قاراڭغۇ ئورمان 36- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 36- قىسىم

 ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

 بىز جان تىكىپ قېچىپ ئاستىنقى ئىككىنجى قەۋەتنىڭ چوڭ بىر زالىغا كىرگەندە مەخلوقمۇ ئالا - تاغىل، غەلىتە ئاۋازلار بىلەن ئۇزۇن پۇتلىرىنىڭ ياردىمىدە ئىز بېسىپلا كەينىمىزدىن پالاقشىپ كىلىۋاتاتتى. بۇ قېتىم ھامۇتئاخۇن ئالتۇنلىرىنىڭ غېمىغا قارىغاندا ئۆز جېنىنى ساقلاشنى ئەۋزەل كۆردىمۇ قانداق شۇنداق تىزلىك بىلەن ئالدىدا كىتىپ باراتتى. زال ھەرخىل شەكىلدىكى چوڭ - كىچىك ئەينەك رامكىلار بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇنىڭغا توم، ئىنچىكە ھەم رەڭلىك بولغان شىلانكىلار ئۇلانغان، بەزى رامكىلاردا غەلىتە ھايۋانلارنىڭ جەسەتلىرى بەزىلىرىدە تونۇش ھايۋانلارنىڭ تۆرەلمىلىرى سۇيۇقلۇق ئىچىدە لەيلەپ تۇراتتى. بىز ھاپلا - شاپلا شۇ رامكىلار كەينىگە مۈكۈشتۇق، قاتتىق يۈگەرگەچكىمۇ ھاسىرەپ ئۆپكىلىرىمىز ئېغىزىمىزغا تىقىلىپلا قالغانتى. مەن پەرىدەنى يەرگە ئاۋايلاپ قويۇپ ئۇنى ھوشىغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇندۇم. بۇ چاغدا قارا كىيىملىك كىلىپ ھېلقى داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان خاسىيەتلىك ئۈسكىنىسىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويىۋىدى ئۇ ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك كۆزىنى ئاستا ئاچتى، مەن دەرھال ئۇنىغا ئاۋاز چىقارماسلىقنى ئەسكەرتىپ كۆرسەتكۈچ بارمىغىم بىلەن ئېغىزىمنى توساپ بەلگە بەردىم.

ھەممىمىزنىڭ  جاراھەتلەنگەن يەرلىرىمىزدىن قان چىقىۋاتاتتى، لېكىن مەخلوق ئەتراپىمىزدا بىزنى ئىزدەپ يۈرگەچكە جىددىيلىكتە ئاغرىقلارنى ئۇنتۇپ، ھەر بىر شەپىگە قۇلىقىمىزنىڭ دىڭ تۇتۇپ ئولتۇراتتۇق. ئۇ ئەبلەخ ئۇزۇن يىلانباش پۇتلىرىنى ئۇياق - بۇياققا سوزۇپ ئاختۇرۇپ بىزگە بارغانچە يېقىنلاۋاتاتتى. بۇ چاغدا ھەممىمىز ۋاقىتنى خۇددى توختاپ قالغاندەك ھېس قىلىپ تۇرىشاتتۇق.

 تۇيۇقسىز جاراڭشىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر چوڭ ئەينەك رامكا سۇندى -دە ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق ئېقىپ يېنىمىزغىچە يىتىپ كەلدى .

- تىز يۆتكىلەيلى، بېشىڭلارنى پەس قىلىپ مېڭىڭلار ! - دىدىم ئۇلارغا پەرىدەنى يۆلەپ ئېلىپ ماڭغاچ.

 مەخلوق بىردىنلا بىزنىڭ شەپىمىزنى سەزدى -دە ئەتراپتىكى ئەينەك رامكىلارنى سۇندۇرۇپ ئۆرىگىنىچە بىزگە ئېتىلىندى، قارا كىيىملىك قولىدىكى قورالنى شۇنداق كۆتىرىشىگە مەخلوقنىڭ يىلان باشلىق ئۇزۇن بىر پۇتى ئوقتەك قىلىپ ئۇنى قاماللاپلا تارتىۋالدى -دە بىر سىلكىپلا يىراققا چۆرىۋەتتى. يەنە بىر پۇتى ئۇنىڭ بىلىدىن ئوراپ ئېلىپ يەردىن ئۈزۈپ كۆتەردى، بۇ چاغدا بىز ھەمراھىمىزنىڭ ئامالسىز قالغىنىنى بىلدۇق -دە تەڭلا كەينىمىزگە بۇرۇلۇپ مەخلوقنىڭ باش قىسمىنى ئوققا تۇتتۇق، لېكىن ئوق ئۇنىڭ بەدىنىگە خۇددى پاتقاققا كىرگەندەك كىرىپ يوقىدى. ھېچقانداق ئۈنىمى كۆرۈلمىدى .

