قاراڭغۇ ئورمان20- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 20- قىسم ۋەھىمىلىك ھىكايە

ئابدۇرېقىپ قەييۇم ( metro)

 

 چاقىرىشىمدىن كىيىن پەرىدە ئاستا كۆزىنى ئاچتى. ئۇ مېنى كۆرۈپ بىردەم تىكىلىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن بىردىنلا لەۋلىرى مىدىرلاپ ئۆمچۈيۈشكە باشلىدى. كۆزلىرىدىن سىرغىپ چىققان ياش قۇلۇقىنىڭ يېنىغا باردى. مەن سۈرتىۋېتىشكە ھەركەت قىلماقچى بولدۇميۇ ئۆزەمنى تۇتىۋالدىم، ئۇ لىۋىنى چىشلەپ ئۆزىنى بېسىۋالدى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ قاتتىق ئازاپلانغانلىغى چىقىپ تۇراتتى، مەن دەرھال ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدۇم. ئۇ كىسەل تاتقان ئادەمدەك ماغدۇرسىز ئىدى، ئىككىمىز بىر - بىرىمىزدىن كۆزىمىزنى ئۈزەلمەيۋاتاتتۇق.  ئۇ ئۈن - تىنسىز بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كىيىن ئەسلىگە بىر ئاز كەلگەندەك قىلدى. مېنىڭ پەرىدەگە بۇنداق كۆڭۈل بۆلۈشۈم نىجات بىلەن روشەنگۈلنىڭ دىققىتىنى تاتقان بولسا كىرەك ئۇلار ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قېلىشقانتى. پەرىدە ئۇلارغا قاراپ ئوڭايسىزلاندىمۇ ياكى ھەيران قالدىمۇ ، مەندىن بوش ئاۋازدا سورىدى :

 - سىز قانداقلارچە بۇ يەرگە كىلىپ قالدىڭىز ،بۇلار كىم بولىدۇ ؟

 - سىزنى ئىزدەپ كەلدىم، بۇلار سەپداشلىرىم .

 ئۇ جاۋابىمنى ئاڭلاپلا ھەيرانلىقتا دەرھال كۆزلىرىمگە قارىدى، ئۇنىڭ بۇنداق قارىشىدىن ئەجەپلەنگەنلىگى چىقىپ تۇراتتى. بۇ چاغدا باشقىلارمۇ ئويغاندى، ئۇلار ئۇزۇن ئۇخلاپ كەتكەن ئادەمدەك تەستە بېشىنى كۆتۈرۈپ بىزگە قاراپ چۆچۈپ كىتىشتى. ئۇلاردىن بىرى قارىماتاق ، پاكار ھامۇت دىگەن ئادەم ئۆزى ئىدى. يەنە بىرى بولسا مەن ئارخىپىدىن رەسىمىنى كۆرگەن چىرايلىق قىز مەپتونئاي بولۇپ ئۇمۇ قورقۇپ كەتكەچكىمۇ ياكى بۇ ئالاھىدە ساندۇقتا مەجبۇر ئۇخلىتىلغاچقىمۇ سۇلغۇن ئىدى.

 - سىلەر …سىلەر ئادەم زاتىمۇ … يە ؟ بۇ يەرگە قانداقلارچە كىلىپ قالدىڭلار؟

 ئۇلارنىڭ بۇ سۇئالنى سورىشى تەبىئى ئىدى، چۈنكى ھېچقانداق بىر ئىنسان تاشقى پىلانىتتىن كەلگەن ئەڭ سىرلىق ئۇچار جىسىمدىن ئۆزلىرىنى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ كىرىپ تېپىۋېلىشىغا ئىشەنمەيتتى .

 - ۋاي بىز ئادەم زاتى ، سىلەرنى ئىزدەپ كەلدۇق ،- دىدى روشەنگۈل كۈلۈپ.

