يوقالغان قوشۇن -5- قىسىم ھىكايە

يوقالغان قوشۇن


(5- قىسىم)


metro


    بوران تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى ، خو قوماندان ھالاكەتكە ئۇچۇراۋاتقان ئەسكەرلىرىگە قاراپ تۇرماقتىن باشقىنى قىلالمىدى ، چۈنكى ئالدىغا تۆت قەدەم ئالسىلا دالدىلانغان جايدىن بوران ئېقىشىغا كىرىپ كىتەتتى - دە ئۇچۇپ كىتىشى چوقۇم ئىدى ،قاسىمبەگ بولسا ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنىڭ سانىنى ئېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى ،پولات بوراندا ئۇچۇپ كىتىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ ھالىغا چىدىمىدى ،ئۇ ئارغامچىدىن بىرنى ئېلىپ كىلىپ تۆگىدىن بىرگە چەگدى، گۈلنەزەر يۈزىنى گاز ياغلىقتا چىگىۋالغان ھالەتتە پولاتنىڭ ھەر - بىر ھەركىتىگە قاراپ تۇراتتى ، سادىر بۇۋاي ئوغلىنىڭ نىمە قىلىدىغانلىغىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى ، پولات ئارغامچىنى بىلىگە باغلاپ ئەمدى ئېقىشقا ماڭاي دىۋىدى گۈلنەزەر گاز ياغلىقتىن بىرنى ئېلىپ كىلىپ پولاتقا سۇندى ، ئۇ قىزغا بىر قارىۋېتىپ ياغلىق بىلەن بېشىنى ئوراپلا تىزلىك بىلەن بوران ئېقىشىغا يۈگۈردى،قىز ئۇنىڭ كەينىدىن ئەنسىرەپ قاراپ تۇردى ، ئۇ نىمىشقا ئەنسىرەيدىغاندۇ ؟ ئەمىلىيەتتە ئۇ يىگىتنى ياقتۇرۇپ قالغانتى ، ئۇنىڭ جىمغۇر ، غورورلۇق مىجەزى بىلەن، ئاتىسىغا بولغان كۆيۈمچانلىغىغا ، ۋاپادارلىغىغا قاراپ ئۇن بىلىپ - بىلمەي ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى .

      پولاتنىڭ بۇ ھەركەتلىرىگە خو قوماندان باشلىق ئامان قالغان ھەممىسى قاراپلا قالدى. پۇلات ئوچۇقچىلىققا چىقىشىغا كۈچلۈك بوران ئۇنىڭ بەستىلىك گەۋدىسىگە شىددەت بىلەن ئۇرۇلۇپ ئۇنى يىقىتىۋەتتى، ئۇ غەيرەت بىلەن ئاغامچىنى تارتىپ ئورنىدىن تەستە تۇردى ھەمدە قەدەملىرىنى زور كۈچ بىلەن يۆتكەپ ئەتىراپنى كۈزەتتى ، تىك يانىڭ يان تەرپىدە ئىككى گەۋدە بىر - بىرىگە چاپلىشىپ ياتاتتى،ئۇ يارنىڭ قول تۇتقۇدەك يەرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ بورانغا قارىشى گەۋدىلەرگە قاراپ ئىلگىرلىدى، بىر ھازا تىركىشىشتىن كىيىن پولات ئۇلارنى سۆرەپ يارنىڭ دالدىسىغا يېقىن ئېلىپ كەلگەندە بوران بىرلا كۈچۈيۈپ بىرسىنى ئۇچۇرۇپ كەتتى ، پولات بىلەن يەنەبىرۈيلەن ئاغامچىغا ئېسىلغان ھالدا يىقىلىپ چۈشتى قاراپ تۇرغانلار دەرھال ئاغامچىنى تارتىپ ئۇلارنى دالدىغا ئېلىپ كەلدى .

