جىگدىگە قارا
قورقۇنۇشلۇق ھىكايە
ئابدۇللا كامال گۇما
توك تەپكەندەك ئاچچىق بىر سىزىم بەدىنىمدىن يەنە بىر ئۆتتى، ئەسلى قارىماي دىگەن بىراق شۇ كونا كىسەل مىنى مەجبۇرلاپ ئامالسىز قارىدىم. ئەمەلىيەتتە قورققىدەكمۇ ئىش يوق. شۇ جىگدىگە بىر يوغان كونا چاپان ئىسىقلىق تۇراتتى. توۋا مەندىن يۈرەكلىك بۇ غوجامنىڭ يۈرىكى نەگە كەتتىكىنە. شۇنداق ئويلاپ ئالدىمغا قارىسام ئۆمەر ئاقتىمۇ كۆكتىمۇ يوق. غۇدىرىغىنىمچە كەينىمگە يەنە بىر قارىدىم. لەنەت شۇ كۆزلىرىمگە ئۇ كونا چاپان ئاللىقاچان جىگدىنىڭ يوغان شىخىغا ئىسىلىپ مايمۇندەك پۇلاڭشىپ تۇراتتى، پۇت قولۇمدا جاندىن ئەسەر يوق، شۇنداق كەينىمگە ئۆرىلەي دەپ تۇرسام ئۇنىڭ ياقىسىدىن بىر باش چىقتى، ھەم ئۆرۈلۈپ ماڭا بىر قارىۋىدى چىچىمدىن كىرگەن تىتىرەك تاپىنىمغا بىرىپ توختىدى.
ئۇ ماڭا تىكىلىپ تۇردى، بەلكىم مەن بۇ ھاياتىمدا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان ئەڭ دەھشەت مەخلۇق شۇ بولسا كىرەك، يۈزى ئۈچ بۈرجەك كۆزلىرى قاپقارا بىر خىل مۇدھىش يالىلداپ تۇراتتى. زۇۋان سۈرۈشنىمۇ ئۇنتۇپ ئالدىمغا قاراپ قاچقىنىمنى بىلىمەن، بىرسىنىڭ -ۋايجان ،،،،- دىگىنىنى ئاڭقىرىپ توختاپ بولغىچە ئۆزەممۇ، ئوڭدىسىغا چۈشتۈم.
ئۆمەر كىلىپ يامپىشىمغا نەچچىنى تەپكەندە ئاندىن، ئىسىمگە كەلدىم. ئۇ بىچارە بۇرنىنى چىڭ تۇتىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭغا قاراپ ئاندىن مىنىڭ پىشانەمنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. ئۆمەرنىڭ مىنى ئىزدەپ كەلگىنىنى بىلىپ يىگەن تايىقىممۇ ئانچە قاتتىق بىلىنمىدى. ھىساپتا تەڭلەشكەن بولدۇق. ئەسلىمىزگە كىلىپ جىگدىگە قارىدۇق، بىراق شاختا ھىچنىمە كۆرۈنمىدى.بىز ئالدى كەينىگە قارىماي تىكىۋەتتۇق. ھەر ھالدا بۇلارنىڭ خانىقاسى ئۇنچە بەك قورقۇنۇشلۇق ئەمەسكەن، ھەم تاھارەتنى پۇختا ئىلىۋالغاچقا بۈگۈن جامائەت بىلەن تەڭ قايتىپ چىقتىم.
بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى قىززىقتە، قاق سەھەردە خوراز چىللىماستا لەغمەن، پولو دىگەندەك تاماق ئىتىشلىرى بار. دىمەكچىلىك كىرسەك ئۆمەرنىڭ ئاچىسى بىر قازان سەينى قورۇپ، ھەدەپ ئاش تاتىقىلى تۇرۇپتۇ. ئۆمرۈمدە مۇشۇ لەغمەننى كۆرمىسەم دەيتتىم، ئەمما بۇ يەردە نازلانغىلى بولاتتىمۇ. قىرىشقاندەك يوغان بىر چىنىدە دەسسىگەندەك لەغمەن ئالدىمغا كەلدى، شۇ تاپتا ئالدىمدىكىنىڭ بىر چىنە لەغمەن ئەمەس ئاخشامقى شۇمتەك ياكى چاچ تارىغان ئۆمەر بولىشىنى شۈنچىلىك ئۈمۈت قىلىپ كەتتىم.