- قانداق قىلىمىز ؟ قاھار تەمتىرگىنىچە مېنىڭدىن سورىدى، بۇ ئەھۋالدا مېنىڭ كاللامغا نىمە ئامال كەلسۇن.

 مەخلوقنىڭ يەنە بىر پۇتى سوزۇلۇپ بېرىپ ھامۇتئاخۇننى قاماللاپ كۆتىرۋالدى،  ئۇ قورۇققىنىدىن دات - پەريات كۆتۈرۈشكە باشلىدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ قالدى - قاتتى ئالتۇنلىرى مازاق قىلغاندەك يەرگە جىرڭشىپ چۈشۈشكە باشلىدى.

 - ئۇنىڭ پۇتلىرىدىن ھوشىيار بولۇڭلار ! ئۇ تۇتىۋالمىسۇن ،- دەپ ۋاقىردىم مەن يېنىمغا يەردە سۇغۇرلۇپ كەلگەن يىلانباش پۇتقا ئوق ئاتقىنىمچە.

 مەخلوق يۇغان بەدىنىدە ئەينەك رامكىلارنى ۋەيران قىلىپ زال ئوتتۇرسىدا كىرىلىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئېغىزى يوغان ئېچىلىپ جاۋغىيىدىن ئاققان شۆلگىيى يەرنى كۆيدۈرگىنىچە تامچىلاۋاتاتتى، پۇت - قوللىرى بولسا بىزنى قورشاپ ئۇياق - بۇياقتا ئۇچۇپ يۈرەتتى.

 - ئەركىن ! ئەركىن قۇتقۇزۋېلىڭ !

دەرھال پەرىدە تەرەپكە قارىدىم، ئۇمۇ مەخلوق چاڭگىلىغا چۈشۈپ بولغان بولۇپ چىقىرغىنىچە ئىگىزلىككە كۆتۈرىلگەن ئىدى، ئەمدى بىردىن - بىر مەخلوق بىلەن قارىشىلىشۋاتقان قاھار ، نىجات ئۈچىمىزلا قالغانتۇق.

 - قانداق قىلىمىز ، تىز ئامال قىلمىساق ئۇلار مەخلوق ئېغىزىغا كىرىپ بولىدۇ ،- قاھار يەنە ۋاقىردى.

 بۇ چاغدا نىجات تورۇسقا بىر قۇر قارىۋېتىپ ، بىر ئامالنى تاپقاندەك ئەينەك رامكىلارنى دەسسەپ چىقىپ بىر سەكرىگىنىچە توم كەلگەن توك سىمىنى ئۈزۈپ چۈشتى.

- ياق ، ئۇنى يىقىن ئەكىلىشكە بولمايدۇ ! - ئۇنىڭ ھەركىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان قارا كىيىملىك ۋاقىردى،- توك يەردىكى سۇيۇقلۇققا تىگىپلا كەتسە پارتىلايدۇ !

 نىجات ئۇ گەپنى ئاڭلاپ نىيىتىدىن دەرھال ياندى، ئەگەردە توك بىلەن مەخلوقنى يوقىتىمىز دىسەك كىلىپ چىقىدىغان پارتىلاش ھەممىمىزنىڭ كۈلىنى كۆككە سورىيتتى، مەخلوقنىڭ ئۇزۇن پۇتى قارا كىيىملىكنى ئېغىزى تەرەپكە ئېلىپ كەلدى، بىز تېخىمۇ قاتتىق سارسىمىدە قالدۇق. بۇ چاغدا قارا كىيىملىك بىر تولغىنىپلا ئۇنىڭ پۇتىنى پارچىلاپ، قەيىرىدىن چىقارغان غەلىتە قورالكىن ئۇنىڭ ئۆتكۈر نۇرى بىلەن مەخلوقنىڭ باش تەرپىدىكى كۆزلىرىنى چېپىپ چۈشەردى،  مەخلوق بۇ زەربىدىن قاتتىق ھۆكۈرۋەتتى ھەم جان قايغۇسىدا قول - پۇتلىرىدا تۇتۇپ تۇرغان ھامۇتئاخۇن بىلەن پەرىدەنى يىراققا پىرقىرتىپ تاشلىۋەتتى، ئۇلار ئەينەك رامكىلارنى چاققان پېتى زالنىڭ بىر بۇلۇڭىغا چۈشتى.

