گۇناھكار قەلىب (پوۋىسىت) 16- قىسىم

گۇناھكار قەلىب

 (پوۋىسىت) 16- قىسىم


  ئۇلار مەسلىھەتلشىپ زۆھرەنىڭ بىر تۇققىنىنىڭ ئۆيىگە مۇقىملاشتى . ئۇلار بۇ تۆھمەتنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان بولسىمۇ ئېغىزدىن چىقىرالمىدى . چۈنكى ئۇلارنىڭ قولىدا ئىسپات يوق . ئۇلار مەكتەپ مۇدىرى بىلەن قايتا قايتا كۆرۈشكەن بولسىمۇ ، مەكتەپ مۇدىرى مۇنۇ گەپلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدى .
- سىلەر مەكتەپ بويچە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار بولساڭلارمۇ ، مەكتەپ ھەرگىزمۇ مۇھەببەتلىشىشگە يول قويمايدۇ . مەكتەپ ئىچىدە بۇنداق ئۆسەك سۆزلەرنىڭ تارقىلىپ كېتىشنى ھەرگىز خالىمايمەن ، بۇ ئىشلار مەكتەپنىڭ يۈزىگىمۇ سەت ، ھەم مېنىڭ خىزمىتىمگە بېرىپ تاقىلىدۇ . سىلەر ئەركىنلىككە چىقتىڭلار ، ئەمدى خاتىرجەم قىلدىغىنىڭلارنى قىلساڭلار بولىدۇ ، سىلەرگە ھېچكىم دەخلى قىلالمايدۇ .
ئۇلار مەكتەپ مۇدىرنى ئىزدىگەننىڭ پايدىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ  ، پەرھاتنى ئىزدىدى . پەرھات سەت ھىجىيىپ :
- سەنلەرنىڭ ھامان ئالدىمغا كېلىشىڭلارنى بىلەتتىم . ئالدىنقى قېتىم تاھىرنىڭ مېنى تىللاپ كېتىشلىرنى مەن ئۇنتۇپ قالمىدىم ، ئەركىننىڭ مەندىن پايدىلنىپ مەندىن يۈز ئۆرۈشىنى ئۇنتۇپ قالمىدىم ، مەن ھەممىڭگە ئۆچ ، مەن بۈگۈن پۇخادىن چىقتىم چۈنكى بۈگۈن سەنلەر ماڭا يالۋۇرۇپ ئولتۇرۇشتۇڭ ، مېنىڭ ئۈچ تەلىپىم بار شۇنى ئورۇندىساڭلا ئاندىن مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كېلەلەيسىلەر .
-نېمە تەلەپ تېز ئېيىت :دېدى تاھىر ئالدىراپ .
-بىرىنچى تەلەپ ، خالنۇر تاھىردىن ئايرىلىپ ماڭا بىر كېچە ھەمراھ بولىدۇ ، قارىسام ئۇ خېلى گۈزەلكەن ، مەن بۇ گۈزەلدىن بىر كېچە ھۇزۇرلىنىمەن .
ئىككىنچى تەلەپ تاھىر بىر كېچە مەن خالنۇر بىلەن ھۇزۇر سۈرۋاتقان ئۆينىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ گۇناھىغا تۆۋە قىلىدۇ .
ئۈچۈنچى تەلەپ زۆھرەمۇ ماڭا ئوخشاشلا بىر كېچە ھەمراھ بولىدۇ ، ئەركىنمۇ تاھىرغا ئوخشاش بىر كېچە گۇناھىغا تۆۋە قىلىدۇ .
- ھۇ ھايۋان ، سەن مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭ ، مېنى جالاپ كۆرۈپ قالدىڭما ؟ سېنىڭ ئاچاڭ بارمۇ ؟ ياكى سىڭلىڭ بارمۇ ؟ بېرىپ شۇلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىل ، مەن پاك ، مەن بىر پاك سەبى قىز ، شۇنى بىلىپ قال ، مەن كاللاڭغا نېمە كەلسە شۇنى قىلدىغان ئويۇنچۇق ئەمەس ، ھۇ لۈكچەك ....
خالنۇر بىر تەرەپتىن يىغلىسا ، بىر تەرەپتىن پەرھاتنىڭ يۈزىگە شاپاشلاپ ئۇرۇۋاتاتتى . قالغانلارمۇ پەرھاتقا غەزەپ نەپرىتى بىلەن قاراپ تۇراتتى. پەرھات غەزەپ بىلەن :
-بولدى قىل پاسكىنا ، سېنى مەن بىلمەمدىم ، سەن نەچچە كۈندىن بۇيان ئەركىننى كولدۇرلىتىپ يۈردۈڭ ، تاھىر بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىشىپ يۈردۈڭ ، ئۆزەڭنى شۇنچە پاك چاغلاپ كەتتىڭما ، ھۇ رەسۋا
- تاھىر چىداپ تۇرالمىدى ، ھەم پەرھاتنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى .
-سېنىڭ بىزدە نېمە ئۆچۈڭ بار ئىدى ؟ نېمىشقا بۇنداق رەزىللىكنى بىزگە قىلىسەن ؟  سەندە ئادىمىيلىكتىن ئەسەرمۇ يوقكەن ، سەن ھايۋاندىنمۇ بەتتەر بىر نېمىكەنسەن ، : تاھىر شۇ گەپلەرنى دېدى ۋە مۇش بىلەن پەرھاتنىڭ ئېغىزىغا بىر نەچچىنى ئۇردى . ھەم يۇقىرى ئاۋازدا :
- مەن مەكتەپتە ئوقۇيالمايدىغان ئىش بولسىمۇ بۇنداق رەزىل پىلانلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇرمايمەن . مەن سېنىڭ يەنە بۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلىشىڭغا قاراپ تۇرالمايمەن . دېدى .
ئەركىن بىلەن زۆھرەمۇ يىغلاپ تۇرغان خالنۇرنى ئېلىپ بۇ يەردىن ئايرىلدى.

ئەسىرىمنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرڭىز ئەسىرىمدە بولسۇن.
ئاپتور : ئاقسۇ بايدىن  قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى : 15292532364
     





359 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-21 9:14:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