لىكىن نىمە ئامال قولۇمغا ئىلىپ كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كەلدى، چۈنكى بارمىقىمدەك توم چۆپ ئۈستىگە ئاپئاق سەي ئىلىنغان بولۇپ بىر قاراشتا قانچىلىك يىيىشلىكى چىقىپ تۇراتتى، بولۇپمۇ ماڭا نىسبەتەن. باشقىلار ئىككى چىنىدىن لەغمەننى بىر تەرەپ قىلىپ بولغىچە مەن كۆزلىرىمدىن ياش ئىقىتىپ، ھەر چاينىشىمدا بىرى گىلىمدىن بوغقاندەك غىق غىق قىلىپ، نەچچە چوكىلا يىدىم. تەلىيىمگە ھەممەيلەن دۇئالىرىنى قىلىپ، بىر بىرلەپ داستىخاندىن تۇرۇپ كەتتى. ئۆمەر بىلەن ئىككىمىز قالغاندا مەنمۇ ئاستا ئىغىناپ يەپ بولالمىغان لەغمەننى جايىدا قويۇپ تالاغا قاراپ ئۇچتۇق.
كۈن خىلى ئۆرلىگەن ئىدى. ھويلىغا چىقىپ ئىككىلىمىز تەڭلا كىچىدىكى جىگدىگە قارىدۇق. ئەسلىدىمىغۇ ئانچە قورقۇنۇشلۇقمۇ ئەمەسكەن بۇ جىگدە، شۇ بىزگە بولۇپمۇ ماڭا قورققانغا قوش كۆرىنەر دىگەننىڭ ئۆزىلا بوپتۇ. بىراق ھىلىقى چاپان ئەسلا كۆرۈنمىدى. كوچىدا چوڭ كىچىك نۇرغۇن بالىلار توپ كالتەك دىگەن بىر خىل يەرلىك ئويۇننى ئويناۋىتىپتۇ. مەن بۇ ئويۇننى دەسلەپ كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم. بۇنىڭدا ئىككى ئادەم ئايرىم گۇرۇپپا بولۇپ، ھەر بىرى تەڭ نىسبەتتە ئۆزىگە ئادەم قوشاتتى. ئىككى نۇقتا بولۇپ ئارلىقنى كىلىشىپ بەلگىلەيتتى. مىنى ھەيران قالدۇرغىنى بۇلار بۇ ئىككى نۇقتىنى پوق دەپ ئاتايتتى، ھەم توپ ئۇرۇپ قاچالماي قالغان ئادەمنى پوق بولدى دەيتتى. ئاندىن دو تالىشاتتى، كىم دونى ئالسا توپ ئۇراتتى. دونى كەتكۈزۈپ قويغان گۇرۇپپا توپنى ئۇرۇپ قاچقان ئادەمنى ئۆزى ئۇرغان توپ بىلەن بىلەن سوقاتتى، ياكى شۇنىڭ بىلەن بىر گۇرۇپپىدىكى، بەلگىلەنگەن جايدىن چىقىپ كەتكەن بىرەسىنى چەنلەيتتى. توپ چەنلىگەن كىشىگە تەگسە دو تەككۈزگەن گۇرۇپپىغا ئۆتەتتى. ئەگەر تەگمىسە داۋاملاشتۇرۇپ توپ ئۇراتتى. توپ تۇتقۇچى گۇرۇپپىنى پوقتا تۇردى دەپ ئاتايتتى.
ئوشۇققىچە كىلىدىغان بۇ قۇملۇق بۇنداق ئويۇنغا تازا ماس كىلەتتى. تەلىيىم كاجمۇ دەسلەپتە مەن قوشۇلغان گۇرۇپپا دونى كەتكۈزۈپ قويدى. مەن پوقتا تۇردۇم. يەنە بىر قائىدىسى توپنى ھاۋادا تۇتىۋالسىمۇ دو قايتۇرىۋالغىلى بولاتتى، شۇڭا توپنى ئۇرغان زاماتلا پوقتا تۇرغانلار توپقا قاراپ چاپاتتۇق. مانا دەل بىرىنچى توپ ماڭا قاراپ ئۇچتى، مەنمۇ ئۆزەمنى بىر كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن توپقا قاراپ ئىتىلدىم.يۇڭ يىپنى شەيتان توپقا يۆگەپ، غاز تۇخۇمى چوڭلىقىدا ياسالغان توپ ئۇدۇل كىلىپ پىشانەمگە ۋاڭڭىدە قىلىپ تەگدى، كەينىمگە پوكلا چۈشتۈم. قۇلىقىم ۋىڭىلداپ بىشىم نەچچە پىقىرىدى،كۆزلىرىمدىن خىلىغىچە بىر خىل قاراڭغۇلۇق نىرى كەتمىدى.
