سەھرا جىگۇڭلىرى - ھىكايە - نۇرمۇھەممەت راخمان (دېھقان ئوغلى)
سەھرا جىگۇڭلىرى
بۇ ھىكايە يۇرتىمىز جەنۇبى شىنجاڭنىڭ يىراق بىر يىزىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ھەقىقى ۋەقەلىككە ئاساسەن قىسمەن ئۆزگەرتىپ يېزىلدى.
يۇرتىمىز جەنۇبى شىنجاڭنىڭ يەنى قەشقەرنىڭ يىراق بىر يىزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، تۇپرىقى مۇنبەت،سۈيى ئەلۋەك بولۇپ، سەھراغا خاس جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، ھەممە ياقتىن مول ھۇسۇل ناخشىسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ھەممە دېھقانلار ئالدىراشلا يۈرەتتى، لىكىن بەزىلىرى بولسا كەنىت دوقمۇشىدىكى دۇكان سۇپىسىدا كورىت ئويناپ ئولتۇرشاتتى، ئۇلار كەملەر دىيىشىڭلار مۇمكىن ئەلۋەتتە،ئۇلار بولسا مۇشۇ يۇرىتنىڭ ئەل ئارىسىدىن چىققان قالتىس جىگۇڭلىرى.
ئۇلارنىڭ چۇڭى 80ياش ئەتراپىدا بولۇپ، كىچىكى 25ياش ئۆپچۆرىسىدە، ئۇلار يۇرتتىكى كىچىك-چوڭ ھەممىگە تۇنۇش، ئۇلارغا ھەتتا چىرايلىق لەقەممۇ قۇيۇلغان، يەنى ‹‹مەمەت ساقال››، ‹‹نۇراخۇن بۈرە››، ‹‹ھەسەن زابوي››،‹‹قادىر كىچە››. ئۇلارغا بۇ لەقەم قانداق ، نەلەردە قۇيۇلغان دىسەك ھىكايىمىزنىڭ مەزمۇنى بولغان سورۇنلاردا قۇيۇلغان. ھەم ئۇلارغا بۇ لەقەم مۆھۈردەك ئورناپ كەتكەن.
مەن ئۈزۈم كىچىك بولساممۇ تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا جەمئىيەتكە چىقىۋالغان ئىدىم. شۇڭىلاشقىمۇ يۇرتىمىزدا دوسلۇرۇم خېلى كۆپ بولۇپ، بەزىلىرى مەندىن خېلىلا چوڭ، شۇ سەۋەپتىن بولسا كىرەك ئاخشاملىرى ئانچە مۇنچە سورۇنلارغا قاتنىشىپ قالاتتىم. لىكىن ھاراق ئىچمەيتىم، مەن ئۇلارنىڭ ئانچە مۇنچە يۈگۈر يىتىم ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرەتتىم.سەۋەپ ئۇلارنىڭ سورۇنلاردا دىيىشكەن يۇمۇر چاقچاقلىرى مىنى قىززىقتۇراتتى، تېخى يۇرتىمىزنىڭ مويسىپىتلىرى ئارىسىدىن ئۇرۇن ئالغان بۇۋىمىز چاغلىق ساقاللىرى ئاقارغانلارنىمۇ كەيېپ تۈرېدېن ئۇرۇن ئالاتتې ئۇلار ھېيت ئايەملەردە بەك ھورمەتلىنىپ كەتمېسمۇ ئەمما بۇنداق سورۇنلاردا داستېخان تۇردېن ئۇرۇن ئالاتتى،ۋە ھايۋانات دۇنياسېدېكې ئەركەك شېردەك ھۈكۈم سۈرەتتى،ھەم سوز ئېبارېلەرنى ،شۇلار باشلايتتى ،
سورۇن تازا ئەۋجىگە چېقماقتا رۇمكا بولسا پەلەك چاقىدەك پىقېراپ ئايلانماقتا ،ھەم سورۇن ئەھلى قەلېپ سۈزلېرنى ئېيتماقتا ،ئەنە شۇ پەيتتە رۇمكا دەل ياشقا چوڭ كەلگەن مەمەت ساقالنېڭ قۇلدا توختدې ۋە ئۈزنې تۇنۇشتۇرۇپ سالاملېشۋەتكەندېن كېيېن ئۈزنېڭ يۇمۇر چاقچاق شېئرنې باشلېۋەتتى 

