دىل تاللىغان ھەمراھ - مەمەتجان باش كارۋان

 دىل تاللىغان ھەمراھ
狄金森-美国
(مەمەتجان باش كارۋان تەرجىمىسى)

دىل تاللىسا گەر ئۆز ھەمراھىنى،
ئېچىلماس قايتا مۇھەببەت ئىشىكى.
تاللىشى ئۇنىڭ شۇنچىلىك مۇقەددەس،
ئەبەدىلئەبەت سۇسلاشماس ئىستىكى.

پايپېتەك، ھەتتا ھارۋا شاھلىرىمۇ،
گوياكى پەرۋانە ئىشىك ئالدىدا.
ئول ئۈچۈن پايپېتەك، شاھىن شاھلارمۇ،
تىزلىنار نازىنىن ئاياق ئاستىدا.

بىلدىم شۇندا تاللاپ ئۇ بىر ھەمراھنى،
ئەتكەن ئۆزىن شۇنىڭغىلا تەسەددۇق.
ئاھ، ئېتىلدى شۇندا قەلب ئىشىكى،
گوياكى مۇقەددەس تاش كەبى بەرھەق.





439 قېتىم كۆرۈلدى bashkarwan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-27 9:46:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