 ئۇلار خوش بولسىمۇ يەنىلا ئىشىنەلمەيۋاتاتتى . بىز ئۇلارنى ساندۇقلاردىن چىقىرىپ ئورۇندۇققا ئېلىپ كەلدۇق، مەن دەرھال سومكامدىن ئۈچ قۇتا سۇنى ئېلىپ ئۇلارغا سۇندۇم،  پەرىدە مېنىڭ سۇنغان قۇتامنى ماڭا لەپپىدە بىر قارىۋېتىپ ئوڭايسىزلانغاندەك ئالدى - دە ئازاراق ئىچىپ قويۇپ قويدى. ئۇلارغا بىزنىڭ بۇ يەردە تۇرىشىمىز يەنىلا بىر سىر ئىدى . قارا كىيىملىكلەردىن بىرى ئەسكەرتتى :

- ئۇلار ئوزۇقلىنىشقا مۇھتاج .

 بىز ئۇنىڭ سۆزىنى دەرھال چۈشەندۇق ھەمدە دەرھال تۇتۇش قىلىپ سومكىمىزدىن يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ ئۈستەلگە تىزدۇق، ئۇلار تولۇق ئەسلىگە كەلمىگەچكىمۇ ئىشتىھايى ئېچىلماي ئانچە - مۇنچە يىيىشتى .

- سىلەر بۇ جايغا كەتكەندىن كىيىن ،- دىدىم مەن ئۇلارغا كىلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ،- نۇرغۇن ئادەم سىلەرنى ئىزدەپ تاپالماپتۇ ، ئاخىرى خەۋەر ماڭا يەتتى ……

 مەن بىر باشتىن ھەممە ئەھۋالنى سۆزلەپ بولدۇم ، ئۇلار ھەم ھەيران بولسا ھەم تەسىرلىنىپ بىزگە قاراپلا قېلىشتى . بۇ چاغدا پەرىدە بىلەن كۆزلىرىمىز يەنە ئۇچۇرشۇپ قالدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مىنەتدارلىق تۇيغۇسى ، سېغىنىش ، ئازاپنىڭ سىماسى كۆرۈنگەندەك بولدى.

 - رەھمەت سىزگە ،- دىدى ئۇ بوش ئاۋازدا.

 مەن كۈلۈپ قويدۇم، شۇ تاپتا بىزنىڭ بۇرۇنقى شىرىن كۈنلىرىمىز كاللامدىن يالىت قىلىپ ئۆتتى. قەلبىمدە يەنىلا ئۇنى ئۇنتىيالمىغىنىم ئېنىق ئىدى .

 - رەھمەت ئۇكام رەھمەت ، بىزنى دەپ نۇرغۇن جاپا تارتىپسىلەر ؟ ھاموتئاخون ئاكا ھاياجاندا ئورنىدىن تۇرۇپ قولىمىزغا ئېسىلىپ رەھمىتىنى بىلدۇرۈشكە باشلىدى .

 - ھەممىنى قىلغان سىز ،- دىدى روشەنگۈل ئۇ ئادەمگە بىردىنلا تەرىنى تۈرۈپ ،- بۇ دوزاخقا سىز باشلاپ كەلمىسىڭىز بۇنچە كۆپ ئىش يۈز بىرەمتى. ئىككى ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى،  ئۇلار بەك ئېچىنىشلىق ئۈلۈپ كەتتى. ئۇ ئادەم روشەنگۈلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆزىگە ياش ئالدى :

- شۇنداق ئۇكام شۇنداق، بۇ مېنىڭ دۆتلىگىمدىن، ئاچكۆزلىگىمدىن بولدى. توغرا دىدىڭىز ئۇكام توغرا .

 ئۇ ئادەمنىڭ خاتالىغىنى تونىغان، قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىپ كۆزىگە ياش ئالغان ھالىتىدىن كۆڭلۈم يۇمشاپ يەنە ئېغىز ئاچاي دەپ تۇرغان روشەنگۈلگە گەپ قىلماسلىققا ئىشارەت قىلدىم. لېكىن ئۇ سۆزلىگەنچە غەزەپلىنىۋاتاتتى، ئۇ بىردىنلا ماڭا كايىشقا باشلىدى :

- ئويلاپ بېقىڭە ، موشۇ ئادەمنىڭ كاساپىتىدىن بىزمۇ ئۆلگىلى قىل قالدۇق ، قارىڭە نىجاتنىڭ جاراھىتى ئېغىرلاپ كىتىۋاتىدۇ …

 ئۇ سۆزلىگەنچە ھامۇتئاخۇن ئاكا دۈگدەرەپ يېشىنى سۈرتىشكە باشلىدى. قىزلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىراقسانلىق ، كەم ئەقىللىق قىلىپ بۇنچە بالا تاپقىنىدىن خىجىل بولۇپ قىزىرىپ كىتىۋاتاتتى .