كەيېپ دىگەن جاننىڭ راھىتى
ياشلېق دىگەن ئەرنېڭ ئامىتى
بېزدېكى خوشلۇق كەيىپ دىگەنلەر
ئۇدۇللا كەلگەن كېشنىڭ بامىتى

سورۇندېكىلەر قىقاس چۇقان كۇتۇرشۇپ ئالقېشلاشقا باشلېدى،ۋە ئۇنۇڭغا ئۇلاپلا ياش جەھەتتە ئوتتۇر ياش كەلگەن ، قارماققا شوخ كۈرۈندىغان ،قادىر كىچىمۇ بوش كەلمەستىن شېئرنېڭ ئايغېنى چۈشۇردى،

دوستۇم مىنى دەپ قويلارنى سويسا
ھەتتاكى دۇنيانى ئالدېمغا قويسا
پەقەتلا رازى ئەمەس پەقەت مەن سەندىن
يۈركۈم شاراپقا بىر چېلاشمىسا

ھەر تەرەپتېن ئالقېش چاۋاكلار تۇكۇلمەكتە بەزىلەر ھورمەت شارابىنى تەڭلىمەكتە،
مانا بۇلار مۇشۇ سەۋەپتېن مېكېن سەھرا جىگۇڭلېرې دەپ ئاتالغان،ئۇلارنىڭ كۇنى مۇشۇنداق ئۇتىدۇ، خۇشاللىق ئچىدە ئۈتىدۇ، لىكىن مەن خاتالاشقان بولسام كىرەك، ئۇلار دايىم خۇشال ئەمەستۇر بەلكىم، ئۇلارنى تەپسىلى كۈزەتكىنىمدە تۇلىسىنىڭ ئايالى يوق بولۇپ تەنھا ئىكەن ھەم ئۇشۇق ئىختىزادىمۇ يوق ئىكەن، ئۇلار شۇنداق غەمسىز ئۆتسە كىرەك، ھەيرانمەن ئۇلاردا ئۇشۇق ئىختىزاد كەمچىلدىن سىرىت تاپاۋەت يۇلىمۇ يوق ئىكەن، لىكىن ئۇلاردا بۈگۈن قۇرسۇقۇم تويدى ئەتە قاندا قىلارمەن دەيدىغان غەممۇ يوق ئىكەن. ئۇلارغا رېستۇران، قاۋاق، ۋە ئىسىل گىلەم-كىگىزلەر بىھاجەت ئىكەن، پەقەت ئۇلارغا خالى ئېتىز بېشى ۋە ئۆستەڭ بۇيى بولسىلا بولدى ۋە شۇلا كۇپايە ئىكەن، ھەم قانداق شاراپ بۇلىشى ۋە ماركىسى پۇلى بىلەن كارى يوق ، ئۇلارغا پەقەت كەيىپلا بولسا بولدى، قىززىق يىرى شۇكى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى بەك ھەشەمەت ئەمەس ئاددىيلا، ئۇلارنىڭ غەمسىز يۈرۈشتىكى سەۋەپپ بولسا تەڭدىن تۇلىسى تۈۋەن تۇرمۇش پۇلىدىن بەھرىمەن بۇلدىغانلىرى بولسا كىرەك، ئۇلار ھۆكىمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن شۇنداق خۇشال غەمسىز يۈرىشىدىكەن، يۇرۇق دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىن بىخەۋەر بولۇپ ئۇلاردا قىززىقىش مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن، بىركۈن ئۆتسە بىر كۈن ھىساپ، ئەتىدىن غەمسىز ئىكەن، توي تۆكۈنلەردە ئۇلارنىڭ بايرىمى بولۇپ، توي شارابىدىن خۇشاللىق تاپىدىكەن، مانا بۇ يۇرتىمىزنىڭ يەنى ئۇيغۇرلا ئارىسىدىن چىققان قالتىس جىگۇڭلار، ئۇلاردا تېلىۋىزىيە