ئۆمەر ھەم يەنە بىر نەچچەيلەننىڭ كىلىپ يۆلىشى، قىزلارنىڭ ئىغىزلىرىنى تۇتىۋىلىپ ۋىلىقلاپ كۈلىشىنى ئىلغا قىلغىنىمدا بىچارە ئوماق ھۈررىكىم يەنە بىر ھەسسە يوغىناپ نەچچە ھەسسە ئاغرىۋىتىپتۇ. شۇنداقتىمۇ قولۇمدىكى توپنى كۆرۈپ قەۋەتلا خوش بولدۇم، دو بىزنىڭ ئىدى. ھاياتىمدا تۈنجى قىتىم ئۆز غەلبەمدىن مەغرۇرلاندىم، باشقا بالىلارمۇ ماڭا باشقىچە ھۆرمەتتە قاراۋاتقاندەك بىلىندى. ئەمما مەن بەك بىتەلەيمۇ يا بەك پالاكەتمۇ بىلمىدىم، ھازىر ئويلىساممۇ يىغا ئارلاش كۈلكە تۇتىدۇ مىنى. توپ ئۇرۇش نۆۋىتى ماڭا كەلدى، خىيالىمدا بىر ئۇرۇش بىلەن كۆز كۆرمەس قەدەم يەتمەس يەرگە كەتكۈزىۋىتىشكە تولۇق ئىشەنچىم بار ئىدى. لىكىن ئىككى قىتىم ئۇرغان كالتەك نىسى كەتتى، ئۈچ قىتىم تەگمىسە پوق بولغان بولاتتىم. بىرلا نۆۋىتىم قالدى. ھەممىسىنىڭ كۆزى ماڭا تىكىلگەندەك شۇنداق نۇمۇس قىلىپ كەتتىم. پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ ئۈچۈنچى توپنى ئۇردۇم، خۇداغا شۈكرى توپقا تەگدى، شۇغىنىسى ئون قەدەمگىمۇ بامىدى. بىراق تۇرۇپ قىلىشقا بولمايدۇ، ھىلىمۇ خىلى سەتلەشتىم، ئەمدى بولسىمۇ پۇتۇمنىڭ تىزلىكىنى بىر كۆرسىتىپ قوياي. كۆزۈمنى توپتىن ئۈمەي شۈنچىلىك تىز چاپتىمكى بىر چاغدا بىرىنىڭ :
- ھوي، شۇمۇي -دىگىنىدىن ئىسىمنى يىغىپ بولغىچە قارا ھاڭگىدىنمۇ يوغان بىر سۈر ئىشەكنىڭ ئاسىتغا كىرىپ ئۈلگۈردۈم. ئاجايىپ خەق دە بۇ، يا ئات باقسا يا ئىشەك باققاندىكىن كىچىكىرەك ئىشەكتەك ئىشەك باقمامدۇ، نىمىدىگەن يوغان ئىشەك بۇ. مەن ئۆزەمگە كەپ بولغىچە ئىشەك چىچاڭشىپ نەچچىنى سەكرەپ توختىدى، ئارلىقتا قوسقۇمغا بىرنى دەسسەپمۇ ئۈلگۈردى. قوسقۇمنى تۇتقىنىمچە ئا،،،،،،،پا دەپ يىغلاپ ھويلىغا چاپتىم.
بەزى بالىلار -ۋوجىنە،،،م -دىيىشسە، بەزىلىرى كۈلۈپ يىتىۋىلىشتى. مەن ئىشەكنىڭ پەشۋاسىدىن بەك، پالاكەتلىكلىرىم ھار كىلىپ ھۆركىرەپ تازا يىغلىدىم. بىردەمگىچە ئۆمەرمۇ كىردى، يەنە مەندىن ئىككى ئۈچ ياشلار چوڭ بىر قىزمۇ بىللە كىرىپتۇ. ئۇلار مىنى بەزلەپ دىگەندەك ئاخىرى يەنە چىقتىم. ئويۇن يەنە باشلاندى، بۇ قىتىم بەك دىققەت قىلدىم. ئۇلارمۇ خەتەرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ مىنى مۇھىم ئورۇندا تۇرغۇزمىدى.