      پولات يۈزىدىكى ياغلىقنى ئېچىپ قۇتقۇزۇپ كەلگەن ئادەمگە قارىدى ، توپا - چاڭغا مىلىنىپ لاي ئادەم بولۇپ قالغان بۇ ئادەم دەل ئۇنى ھاقارەتلىگەن قاسىمباينىڭ چوماقچىسى ھېزىم ئىدى ، ئۇ كۆزىنى يىرىپ ئېچىپ شەپقەتچىسى پولاتنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ رەھمىتىنى ياندۇر - ياندۇر ئېيتىپ كەتتى،گۈلنەزەر پولاتقا بىر قاپاقتىكى سۇنى سۇنغاچ كۈلۈمسىرىدى ، ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشىنى پولات ياغلىق ئىچىدىنمۇ ئېنىق كۆردى ،ئاچىسى ئامىنە كىلىپ سېڭلىسىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ كەتتى ، چۈنكى قاسىمبەگ گۈلنەزەرگە ئاچچىقلىق قاراپ تۇراتتى، پولات سۇنى كۆتۈرۈپ بېرىپ ئاتىسىغا سۇندى ،سادىر بۇۋاي سۇنى بىر نەچچە يۇرتۇم ئىچىپ ئوغلىغا قايتۇرۇپ بىرىپ كۆپچىلىككە ۋاقىراپ تۇرۇپ ئەسكەرتتى:

       - كۆپچىلىك ، بىز بۇنداق تۇرساق بولمايدۇ ، بۇنداق تۇرىۋەرسەك قۇمغا كۆمۈلۈپ كىتىمىز ، بىز بۇ دالدىن چىقمىغان ھالەتتە ئۇياق - بۇياق مېڭىپ بىرەيلى !

      قاسىمبەگ بۇ گەپنى خو قۇماندانغا يەتكۈزدى ، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئادەم كىچىككىنە دالدىدا قىمىرلاپ ھەركەت قىلىشقا باشلىدى… قاراڭغۇ چۈشكەندە بوران ئاستا - ئاستا سۇزلىدى ، ھەركەت قىلىپ ھېرىپ كەتكەنلەر ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلىدى،قوشۇندىكىلەرنىڭ قۇرساقلىرى ئاچقان ئىدى ئۇلارغا ئازاراقتىن سۇ ، ناندىن ئازاراق تارقىتىلىپ بىرىلدى ، پولات نان يىدىمۇ ياكى قۇم يىدىمۇ ئالدىرماي نان چاينىغاچ ئانىسىنى سىڭلىسىنى ئويلاپ قالدى …

        پولات بىلەن ئاتىسى مەجبور ئېلىپ مېڭىلغاندا ئانىسى كەينىدىن ئەگىشىپ يىغلاپ « بالام ئاتاڭنى قايتۇرۇپ كەل ، ئىككىڭلاردىن ئەمدى ئايرۇلغۇم يوق ، ماڭا ئاكاڭنىڭ ئايرىلغىنىمۇ يىتىپ ئاشىدۇ ئىسىڭدە بولسۇن ئاتاڭنى ئېلىپ قايتىپ كەل !» دىگىنىچە يولدا ئولتۇرۇشۇپ قالغانتى ، سىڭلىسى ئانىسىنى يۆلەپ «ئاكا ، سېلەرنى ساقلايمىز، «قارائېيىق» سىلەرگە ھەمىرا بولسۇن،- دەپ ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاپ قالغانتى… ئاكامنىغۇقانخۇرلار مەجبور ئەسكەرلىككە ئېلىپ كىتىپ بىزدىن مەڭگۈ ئايرىۋەتتى ، ئەمدى مەن چوقۇم پۇرسەت تېپىپ ئاتامنى ئېلىپ ئۆيىمىزگە قايتىمەن ، پۇرسەت كىلىدۇ …ھامان كىلىدۇ… ئانام ، سېڭىلىم قانداقاراق تۇرۋاتقاندۇ … پولات شۇ خىياللار بىلەن ئۇيقۇغا كەتتى.

