىزمۇ شۇنى بىلمەكچى ،- دىدى تايىر.

- بىزمۇ ساڭا ئوخشاشلا ھەيران قېلۋاتىمىز ، يەنە بۇ پۈتۈك بىلەن تەڭ ساقلىغان ماۋۇ ئۈچ تال ئالتۇن بويۇمنىڭمۇ چوقۇم سىرى بار بولمىسا شۇنچۇۋالا ئالتۇن ، كۆمۈش بار يەردە بۇنى تاش ساندۇقتا ساقلامتى ، تۇرغۇن دەپ باقە ، بۇۋاڭ بۇ سىرلىق جاينى قانداق بىلىدىغاندۇ؟ ئۇ بۇ جايغا كىلىپ باققانمىدۇ ، ساڭا داداڭ ، يا ، بۇۋاڭ رەھمەتلىك ھايات ۋاقتىدا بۇ توغۇرلۇق بىرەر ئېغىز گەپ قىلمىغانمۇ ؟ - ياق ،-دىدى.

تۇرغۇن ئويلانغاچ بېشىنى چايقاپ:

- رەھمەتلىك بۇۋام ئالەمدىن ئۆتكەندە مەن بەك كىچكەنمەن، دادام بۇ توغۇرلۇق بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان. ئۆتكەندە مەن بۇ ئىشنى پۇرۇتۇپ قويسام تاس قالدى ئۇرۇۋالغىلى، شۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ ئىشلارنىڭ سىرىنى دادام بىلىشى مۇمكىن.

- توغرا ، چوقۇم بۇۋاڭ داداڭغا بۇ توغۇرلۇق ۋەسىيەت قالدۇرغان بولىشى مۇمكىن ،- دىدى سەمەتمۇ ،- ئويلاپ بېقىڭلار ، بۇ جايدىكى قىرغىنچىلىق ، بۇ جايدىكى موداپىئە قۇرۇلىشى، بۇ جايدىكى شۇنچە كۈچلۈك ئەسكىرى كۈچ ، نىمە ئۈچۈن موشۇ …

- توغىرا دىدىڭ ،- تايىر سەمەتنىڭ گېپىنى تارتىۋالدى -دە ھاياجانلىنىپ سۆزلەشكە باشلىدى ،- ئەمدى بىر ئاز بۇ يەرنىڭ سىرىنى بىلگەندەك قىلىمىز ، سەمەتنىڭ دىگىنىدەك بۇ جاي بىرىنجىدىن ئىنتايىن چەت، خىلۋەت بىر جايكەن، ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ئىنتايىن يوشۇرۇن. ئىككىنجىدىن مۇداپىئەسى بەك چىڭ، قۇرۇلۇشلىرى مۇرەككەپ، ئۈچىنجىدىن بۇ يەرنى ساقلاۋاتقان ئەسكىرى كۈچ بەك كۆپ، ئاۋال بۇ سىرلارنى بۇنداق يىغىچاقلاپ ئويلاپ باقايلى. بۇنچۇۋالا قوشۇن شۇنچە كۈچەپ، بۇنچە مەخپىي جايدا نىمىنى قوغداپ ياتىدۇ ؟ ئىككىنجى مەسىلە ، بۇ جايدا شۇنداق قاتتىق جەڭ بوپتۇ، ھۇجۇم قىلغان قوشۇن نىمىنى كۆزلەپ، شۇنچە چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ھەتتا پۈتۈن ھاياتىنى تىكىپ بۇ يەرگە باستۇرۇپ كىرىپ جەڭ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىدى نىمە؟ ئۈچۈنجى مەسىلە، بۇ يەردىكى نۇرغۇن مال - مۈلۈك ، نۇرغۇن بايلىقلار شۇ پېتى قاپتۇ، بۇ شۇنى چۈشەندۈردىكىن ئىككى تەرەپ پۈتۈنلەي ھالاك بولغىچە جەڭ قىپتۇ بۇ نىمىشقا؟ تۆتىنجى مەسىلە ، بۇ يەر خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتسىمۇ نىمىشقا شۇنچىلىك خەتەرلىك، نىمانداق سىرلىق ئىشلار يۈز بىرىدۇ ، بۇ نىمە سەۋەپتىن؟