فىلىمىدىكى جىگۇڭنىڭكىدەك قاپاق ۋە يەلپۈگۈچ بولمىسىمۇ ئەمما جىگۇڭغا خاس خۇشخۇيلۇق، يۇمۇرسىتىكىلىق مەھجۇت ئىكەن، مەن تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن، ئۇلارنى پەقەت چۈشىنەلمىگەن بولسام كىرەك، ئۇلارنى جەمئىيەت داشقاللىرى دىيىشكە ھەققىم يوق، چۈنكى ئۇلار كىشىلىك ھۆرمىتىنى يۇقاتقان بولسىمۇ ئەمما ۋىجدانىنى يۇقاتمىغانلاردۇر بەلكىم. ئۇلارنىڭ ئاددى ساددىلىقى بىلەن كەيىپ خۇمارلىقى كىشىلەر ئارىسىدا ئاشۇنداق ئاتىلىشقامەجبۇر قىلغان، ھەم ئۇلارنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى بولۇپ غەزەپ نەپرىتى ئېنىق بولۇپ خۇشاللىقىنى ۋە ئازابىنى دوسلىرى بىلەن ئورتاقلىشالايدىكەن ھەم ياندا بارىنى دوسلىرىدىن ئايىمايدىكەن، مانا بۇ تەرەپلىرىنى ياخشى دىسەممۇ ئەمما ئۇلاردىكى بىكارچىلىق، ھۇرۇنلۇق، ئىنىلىشچانلىقى يوق بولغاچقا بۇلارنى يا ياخشىغا ياكى يامانغا ئايرىيالمىدىم. ئۇلارغا بۇلار ئادەت بولسا كىرەك، مەن بىركۈنى يولدا كىتىۋېتىپ ھەسەن زابوينىڭ نۇراخۇن بۈرىگە بىرنىملەرنى دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم ۋە تۇيدۇرماي گەپلىرىگە قۇلاق سالدىم، ئۇلار بولسا ئاخشامقى سورۇنىڭ گىپىنى دىيىشكىلى تۇرۇپتۇ، مەن قىززىقىپ ئۇلارنىڭ گىپىگە قۇلاق سالدىم، 
ۋاي نۇراكا ...ئەتتىگەندە نەگە ماڭدۇق !
دۇكانغا ماڭدىم، ھەسەنجان....ھاراق چىشلىۋالغان چېغى، پارتىلاپلا كىتىدىغاندەكلا ئاغرىيدىغۇ بۇ باش ...ئاچچىق چۈچۈك بىرنەسە يەپ كىلەي دەپ ماڭدىم. ھە راس سىلى نەگە ماڭدىڭلا !؟
بىكارچىلىق شۇ نۇراكا. ھاۋا يەي دەپ شۇ ...
يۈرۈڭلا ئەمسە بىللە بېرىپ كىلىلى...
رەھمەت نۇراكا . مەن ئەتتىگەندىلا ئىككى رۇمكا قېقىۋالدىم.
-..ۋاي مۇشۇ ئەتتىگەندىما ؟
ھەئە ، بېشىم ئاغرىۋېرىپ چىشىنى چېقىۋەتتىم دەڭلا ...
ـ..ۋاي ھەسەنجان بۇنداق قىينىلدىغان ئىش بولسا ئىككىنجى ئىچمەسمىنا بۇ نىجىس ھاراقنى، ھە راس ھەسەنجان ئاخشامقى سورۇننىڭ ئايغى قانداق بولۇپ كەتتى، مەن بۇرۇنلا مەس بوپ كىتىپتىمەن، ئەتىگەن توڭلاپ كىتىپ ئويغانسام ئۆستەڭ بۇيىدىكى ئۈجمە تۈۋىدىن تۇرۇپتىمەن..!
..-ۋاي تاڭەي نۇراكا ، مەنمۇ ھېچنىمىنى ئۇقمايمەن، ئەتىگەن ئۆينىڭ ئالدىدىكى قۇتاندىن تۇرۇپتىمەن. تازا ئىچىپتۇق جۇمۇ !
ھە راس نۇراكا ، ئۆتكەندە ئىچىپ ئېشىپ قالغان ھاراقتىن ئازراق بارتى، بىر ئىچىپ باش ئاغرىقىنى يۇقاتمايلىمۇ، ساقلاۋىرىپ كۈكۈرۈپ قالمىسۇن .