       ئەتىسى «قارا ئېيىق»نىڭ قاۋىشى ھەممىسىنى ئۇيغاتتى، ھەممىسى ئۈستى - بېشىدىكى قۇملارنى قېقىشتۇرۇپ ئەتىراپقا ھەيرانلىق بىلەن قارىماقتا ئىدى ، چۈنكى ئاخشام ئۇلار پانالانغان جايدىكى قۇم دۆۋىلىرى يوقاپ كەتكەنتى ، پۈتۈن جاھان سۈپ- سۈزۈك بولۇپ تۆنۆيگۈنكى بوراندىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى .ئەسكەرلەر توپپىدە ياتقان تۆگىلەرنى تۇرغۇزدى خو قۇمانداننىڭ قوغدىغۇچى ئەسكىرى ئۆزلىرىنىڭ 37 ئادىمىنىڭ بوراندا يوقاپ كەتكەنلىگىنى دوكىلات قىلدى ، قاسىمبەگنىڭ چوماقچىسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئالتە ئادىمىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىگىنى دوكىلات قىلدى ،ئىككى تەرەپ بىر قىسىم ئادەم ئاجىرتىپ يېقىن ئەتىراپتىن ئادەملىرىنى ئىزدىدى ، لېكىن ھېچ نەرسە تاپالمىدى، شۇنىڭ بىلەن قوشۇن ئەتىگەنلىك ناشتىلىقىنى قىلىپلا سەپەرگە ئاتلاندى.

        قوشۇن سىرلىق ، ئاجايىپ - غارايىپ شەكىللەردە زوڭزۇيۇپ تۇرغان بۇران خارابىلىرىدىن ، ھازىرلا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ھەممىنى باسىدىغاندەك تۇرغان يارلاردىن يول تېپىپ ، بوراندا ئۇچۇپ كەتكەن ھەمىرالىرىنى ئىزدىگەچ ئىلگىرلەۋاتاتتى ،قوياش ئاستا - ئاستا كۆكنىڭ قەرىگە چىقىپ يەنە كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى ، لېكىن قوشۇن مېڭىپ بۇ ئاجايىپ زىمىنى تۈگىتەلمەيۋاتاتتى ، ئۇلار كىتىۋېتىپ بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەن ئۈچ ئەسكەرنىڭلا جەسىتىنى ئۇچۇرتالىدى،جەسسەتلەر قاقاسلىقتا قالدى ، قوشۇن ھارغىن قىياپەتتە ئىلگىرلەپ چىڭ چۈش بولغاندا تاماق يىدى، بۇ تاماقتا ئاخىرقى ئوتۇنىمۇ تۈگىدى، ئۇلار يەنە سەپەرنى داۋاملاشتۇردى ، كۈن ئولتۇرىدىغانغا دەرەخ بويى قالغاندىلائۇلار بىر ئوچۇقچۇلۇققا چىقىپ قالدى ،ئوچۇقچۇلۇقنىڭ ئايىغىدا يىراقتا داۋان كۆرۈنۈپ تۇراتتى .