ھەممىسى تايىر قويغان مەسىلىلەرنى ئويلاۋاتاتتى. دىلبەر قايتۇرۇپ تايىردىن سورىدى :

- نىمە سەۋەپتىن ؟

تايىر كۈلدى، ئۇ بىر ئىشنىڭ تىگىگە يەتكەندەك قىلاتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىڭگىگىنى سىلىغاچ بىر دەم ماڭغاندىن كىيىن ، ئىغىزىغا تەلمۈرۈپ قاراپ ئولتۇرغانلارغا يۈزلەندى:

- مېنىڭچە بۇ يەردە چوقۇم مۇھىم بىر نەرسە بار ، بۇ جاي شۇنى قوغداش ئۈچۈن ياسالغان ، شۇنچە كۆپ ئەسكىرى كۈچمۇ شۇنى قوغدىغان …

دىلبەرمۇ تايىرنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى چۈشۈنۈپ يەتتى - دە ئۆزىنى باسالماي ئۇنىڭ گېپىنى تارتىۋېلىپ سۆزلەشكە باشلىدى :

- شۇڭا شۇ نەرسىنى دەپ تاجاۋۇزچى قوشۇنمۇ خەۋىپكە قارىماي باستۇرۇپ كىرگەن، ئىككى تەرەپ شۇنى تالىشىپ قاتتىق جەڭ قىلىشقان ، تاكى ھەممىسى ھالاك بولۇشقىچە.

بۇلار مۇلاھىزە قىلىشقانچە بۇ خارابىلىكنى چۈشەنگەندەك قىلىشاتتى.

- ئۇلار تالاشقان نىمە؟ - دىدى گۈزەلنۇرمۇ جاۋابىنى تاپقاندەك كۈلۈمسىرەپ.

ھەممىسى تەڭلا ئېغىز ئېچىشتى :

- سىرلىق كىتاپ !!!

جاۋاپلار ئايدىڭلاشقانچە ئۇلار روھلىنىپ كىتىپ باراتتى، ھەممىسىنىڭ كاللىسى شۇنداق تىز ئىشلەيتتى، ئويلىغانلىرى، جاۋاپلىرى ئوخشاش ئىدى.

- ئەمىسە ئۇ كىتاپ نەدىدۇ ؟ بۇ جايدىن بۇلاپ كىتىلگەندىمۇ؟ - دىدى سەمەت.

- ياق ، ھەرگىز بۇلاپ كىتىلمىدى، ئۇ كىتاپ مېنىڭچە ھازىرمۇ مۇشۇ خارابىلىكتە بار . بۇلاپ كىتىلسە بۇ تېرە پۈتۈكلەر چوقۇم باشقىلارنىڭ قولىدا بولاتتى. سەزمىدىڭلەرمۇ بۇ ئەتراپ نىمىشقا شۇنچە سىرلىق، شۇنچە قورقۇنۇچلۇق؟ بۇنىڭ سەۋەبى چوقۇم كىتاپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، بۈگۈن چىققان قۇيۇنمۇ … ئۇ سۆزلەۋېتىپ تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى ئويلاپ توختاپ قالدى. ھەممىسى ئۇنىڭ ئېغىزىغا مىختەك قادىلىپ ئولتۇراتتى، ئۇ بىر سىرنى بايقىغاندەك چىرايى پاللىدە ئېچىلدى-دە سۆزلەشكە باشلىدى ،- بىلدىم … بىلدىم ، ئاخىرى چۈشەنگەندەك بولدۇم، - ئۇنىڭ ئاۋازى خوشاللىقتا كۆتۈرلۈپ كىتىۋاتاتتى.

- قۇيۇن … قۇيۇن بېرىپ توختاپ قالغان ھېلقى … ھېلقى پىرامىدا بىنا ، مېنىڭچە كىتاپ بىلەن شۇ يەرنىڭ مۇناسىۋېتى بار . - سەن كىتاپنى شۇ جايدا دىمەكچىمۇ؟ - دىدى تۇرغۇن ئالدىراپ.