..-ئەتىگەندە قاندا بۇلا ھەسەنجان؟
قانداق بۇلىتى تۇمۇرنىڭ ئۇچۇق ۋاقتىدا تازا ئوبدان بۇلىدۇ. مېڭلا ئۇششاق گەپ قىلماي...
..-مەيلى ئەمسە...
دىيىشكىنىچە ئۇلار كىتىپ قالدى.
ۋاي مەن قىينىلىپ كەتتىم ، ئىككىنجى ئىچمەسمىنا بۇ نىجىس ھاراقنى دىگەنلىرى نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتتى. تېخى خۇشاللىقىدا بىربىرسىگە بىرنىملەرنى دىيىشىپ قۇرساقلىرىنى تۇتۇشۇپ كۈلۈشۈپ كىتىپ قالدى، مانا بۇلارنىڭ كۈنى ئۆمىرى مۇشۇنداق ئۆتمەكتە. كەيىپ ئۈچۈن ئۈزىنى بېغىشلىۋەتكەنلەر، ئۈزى ئۈچۈن، ئۈيى ئۈچۈن خەجلەنمىگەن پۇللار بىردەملىك خۇشاللىق ئۈچۈن خەجلىندىكەن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش پۇلى بولمىسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا قېرىنداشلىرى باردۇر بەلكىم، ئۇلارنىڭمۇ باللىرى بولسا ...دادا...دەپ يۈگۈرۈپ كىلىپ باغرىغا ئۈزىنى ئېتىشنى، ئايالىنىڭ بولسا بۇ تاماقنى ئىسسىقىدا يەۋېلىڭو، كىيىملىرىڭىز كىر بولۇپ كىتىپتۇ يۇيۇپ بىرەيمۇ؟ دىيىشلىرىنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلىدىغاندۇ بەلكىم. لىكىن ئۇلاردا بۇ كەيىپ دېڭىزىدىن يۇلقۇنۇپ چىققۇدەك دەرمان قالمىغان بولۇشى مۇمكىن.چۈنكى ئۇلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى كەيىپ تۇيغۇسى ئىسكەنجىگە ئېلىپ بولغان. شۇڭا بارلىقىنى كەيىپ ئۈچۈن ئاتىۋەتكەنلەر، ھەم ئۈزىنىڭ قەدىر قىممىتىنى كەيىپكە تىگىشىۋەتكەنلەر خالاس، ئۆز ئۈزىنى مەغلۇپ قىلغانلار ھەم مەغلۇپ بولغۇچىلار .
ئەلۋەتتە ئۇلارنى بىرلا سۆز بىلەن ئىخچاملاشتۇرغىنىمىزدا پەقەت كۈنۈپ قېلىش تۇيغۇسىلا بار، ھەم ئۇلار خالىسىلا قايتىدىن گۈزەل دۇنياغا كۈلۈپ بېقىشقا پۇرسەت بار، ھەم ئۈزىگە قايتىشىغا ھەم ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان شانلىق نەتىجىلەرگىمۇ ئىرىشىشىگە پۇرسەت بار.
ئاھ....! بۇ دۇنيا ئاجايىپ ھە، ھەرخىل ئاجايىپ رەڭگارەڭ، ھەم بۇ ھاياتتا ھەرخىل كىشىلەرمۇ مەۋجۇت، ھەم بۇ گۈزەل ياشلىقىنى ھەم بۇ ئۆمىرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزىۋاتقانلار، رىئال تۇرمۇشىمىزدا كەيىپنى ئۈزىگە دوست توتقانلار، مانا بۇ بايانىمىزدىكى سەھرا جىگۇڭلىرى.

خاتىمە 
بۇ ئەسەر ئۆز يۇرتۇمدىكى بەزى كىشىلەردىن ئالغان چۈشەنچەمگە ئاساس قىلىپ يېزىلغان.
ئاپتۇرى: نۇرمۇھەممەت راخمان (دېھقان ئوغلى)
تۇرمۇش ئەسىرى
2016-يىلى 9-ئاي كۈز





624 قېتىم كۆرۈلدى 18299652479 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-5 20:50:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