        - ئۇف ، - دىدى قاسىمبەگ ، - ئەتەيەنە قۇمدا ماڭىدىغان بولدۇقمۇ نىمە؟

    ئالدىدا كىتىۋاتقان « قارا ئېيىق » بىر نەرسىنى پۇراپ قالغاندەك تۇمشۇقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ پۇراپ بېقىپ قۇم داۋانغا يېقىن جايدىكى بىر بوران ئويىۋەتكەن جىراغا قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى،ئىتنىڭ كەينىدىن قوشۇن ئەگەشتى . قوشۇن جىراغا بارغاندا ئۇلارنى ئاجايىپ بىر مەنزىرە ساقلاپ تۇراتتى ، جىرا ئىچىدە بوراندا ئۇچۇپ كەتكەن ئەسكەرلەرنىڭ جەسىتى چېچىلىپ ياتاتتى ، خو قۇماندان ، قاسىمبەگ ، سادىر بۇۋاي ، پولاتلار « قارا ئېيىق»نىڭ جەسەتلەر ئىچىدە بىر نەرسىگە قاراپ تىپىرلاپ يۈرگنىنى كۆرۈپ يۈگۈرۈپ باردى ، لېكىن جەسەتلەرنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى ، جەسسەتلەر پارچىلانغان ، بەزى ئەزالىرى يوق ھالەتتە ، بەزىلىرى قىيما- چىيما ھالەتتە ھەتتا بەزىلىرى ئىسكىلىتتەك بولۇپ قالغانتى ئون نەچچە جەسسەتتىن ساق تۇرغىنى يوق ئىدى، ،قوشۇندىكىلەردىن كۆپۈنچىسى بۇ مەنزىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كۆرۈپ قورقۇپ كىتىشتى ،

        - سادىرۋاي ،- دىدى قاسىمبەگ ، - بۇ نىمە ئىش ، بۇلارنى قانداق نەرسە بۇنداق قىلىۋەتكەن؟ ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قورقۇپ كىتىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى، سادىر بۇۋاي بىر جەسەتنىڭ قۇرسىقىدىكى جاراھەت بىلەن ، بۇ يەردىكى ئىزلارغا بىر قۇر قاراپ چىقتى -دە بىر يۇغان تاشقا يۆلەنگەچ :

       - مەنمۇ بىلمىدىم بېگىم ، بۇ ئىزلار بىلەن جەسەتلەرنىڭ پارچىلىنىشى چاتقالىقتىكى بىلەن ئوخشاشكەن ،- دىيەلىدى ، شۇ چاغدا تاشنىڭ ئاستىدىن بىر قارا چايان لۆمۈلدەپ چىقىپ بۇۋايغا يېقىنلىدى ، بۇۋاينىڭ ئۆتكۈر كۆزى بۇنى بايقىدى - دە ئۇنى ئاستا قۇيرۇقىدىن تۇتىۋېلىپ قاراپ كەتتى ، چۈنكى بۇ قۇملۇقتا بۇنداق جانلىقلار ئاز ئۇچىرايتتى ،بۇۋاي چايانغا قىزىقىپ قاراۋېتىپ تۇيۇقسىزتوۋلىۋەتتى :

     - ئاللاھ ئىگەم ساقلىسۇن ! قاسىمبەگ بۇۋاينىڭ توۋلىشىدىن چۆچۈپ كەتتى ،

     - نىمە بولدى؟

       - رىۋايەت ئوخشايدۇ ، دەپتىكەنمەن ، راسكەندە … ب

     ۇۋاي بۇ گەپنى قاسىمبەگكە دىدىمۇ ياكى ئۆزىگە دىدىمۇ چۈشەنگىلى بولمايتتى. بۇۋاي نىمىدىن بۇنداق قورقۇپ كەتتى ،جەسەتلەرنى پارچىلاپ يەۋەتكەن نىمە ؟ بۇلارغا قىزىقسىڭىز داۋامىغا دىققەت قىلىڭ....

                                                        

                                                            2015-10-5  





2503 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-5 23:03:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-9 21:14:29 mumunjan
kaqan qika amdi ahirsi , bakla kizikip kaldim
2015-10-9 17:33:11 شامال
مەن بەك ياقتۇردۇم ،داۋامىنى،تىز راقراق يوللىساڭلار رەھمەت
2015-10-9 17:33:11 شامال
مەن بەك ياقتۇردۇم ،داۋامىنى،تىز راقراق يوللىساڭلار رەھمەت
2015-10-9 0:14:24 tunsagul
yokalgan koxun ni bak kizikip ukudum dawamini saklawatiman
2015-10-8 21:16:14 nur gul
Yo kal gan ko xun ni tiz rak yol lap ba si ngiz
2015-10-6 23:07:45 nur gul
Yo Kal Gan ko xun ning da wa mi ni tot koz bi lan sak la wa ti an
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