 مەخلوق ئەتراپنى ئايلىنىپ سەت بىر ئاۋازدا ھۆكۈرەپ - چىقىراپ دىگۈدەك پۇت - قوللىرىنى بۇلغىۋىدى زال ئىچى بىر جەڭگاھقا ئايلاندى، چېقىلدىغىنى چېقىلىپ، بۇزۇلدىغىنى بۇزۇلدى. ھەتتا بەزى جايلاردىكى توك سىملىرى ئۈزۈلۈپ يەرگە تىگەيلا دەپ قالدى. بىز ئۆزىمىزنى دالدىغا ئالغىنىمىزچە پەرىدە بىلەن ھامۇتئاخۇن تەرەپكە يۈگەردۇق. لېكىن غەلىتە ئىش بىز ئۇ يەرگە بارغاندا ئۇ ئىككىسى كۆرۈنمەيتتى. دەل شۇ چاغدا كۈچلۈك بىر زەربىدە قارا كىيىملىك ئۇچۇپ كىلىپ ئالدىمىزغا چۈشتى ، ئۇنى مەخلوق ئۇرۇپ تاشلىغاندەك قىلاتتى.

 ئۇ بىردەم ياتقاندىن كىيىن بىر سىلكىنىپ ئورنىدىن تۇردى.

 - ئۇ قارغو بولدى، ئەمدى ھېچنىمىنى كۆرەلمەيدۇ ،- دىدى ئۇ قالايمىقان پىرقىراۋاتقان مەخلوققا قاراپ،

- تىز بولايلى بۇ يەردىن كىتەيلى، ئەگەردە سۇيۇقلۇق بىر توك سىمىغا تەگسىلا بۇ يەر پارتىلايدۇ. ئۇ شۇ گەپنى قىلىپلا قولىنى بىر سوزىۋىدى قورالى ئۇچۇپ كەلدى.

 - توختاپ تۇرۇڭ،- ئۇ مېڭىشىغا كەينىدىن ۋاقىردىم، - ئىككى ئادىمىمىز يوق تۇرىدۇ.

 ئۇ ھەيران بولغاندەك بىزگە بىر قارىۋېتىپ پەرىدەلەر يىقىلغان جايغا نۇر چىقىرىپ قاراپ چىقتى -دە ماڭا بۇرۇلۇپ :

 - ئۇلارنى باشقا بىر مەخلوق ئېلىپ كىتىپتۇ ،- دىدى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.

 - نىمە ؟ قانداق مەخلوق ؟

بۇ چاغدا زالنىڭ يەنە بىر بۇلۇڭ تەرپىدىن « پاراس - پاراس» قىلغان ئاۋاز بىلەن كۈچلۈك ئوت يالقۇنى كۆرۈندى.

 - قېچىڭلار ! ئۇنىڭ ۋاقىرىشى بىلەن تەڭ ئۇ يۈگۈرگەن بىر ئىشىككە يېقىن بارغاندا كۈچلۈك بىر بېسىم ھەم ئوت يالقۇنى بىزنى ئېتىپ ئىشكتىن چىقىرۋەتتى- دە كەينىدىن كۈچلۈك تەۋرەش ھەم ئاۋاز ھېچنىمىنى ئاڭلىيالمايدىغانلا قىلىپ قويدى. بەدىنىم قىززىق ئوت تەپتىدە قالغاندەك قىزىپ، چاچلىرىم، كىرپىك، يۈزۈم قۇيقىلانغاندەك بولدى، ئۆزەم ھاۋا بوشلىغىدا لەيلەپ يەرگە قاتتىق چۈشكىنىمنى بىلدىم ئۇندىن باشقا ھېچنەرسىنى بىلەلمىدىم.