- ھەئە ، مېنىڭچە شۇ يەردە ، سىلەر دىلبەر بىلەن ئىككىمىز كۆرگەن قۇيۇننىڭ ھەركىتىنى كۆرگەن بولساڭلار چوقۇم ھەيران قالاتتىڭلار ، ئۇ قۇيۇن شۇ جايدىلا تۇرۇپ قالدى ، ئۈستى ئاسمانغا چىقىپ قورقۇنۇچلۇق چاقماقمۇ چاقتى، بۇنداق قۇيۇننى قايسىڭلار كۆرۈپ باققان.

دىلبەرمۇ تايىرنىڭ پەرىزىنى ئاساسى بار دەپ ئويلىدى، چۈنكى ئۇمۇ بۇ قۇيۇننىڭ ۋەھىمىسىدىن، سىرلىقلىغىدىن ھەيران قالغان ئىدى .

- ئەمىسە قانداق قىلىمىز ؟ كىتاپنى ئىزدەمدۇق ؟ - دىدى سەمەت ھەمرالىرىنىڭ ئويىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ سورىدى .

- ياق ئىزدىمەيلى ،- دىدى گۈزەلنۇر دەرھاللا ،- ئاڭلىمىدىڭلارمۇ ئالۋاستى كىتاپ ھەزەر ئەيلەڭلەر، قارغىشقا كىتىسىلەر دەپ ئەسكەرتكىنىنى،- دىدى قورقۇپ .

باشقىلار بىر - بىرىگە قارىشقىنىچە جىم بولۇشتى، چۈنكى گۈزەلنۇرنىڭ دىگەنلىرى ئورۇنلۇق بولۇپ، ئالۋاستى كىتاپسىزمۇ ئۇلار بۇ جايدا خەتەرگە يىققىن تۇرۋاتاتتى .

- مېنىڭچە ، - دىدى تايىر ،- ھېچ بولمىسا ئۇ كىتاپنىڭ ھەقىقى سىرىنى بىلىپ بولسىمۇ كەتسەك بولاتتى. مېنىڭ ئۇ كىتاپتىكى سىرلارنى بەكلا بىلگۈم بار .

- مېنىڭمۇ شۇ ، ئۇنىڭ سىرىنى بىلەلمەي بىر ئۆمۈر ئىسىت دەپ قالمايلى يەنە .

دىلبەر ئېغىز ئاچتى : - ھېلىمۇ بۇ جايغا كەلگىلى ئىككىنجى كۈنى ، بايلىقنىمۇ تاپتۇق ، قايتساق بولارمىكىن ، ئۆيدىكىلەر تىلفۇن ئۇلانماي قانچىلىك ئەنسىرەۋاتقاندۇ، بىز ئىككىمىز قىز بالا بۇنچە سىرتتا ئىز دىرەكسىز يوقاپ كەتسەك ئۆيدىكىلەر بەك ئىزدەپ كىتىدۇ .

دىلبەرنىڭ سۆزىنى گۈزەلنۇرمۇ دەرھال ماقۇللىدى. سەمەت بىلەن ئىسكەندەر ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرۈشمىدى.

- ئەمىسە ،- دىدى تايىر ،- ھازىرچە موشۇ يەردە يېتىپ، ئۇ ئىشلارغا ئەتە بىر نەرسە دەيلى.

جاھاننى ئاستا - ئاستا قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بولۇپ، ئەتراپتىن ھېلقى ھۇقۇشنىڭ ئارلاپ - ئارلاپ سەت ھۇۋلىغان ئاۋازى كىلەتتى. بۇ ئاۋازنى ھەربىر قېتىم ئاڭلىغاندا بۇ تەۋەككۈلچىلەرنىڭ يۈرەكلىرى سىقىلىپ بىر خىل قورقۇنىچ باساتتى. تاغ كەينىدىن سوزۇلۇپ چىققان تولۇن ئاي خۇددى تاغ ئۈستىدىكى يۇغان يورۇق گۈمبەزدەك كۆرۈنۈپ تۇراتتى . قىزلار بىر ئۆيگە ئورۇن راسلاشتى، ئوغۇللار قىزلارنى قورقۇپ كەتمىسۇن دەپ قىزلار ياتقان ئۆينىڭ ئىككى بېقىنىدىكى ئۆيلەرگە ئىككىدىن بۆلۈنۈپ ئورۇنلاشتى، ئۆيلەر ھەممىسى ياغاچ قۇرۇلمىلىق، پەنجىرە بىلەن ياسالغان ئۆيلەر بولغاچقا ھەر قانداق شەپە ، ئاۋاز بىر - بىرىگە ئېنىق ئاڭلىناتتى. شۇڭا ئۇلار بۆلۈنۈپ ياتقان تەقدىردىمۇ بىر - بىرسىگە كۆز - قۇلاق بولالايتتى.