- بولدى ،- دىدىم مەن ئۈنلۈك ئاۋازدا ،- بولىدىغان ئىش بولۇپ بولدى ، ئەمدى بۇنى دىيىشنىڭ ئورنى يوق، بۇلارنى تاپتۇق خوش بولساق بولىدۇ، كۆڭۈل ئاغرىغى قىلشمايلى!

 روشەنگۈل مېنىڭ سۆزۈمدىن رەنجىپ يەنە بىر نەرسە دىمەكچى بولدىيۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ تۇمشۇغىنى ئوشلىغىنىچە نېراراققا بېرىۋالدى .

- بىز خاتا قىپتۇق ، ئۇ قېرىندىشىمىزنىڭ دىگىنى توغرا ،- دىدى ئانغىچە پەرىدە بوش ئاۋازدا قولۇمنى تارتىپ ،- نىمىشقا سەپدىشىڭىزگە ۋاقىرايسىز .

- بولدى تالاشماڭلار،- دىدى چەتتە تۇرغان قارا كىيىملىكتىن بىرى ،- بۇ بالا - قازالارنى بىز كەلتۈرۈپ چىقارغان، بىز سىلەردىن ئەپۇ سورايمىز .

 ئۇنىڭ گېپىدىن ھەممىمىز ھەيران قالدۇق .

 - شۇنداق بىز كەلتۈرۈپ چىقارغان ، بۇنى سەل تۇرۇپ دەپ بىرەي ، ھازىر بۇ ھەمراھىڭلارنىڭ جاراھىتىنى داۋالاش مۇھىم ،- ئۇ شۇنداق دىگەچ نىجاتنى كۆرسەتتى ،- كىيىمىڭىزنى ئېچىڭ !

نىجات كىيىمىنىڭ ئالدىنى ئاچتى، ئورالغان رەخ يەنىلا قان پېتى تۇراتتى. بىز ئۇنى يەشتۇق،  جاراھەتنىڭ ئەتراپى قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، يېرىلغان جايدىن قان تەپچىپ تۇراتتى. قارا كىيىملىك يەنە بىر ئادەم قول چىراقتەك ، بېشى ئۇچلۇق بىر نەرسىنى ئېلىپ كىلىپ جاراھەتكە توغۇرلاپ كونۇپكىسىنى باستى. ئۇ نەرسىنىڭ ئۇچىدىن دولقۇنسىمان نۇر چىقىشقا باشلىدى - دە بايقى جاراھەتنىڭ ئېغىزى ئىتىلىپ، قىزارغان جايلار ئەسلىگە كىلىشكە باشلىدى .

 - بولدى ، ساقايدى ،- دىدى قارا كىيىملىك .

 بۇ چاغدا نىجاتنىڭ قۇرسىقى بۇرۇنقى ئەسلىگە كىلىپ بولغان بولۇپ يارىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانتى ، بىز بۇ ئاجايىپ ئۈسكىنىدىن ھەيران بولغىنىمىزچە ئۇلارغا مىنەتدارلىق بىلدۈردۇق .

 - بىز سىلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىڭلارغا ئەرزىمەيمىز ،- دىدى بايا گەپ قىلغان قارا كىيىملىك ،- بىز بۇ پاجىئەلەرنىڭ سەۋەپچىسى بىز .

 - قانداقلارچە سىلەر بولىسىلەر ؟- ئالدىراپ سورۇدۇم مەن .

 - سىلەر ئاۋال ئولتۇرۇڭلار ، مەن تەپسىلى سۆزلەپ بىرەي ،- دىدى ئۇ.