  بىر چاغدا بەدىنىمگە مۇزدەك بىر نەرسە تەككەندەك قىلدى ، سەسكىنىپ كەتتىم ھەمدە ئاستا كۆزۈمنى ئاچتىم ، باش تەرپىمدە قارا كىيىملىك بىلەن نىجات قاراپ تۇراتتى ، نىجاتنىڭ ئۈستى - بېشى ھازىرلا تونۇردىن چىققاندەك قاپ - قارا ئىدى. ئۇنىڭ تۇرقىغا ھەيران بولۇپ ياتقان يىرىمدىن تايىنىپ قوپۇپ ئولتۇردۇم. ئەتراپ ناتونۇش، بىر جايلار قاراڭغۇ ، بىر جايلاردا كۈچلۈك چىراق يورغى بار ئىدى. بۇ يەرگە قانداقلارچە كىلىپ، نىمە سەۋەپتىن يېتىپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەي سورۇدۇم:

- بۇ قەيەر ؟ مەن نىمىشقا بۇ يەردە ياتىمەن ؟

 ئۇلار سۇئالىمدىن غەيرىلىك ھېس قىلغاندەك بىر - بىرىگە قاراپ قويۇپ جاۋاپ بىرىشتى.

- بايىقى پارتىلاشتا ھەممىمىز موشۇ يەرگە يىقىلىپ چۈشتۇق، سەن قاتتىق يىقىلغان ئوخشايسەن شۇڭا ھېچنىمىنى ئەسلىيەلمەيۋاتىسەن .

- شۇنداق ، بىردەمدىن كىيىن ئوڭشۇلۇپ قالىسەن. مەن ئۇلارنىڭ نىمە دىگىنىنى بىلمىسەممۇ بېشىمنى چاڭگاللاپ بىردەم ئولتۇردۇم، شۇ چاغدا بىزنىڭ بۇ يەر ئاستىغا كىرگىنىمىز مەخلوق بىلەن ئېلىشقانلار ، پەرىدىنىڭ ۋاقىرغىنىچە بىر يەرگە يىقىلىپ چۈشىشى، كۈچلۈك پارتىلاش ئاستا - ئاستا ئىسىمگە كەلدى.

- قاھار قېنى؟ ئەندىكىپ ئۇنى سورۇدۇم، ئۇلار تام تۈۋىنى كۆرسەتتى، قاھار ئۇ يەردە باش - كۆزى قان پۇتىنى قۇچاقلاپ ئولتۇراتتى، قارىماققا ھالى بەك ناچار ئىدى. مەن ئورنىمدىن تۇرماقچى بولىۋىدىم يىقىلىپ چۈشتۈم ، پۇتۇم چىدىغۇسىز ئاغرىپ كەتتى. پۇتۇمغا قارىدىم، پۇتۇم سۇنۇپ ئۇستىخان گۆشنى تىشىپ سىرتىغا چىقىپ قالغان ئىدى . ئۇنىڭغا قاراپلا قورقۇپ كەتتىم . قارا كىيىملىك ئاستا يېنىمغا كىلىپ، چاپىنىمنى يىرتىپ يۆگىگەندىن كىيىن كىيىمنىڭ ئىچىدىن ئىككى پارچە قاپقاقنى ئېلىپ پۇتۇمنى تېڭىشقا باشلىدى .

- ھېلقى داۋالايدىغان ئۈسكىنىچۇ ؟

 - كىرەكتىن چىقىپتۇ ،- دىدى ئۇ سۇس ئاۋازدا جاۋاپ قايتۇرۇپ.

 - ئەمىسە بىز ، ماڭالامدۇق بۇ ئەھۋالدا ؟

 نىجات بىر توخماققا ئوخشايدىغان، ئىچى كاۋاك نەرسىنى كۆتۈرۈپ كەلدى.

 - ئامال يوق، غەيرەت قىلىڭلار ! ئۇلارنىڭ ياردىمىدە ئورنىمدىن تۇردۇم لېكىن بىر پۇتۇمدا ئاغرىقتىن باشقا سىزىم يوق ئىدى، شۇندىمۇ غەيرەت قىلىپ بىر ئاز ماڭدىم. بىز قاھارنىڭ يېنىغا بارغاندا، ئۇنىڭ بېشىدىن قان چىقىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوڭ پۇتى تىزىدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى. قارا كىيىملىك ئۇنى ۋاقىرتىپ يۈرۈپ پۇتىنى جايىغا ئېلىپ كەلدى ھەمدە مېنىڭكىگە ئوخشاش ئوسۇلدا تاڭدى، ئارقىدىن بېشىنىمۇ تېڭىپ قاننى توختاتتى.