ئوينا ئوينا ئاخىرى يەنە زاۋال ۋاقتى بولدى. شۇ چاغدىلا دادام ئىسىمگە كىلىپ يەنە قورقۇشقا باشلىدىم، بۇنداق ئۇزۇن يوقاپ كەتسەم دادام ئۆزى ئالىدۇ بۇ جاننى، ئۆمەرگە دىسەم ماقۇل بولدى. كىرىپ قارا ھاڭگىنى ھارۋىغا قوشتۇق. بىراق ئۆمەرنىڭ ئاچىسى تاماق تەييار بولدى دەپ قەتتى ئۇنىمىدى. ئۆيگە كىرسەك يەنە بىر قازان ئاپئاق سەي. ئۇف،،،ئۇلۇغ خۇدا يەنە شۇ كاناينى سىقىپ لەغمەنكەندە، دەپ تۇرسام چىنىگە قاتار ئۇسۇپ قويۇلغان زاڭنى كۆرۈپ شۈنچىلىك يايراپ كەتتىم. زاڭ مەن ئەڭ ئامراق قوناق تامىقىنىڭ بىرى ئىدى. دادامنىڭ تىل تايىقىنى ئۇنتۇپ تاماققا تۇتۇش قىلدىم.
تاماقنى يەپ بولۇپ سىرتقا چىققاندا ئۆمەر بىلەن ئىككىلىمىز ئوخشاشلا قورقۇشقا باشلىدۇق. قارا ھاڭگىمۇ تۆنۈگۈنكى ئىشلارنى ئويلاپ قالدىممۇ ئىشقىلىپ بەك جانلىق ئەمەس. مىڭىپ يەنە شۇ قەبرىستانلىققا كەلدۇق، ئاپئاق ئايدىڭ ، دۆۋە دۆۋە قەبرە، ئىگىز جىگدە، ئۇنى يۆگەپ چىلگىشىپ ماندا سەۋەپسىزلا شالدۇر شۇلدۇر قىلىپ قويۇق قۇمۇشلار ئىشقىلىپ ھەممە نىمە بىر خىل سۈرلۈك.
توساتتىن ئۆمەرنىڭ يەنە سۈرە ئوقىۋاتقىنى ئاڭلاندى. ئۇنىڭدىن :
-يەنە نىم بولدۇڭ -دەپ سورىدىم دە، پۇشايمان قىلدىم.
ئۇ ماڭا -ئاۋۇ جىگدىگە قارا-دەپ يوغان بىر تۈپ جىگدىنى كۆرسەتتى. مۇشۇ كۆزلىرىمگە نەچچىنى تۈكۈرسەم دەيمەن ، قارىمايمەن دەپ يەنە ئىختىيارسىز ئۇ كۆرسەتكەن جىگدىگە قارىدىم.
ئاھ خۇدا بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر ھە، ئۇ جىگدىنىڭ شىخىدا دەل تۆنۈگۈنكى قىزىل كىيىملىك قىز ئىلەڭگۈچ ئۇچۇپ تۇرۇپتۇ. ئارلىقىمىز ناھايىتى يىگىرمە ئوتتۇز قەدەم كىلەتتى. ئۇنىڭ ماڭا مىختەك تىكىلگەن كۆزلىرى يەنە شۇنداق قاپقارا كامار، يۈزلىرى سۆڭەكلىرىگە چاپلىشىپ كەتكەن، كالپۇكلىرى تامامەن يوق بولۇپ چىشلىرى شۇ پىتى چىقىپ تۇرغان.
ئۇ ئاستا ئىغىزىنى مىدىراتتى، پۈتۈن بەدىنىم كۆيۈشۈپ تارتىشىپ قالدى، ئۇ ماڭا بىر نىمە دەۋاتقاندەك ئىغىزىنى مىدىرلىتىۋەردى. ئارلىقىمىز خىلى يىراقلىدى، ئۇ تۇيۇقسىز ماڭا ۋارقىرىماقچى بولغاندەك ئىغىزىنى يوغان ئاچتى، دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىغىزىدىن قىپقىزىل بىر پارچە گۆش ساڭگىلاپ چىقتى.