تايىرنىڭ كاللىسىغا سىرلىق كىتاپ كىرۋالغان بولغاچقا ئۇ ھېلقى تېرىنى يېيىۋېلىپ خەتلىرىنى ئوقۇيالمىسىمۇ قول چىراقتا شۇنىڭغا قادىلىپ ئولتۇراتتى، باشقىلار تاغدىن - باغدىن پاراڭلىشىپ يېتىشتى. بىر چاغدا پالاق - پۇلۇق قىلغان ئاۋاز بىلەن ھېلقى ھۇقۇش تايىرلار ياتقان ئۆينىڭ دەرىزىسگە قوندى. تايىرنىڭ يۈرۈگى جىغغىدە قىلىپ قالدى، يېنىدا ياتقان تۇرغۇنمۇ شەپىنى ئاڭلاپ دەرھال تۇرۇپ كەتتى. باشقىلار شەپىگە دىققەت قىلمىغاچقا ئۆزىنىڭ پارىڭىنى قىلىشۋاتقىنى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئىككىسى ھۇقۇشقا سىنچىلاپ قارىدى، ھۇقۇشنىڭ جۇغى كىچىكلا بولۇپ قۇنغان جايىدا مىدىراپ كۆزىنى بۇ ئىككىسىگە تىكتى. ئۇنىڭ كۆزى ئاستا - ئاستا يۇغانلاپ قاپ - قاراڭغۇ ھالەتكە كەلدى، شۇ قاراڭغۇلۇقتىن بىر خىل ۋەھىمىلىك قارا تۇمان ئۇچۇپ چىقىپ بۇ ئىككىسىنىڭ كۆزىنى قاپلىدى - دە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا باشقىچە مەنزىرە پەيدا بولدى. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا ئىككىسى ھەركەت قىلىپ باققان بولسىمۇ ، خۇددى پۇت - قوللىرى ، تىللىرى قېتىپ قالغاندەك ھېچقانداق ھەركەتكە كەلمەيتتى. ئىككىسى بۇ چاغدا پۈتۈنلەي بىر خىل سېھىرنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغان بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ نەدە ئىكەنلىگىنىمۇ ئۇنتۇپ كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىنى خۇددى موردىدەك ھالەتتە كۆرمەكتە ئىدى.

ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا غايەت زور ئوڭكۈر ، ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىنى تۆمەن مىڭ ئادەمنىڭ ۋاقىراپ - چىرقىراۋاتقان يىغا ئاۋازى قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، يىغا ئاۋازى ئىچىدە ئاياللارنىڭ ، بالىلارنىڭ شۇنداق ئېچىنشلىق يېغىسى ئادەمنىڭ يۈرەكلىرىنى سىقاتتى. ئەتراپ لاۋىلداپ كۆيىۋاتقان ئوت بولۇپ، ئوتتۇرسىدا پۈتۈنلەي ئاق كىيىم كەيگەن بىر توپ ئاياللار بىر نەچچە ئادەمنى ئورەك كولاپ كۆمىۋاتاتتى. ئۇلار جان - جەھلى بىلەن قېچىشقا ئۇرۇناتتى. ئاياللار ئۇلارنى قاچقان جايدىن تۇتۇپ ئېلىپ كىلىپ باش ، پۇت - قوللىرىنى ئۈزۈپ كۆمەتتى. ئۇلار شۇنداق ھالەتتىمۇ يەنە توپا ئاستىدىن ئۆمۈلەپ چىقىپ قاچاتتى. ئاياللار ئۇلارنىڭ قۇرساقلىرىنى يېرىپ قانلىرىنى يۈز - كۆزلىرىگە سۈرۈشكىنىچە زار - زار يىغلىشاتتى. ئىككىسى ئىنچىكىلەپ قاراپ قېچىۋاتقانلارغا قارىدى -دە كۆزلىرى ئېتىنلىپ چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى چۈنكى قاچقانلار باشقىسى ئەمەس ئۆزلىرى ئىدى. تايىرنىڭ پۇتى ئۈزۈلگەن ، قۇرسۇغى يېرىلغان ھالىتى ئۆمۈلەپ كەلمەكتە، باشقىلار ئازاپتا چىقىرشىپ ئاياللار قولىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىدى. تايىرنىڭ ئۆمۈلەپ كىلىۋاتقان گەۋدىسى كەينىدىن بىر توپ ئايال ھە دەپ ئۇنى تۇتۇشقا يۇپۇرۇلۇشتى. ئۇ ئاياللارنىڭ چىرايى بىر قارىماققا موردىغا ئوخشىسا ، بىر قارىماققا گۆشى يېڭىلا شۈلىنىۋېلىنغاندەك كۆرىنەتتى. تايىر مىدىر - سىدىر قىلالماي ئۆزىنىڭ ئۆمۈلەپ يېقىنلاۋاتقانلىغىغا قاراپ تۇراتتى، ئاياللار ئۆمۈلەپ قاچقان تايىرنى تۇتۇپ، ئىككى تەرەپ بولۇپ تارتىشقا باشلىدى. بىر تەرەپ بېشىدىن تارتقان ئىدى ، بېشى ئۈزۈلۈپ يەرگە چۈشۈپ، دۇمىلغىنىچە تايىرنىڭ ئالدىغا كىلىپ قاقاھلاپ كۈلدى.

تايىر بۇ دەھشەت مەنزىرىدىن دەھشەت قورۇقتىكىن پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ بىر ۋاقىرۋېدى ئەسىلىگە كەلدى، ئۇ يېنىدىكى قېلىچنى ئېلىپ شۇنداق بۇلغاپ قارىغانتى ئالدىدا ھېچنىمە يوق، ئۆيدە تۇراتتى. ئاي نۇرى ئەتراپنى يوپ - يورۇق قىلىۋەتكەنتى يېنىدا تۇرغۇن ئالاقزادە بولغىنىچە قاراپ تۇرغان بولۇپ، ئانغىچە باشقىلارمۇ يۈگۈرشۈپ چىقىشتى .

- نىمە بولدى ؟- دەپ سورىدى ئىسكەندەر ئەنسىرەپ.

- تاڭ ، مەنمۇ بىلمىدىم ، قارا باسقان ئوخشايدۇ ، بايا قارىسام ئورنىدىلا يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىكەن چاقىرمىغانتىم، جۆيلۈپ ۋاقىراپ تۇرۇپ كەتتى ،- دىدى تۇرغۇن چۈشەندۈرۈپ .

تايىر ئۆزىنىڭ چۈش كۆرگىنىنى ياكى راس شۇنداق ئىشقا ئۇچۇرغىنىنى ئىلغا قىلالماي جىمجىت تۇراتتى. ئۇنىڭ يۈرۈگىنىڭ سوقۇشى ھەتتا باشقىلارغىمۇ ئاڭلانغۇدەكلا قاتتىق ئىدى .

- ۋوي قولىڭىزدىن قان چىقىپتىغۇ ، - دىدى دىلبەر قول چىرىغىنى تايىرنىڭ قېلىچ تۇتقان قولىغا قارىتىپ، قان يەردە تۇرغان تىرە ئۈستىگە تامچىلاپ تۇراتتى. …

بۇلار يەنە قانداق ئەھۋاللارغا ئۇچرار ، قانداق سىرلار ، قانداق خەتەرلەر بۇلارنى ساقلاپ تۇرۋاتىدۇ ؟ قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن .





1343 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 17:40:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