 - ماڭايلى !- دىدىم مەن ئورنىمدىن تەستە يۆتكۈلۈپ ئاغرىقتىن لىۋىمنى چىشلىگىنىمچە، بۇ چاغدا نىجات يېنىمغا كىلىپ مېنى قولتۇقلىۋالدى، قارا كىيىملىك قاھارنى يۆلىدى، شۇنىڭ بىلەن ناتونۇش ئاستىنقى ئۈچىنجى قەۋەتكە قەدەم قويدۇق. بۇمۇ ئوخشاش چوڭلۇقتا زال بولۇپ ئىچىدە ھەرخىل ئاپىراتلار ، ھەرخىل رەڭدىكى سىگنال چىراقلار، تاملاردا ئىكىرانلار ، كونوپكىلار لىق تولۇپ تۇراتتى، ئوتتۇرسىدا بولسا بىر كىچىك يۇمىلاق ئۆي زالنىڭ مەركىزى بولۇپ تۇراتتى.

 - ئاشۇ شۇ ،- دىدى قارا كىيىملىك، ئۇ موشۇ پۈتۈن تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىنىرگىيە مەنبەسى، باتارىيە شۇ يەردە !

 - ئەمىسە پەرىدەلەر نەدە ؟ ئۇلار بۇ يەردىمۇ كۆرۈنمەيدىغۇ، ئۇلارنى قانداق مەخلوق ئېلىپ كەتتى ؟ - دەپ سورىدىم بىردىنلا جىددىيلىشىپ، چۈنكى مېنىڭ پەرىزىم خاتا چىقىۋاتاتتى، ئەمىلىيەتتە ئويلىغىنىم مەخلوق ئۇلارنى ئېلىپ قاچسىمۇ موشۇ زالغىلا ئېلىپ كىرەلەيتتى.

- ئۇلار ئۆينىڭ ئىچىدە ! - دىدى قارا كىيىملىك ئۆيگە ئىنچىكىلەپ قاراپ،- ئاۋۇ يەردىكەن . ھاياجاندىن قايتا سورىۋەتتىم :

 - راس بارمىكەن ، ھاياتمىكەن ؟

- باركەن ، لېكىن… - نىمە لېكىن … - مەخلوق كۆرۈنمەيدۇ ، ئۈچ ئادەم تۇرىدىغۇ . ھەيران قالدۇق ، قانداقلارچە ئۈچ ئادەم بولىدۇ ؟ ئەمىسە مەخلۇقچۇ ؟ يەنە بىر ئادەم كىمۇ؟

بىز ئىھتىيات بىلەن دەسسەپ ئۆيگە يېقىنلىدۇق . ئىشىك ئۇدۇلسىغا كەلگەندە ئۈچ ئادەم يەنى پەرىدىدىن ئىككىسى ، ھەم ھامۇتئاخۇن چىرايلىرى قورقۇنچتىن تاتىرىپ ھەيكەلدەك قېتىپ تۇرىشاتتى . ئاخىرى بار…





3471 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-16 22:33:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-6-20 1:30:30 كۇنلەر نىڭ بىردە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بولسا بالدۇرراق ئايرىم يازغان بولسىڭىز بالدۇرراق تۈگەتسەك بولاتتى بۇنى، كۈندە قاراپ بەك ئاۋارە بۇلاپ كەتتۇق.
2016-6-19 22:13:25 دەرتمەن
ياخشكەن ئ‍اخىرىنى تىزراق يازسىڭز
2016-6-19 0:03:15 ئېزىز
جاپا تارتىپ كەتتڭلا ياخشې يېز لپتۇ
2016-6-18 23:41:13 نازىم
بەك ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ، داۋامىنى ئ‍وقۇشقا قىزىققىۋاتىمەن…
2016-6-18 23:28:39 mamat jan
bak yahxi yezip siz koligiz ga dat bamisun ,hapa bolmay ahirini tezrak yollap basigiz boptikan rah mat
2016-6-18 23:09:37 مۇقەددەس
بۇ ئەسەرنىڭ بېشىنى ئۇنتۇپ قالاي دىدۇق ،ئۇلۇغ ئاللاھتىن مۇئەللىپنىڭ قەلىمىنى توختىتىپ قويماسلىقىنى تىلەيمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