ئەگەر ئۆمەر مىنى سىلكىشلەپ ئالدىغا قاراتمىسا يەنە نىمەكارامەتلەر بولاتتىكىن. ئالدىمغا قاراپ كۆڭلۈم خىلى جايىغا چۈشتى، بىراق قەبرىستانلىقتىن خاتىرجەم ئۆتتۈق دەپ خوشال بولۇپ تۇرغىنىمىزدا، ئالدىمىزدا تۇيۇقسىز بىر ئاپئاق كىيىملىك مومايدىن بىرسى پەيدا بوپ قالدى.
ئۇ موماينى بەدىنى خىلى تىمەن ئوخشايدۇ، قارا ھاڭگىمۇ سوكۇلداپ مىڭىشىدا يىتىشەلمىدى. ئۆمەر بىلەن ئىككىمىز بىر بىرىمىزنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىنى ئاڭلىغۇدەك جىم ماڭدۇق. دەل ھىلىقى ئازمىغا يىقىن كەلگەندە ئۇ موماي كۆۋرۈككە چىقتى، ھەم ئوتتۇرىسىدا توختاپ كەينىگە لاپپىدە ئۆرۈلۈپ، باداشقان قۇرۇپ ئولتۇردى. ئاھ بۇ جان نىمىدىگەن تاتلىق نىمىدىگەن چىڭ ھە، بۇ بەتبەشىرىنى كۆرگىچە ئىتىلىپ كەتسىچۇ بۇ يۈرەك. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى كەيگەن كىيمىدىنمۇ بەك ئاپئاق ئىدى، قاپاقلىرى قىپقىزىل، گەۋدىسىنىڭ كەڭلىكىگە باقماي، بىشى كىچىك بوينى يوق ئىدى.
ئۇ يەنە چاچ تاراشقا باشلىدى.
- باللىرىم نەگە ماڭدىڭلار- ئۇنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ ئىككىلىمىز ھۆركىرىشىپ يىغلاپ كەتتۇق.
-باللىرىم ، نەگە ماڭدىڭلار!
كىيىنكى قىسىم : كۆۋرۈكتىكى موماي
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز ئوقۇرمەن قىرىنداشلىرىم ، سالامەتلىك ،مۇھىت ، تۇرمۇش يەنە تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ،سىلەرنى بەك ساقلىتىپ قويدۇم. بۇ ئىشىمدىن قاتتىق خىجىلمەن ،بىراق مىنىڭمۇ ئۆزەمگە چۇشلۇق تۇرمۇشۇم بولغاچ مىنى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. بەلكىم يەنە بىر ئىككى ھەپتىگىچە ۋاقتىدا يىزىپ بولالماسلىقىم مۈمكىن، ئەمما كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە تىرىشىمەن. يەنە بىرگە ئەسەرنى تىلفوندا يازغاچقا ئىملاسى شۈنچىلىك دىققەت قىلساممۇ خاتالىق چىقىپ قالدى، تۈزىتىپ ئوقاسىلەر. ئىلتىماس: رەھمەت، ئاپىرىن تەشەككۈرلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، بىراق كۆپ بولىۋەسە مەغرۇرلاندۇرۇپ قويىدۇ. تەنبىھ نەسىھەت كۆپ بولغانسىرى ئادەم پىشىپ يىتىلىدۇ. شۇڭا سىلەرگە ئىلتىماسىم ھەر قانداق پىكىر تەكلىۋىڭلار بولسا ماڭا ئايىماي دىسەڭلار، رەھمەت قىرىنداشلىرىم. ھۆرمەت بىلەن ئابدۇللادىن.2098738086
1-قىسىم تۇغا دۆڭ ۋەھىمىسى
2-قىسىم سەت خوتۇن
3-قىسىم مومامنىڭ ئاۋازى
4-قىسىم ھارۋامدىكى كىم
5- قىسىم قەبرىستانلىقتىكى يولۇچى قىز
6-قىسىم چاچ تارىغان كۆتەك
7-قىسىم كۆۋرۈكتىكى موماي (چىقىش ئالدىدا)