 بىز بېرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇق، ئۇ ئۈستەلگە كىلىپ بىر كونۇپكىنى بېسىۋىدى ئۈستەلدىن بىر نۇر چىقىپ بىردەمدە ھەممىمىز باشقا بىر پىلانىتقا بېرىپ قالدۇق. قارا كىيىملىك تونۇشتۇردى :

- مانا بۇ بىزنىڭ پىلانىت . ھەمىمىز ھەيرانلىقتا ئەتراپىمىزغا قارايتتۇق. ھاۋاسى قىزغۇچ، تۇپراق شەكلى قىزىل بۇ پىلانىتنىڭ شەھىرىدە تۇرۇپ ئەتراپقا ھەيرانلىق بىلەن قارىدۇق. ئەتراپىمىز غەلىتە شەھەر ، ئاسمان ھەر خىل شەكىلدىكى چوڭ - كىچىك ئۇچقۇلار بىلەن تولغان، كوچىلار شۇنداق چىرايلىق ، بىنالار غەيرى ئەمما ئاسمانغا تاقاشقان ، كوچىلاردا ئىگىز ، ئىنچىكە ، تۇمشۇقلىرى ھايۋانلارنىكىدەك سەت ، بەدبەشىرە ئادەملەر ، پاكار ، باشلىرىدا مۇڭگۇزلىرى بار ، ئۈچ كۆزلۈك ، بۇرنى يوق ، ئېغىزى پاقىنىڭكىدەك مەخلوقلار ، بوي - بەستى ئالدىمىزدا تۇرغان قارا كىيىملىكتەك چوڭ ، لېكىن تۇمشۇقى ئۆمۈچۈكنىڭكىدەك ، بېشى كەينىگە سوزۇلغان ، كۆزى كىچىككىنە قورقۇنۇچلۇق ئادەمسىمان جانلىقلار مىغىراپ يۈرىشەتتى. ئۇلارنىڭ تۇرقى خىلمۇ - خىل بولۇپ قورۇققىنىمىزدىن تىتىرەپ چۈش كۆرۈپ قار باسقاندەك ھېسىياتقا كىلىپ قالغان ئىدۇق ، بىز ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن قورقۇپ توپلىشىپمۇ قالدۇق. لېكىن ئۇلار بىزنى كۆرمىگەندەك ئۆز ئىشى بىلەن قاراپمۇ قويماي يۈرىشەتتى.

 - مانا بۇ بىزنىڭ پىلانىتنىڭ شەھەرلىرى ھەم ئادەملىرى ، قورۇقماڭلار ئۇلار سىلەرنى كۆرمەيدۇ ،-دىدى قارا كىيىملىك، ئۇ قولىنى بوش سىلكىگەندەك قىلىۋېدى بىز بىر ئاجايىپ تۈستىكى جاڭگالغا چىقىپ قالدۇق. بۇ جايدا ئىگىز - ئىگىز تاشلار ئۇچلۇق ھالەتتە دەرەخلەردەك زىچ ھەم تىك تۇراتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىنىدە غەلىتە بىر خىل ئۆسۈملىكلەر ئۇ تاشلارنى ئوراپ بولغان ئىدى ، ئۆسۈملۈك ئارسىدا قۇڭغۇزلار مىغىراپ يۈرىشەتتى .

 - بۇ … بۇ … ھېلقى گۆشخور قۇڭغۇز شۇغۇ ؟- دىدىم قورقۇپ، ھەمراھلىرىممۇ ئالدىدىكى بۇ ۋەھشى جانلىقتىن شۈركۈنۈپ كەينىگە چىكىنىشكەنتى. بۇ چاغدا قارا كىيىملىك قولىنى يەنە شىلتىۋىدى، بىز بىر ئورمانلىققا كىرىپ قالدۇق، بۇ ئورمان بىزگە بىر كۈن دەۋزەخنىڭ كۈنىنى كۆرسەتكەن ئورمانغا ئوخشايتتى. بەزى دەرەخلەر ئۆزى شۇ ئىدى، لېكىن ئىچىدە ھېچقانداق ھايۋان يوق جىمجىت تۇراتتى . قارا كىيملىك قولىنى بىر سىلكىۋېدى بىز يەنە ئۇچار جىسىمنىڭ ئىچىدە بايقى ئورنىمىزدا پەيدا بولدۇق .

 - بىز شۇنداق تىز سىلەرنىڭ پىلانىتىڭلارغا بېرىپ كەلدۇقما ،- دەپ سورىدى قاھار ئېغىزىنى ئېچىپ قالغان ھالدا .

- ياق ، سىلەر ھېچيەرگە بارمىدىڭلار ، بەلكى بايقى پىلانتىمىزنىڭ تەسۋىر شەكلى ،- دىدى ئۇ .

- نىمىشقا بۇلارنى بىزگە كۆرسىتىسىز ؟- سورۇدۇم ئەجەپلىنىپ .

- مەسىلە دەل موشۇ يەردە ،- قارا كىيىملىك چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ،- بايا سىلەر كۆرگەن بىزنىڭ زىمىن ئادەم بار ، شەھەر بار ، جاڭگال ، چۆل - جەزىرە ، ئورمان بار لېكىن ھايۋانات ۋە باشقا جانلىقلىرىمىز يوق .

- نىمىشقا؟ ئەسلىلا يوقمىدى ؟- نىجات قىزىقىپ سورىدى .

 - ئەسلى بار ئىدى ، كىيىن كىلمات ئۆزگۈرىشى بىلەن ھەممىسىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ، موشۇ سەۋەپتىن بىز مۇۋاپىق جاي تېپىپ ، ساقلاپ قويغان گىن بىلەن شۇ كىلىماتىمىزغا لايىق ھايۋاناتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئىزدەندۇق. بىز بارمىغان پىلانىت قالمىدى، ئاخىرىدا موشۇ يەر شارىنى ، يەر شارى ئىچىدىن چوڭ قۇملۇققا يېققىن ھاۋا كىلىماتىمىزغا ماس موشۇ چوققىنى تاپتۇق ، ئاندىن مەخپىي ھالدا بۇ جايدا تەتقىقات بازىسى قۇردۇق. سىلەر بۇ ئورماننى تاپقاندا ئاتلاپ ئۆتكەن. سىرتىدىن ئىچىنى كۆرگىلى بولمايدىغان سىرلىق توساق بازىنىڭ چىگراسى. سىلەرنى قۇڭغۇزلار قوغلاپ كەلگەندە توسۇلۇپ قالغان بىزنىڭ مۇداپىئە توسىقىمىز، ئۇنىڭدىن ھەر قانداق جانلىق ئۆتەلمەيدۇ ، بىراق بىز سىلەرنى ئۆتكىلى قويغان .

 - ئەمىسە سىلەر بۇ جايدا يىتىشتۈرۈپ چىققان ھايۋانلىرىڭلار ئاشۇ مەخلوقلارما ؟- ئاچچىقلاپ سورۇدۇم مەن .

 - ياق ، ئەسلى ئۇنداق ئەمەستى ، بىزنىڭ ئىشلىرىمىز شۇنداق ئۇتۇقلۇق كىتىپ باراتتى. بىز ئۆزىمىز ئېلىپ كەلگەن گىن بىلەن سىلەرنىڭ زىمىنىڭلاردىكى ھايۋانلارنىڭ گىنىنى بىرلەشتۈرۈپ زور ئۇتۇقلارنى قازانغانتۇق ،لېكىن … …

 داۋامى بار…





3072 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-15 20:55:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-5 11:42:27 ۋالىدەم
بەك ياقتۇردۇم.داۋمىنىڭ تىزراق چىقشنى ئ‍ۈمىد قىلمەن ....
2016-1-22 2:40:39 دىلكەش
كىنو قىلىپ ئىشلىسە بولغۇدەك
2016-1-16 21:47:28 ياقۇپ
تەسەۋۇرغا ھەقىقەتەن بايكەنسىز داۋاملىق تىرىشىڭ…
2016-1-16 8:18:53 SARDAR
Abdurakim aka sznig asasarlirgzga bakamraktim bosa moxo karag go urmandigan yikayigzni kagukorman laga wahtida yazip yolapbirxigzni umot kilman ahirda tingzga salamatlik ixlirgz barkat tilayman
2016-1-16 1:15:34 چالقۇش
بەك،ياخشى،ئ‍ەسەركەن،بۇنى،ۋەھەمەلەك،ھېكايە،دىگەندىن،فانتازىيىلىك،ھېكايە،دىسە،توغرا،بولغىدە
2016-1-16 0:29:42 abdulla
bakyahxiyeziliptukaqanahiriqikakin
2016-1-15 22:12:07 ئالىمجان تۇرسۇن
مەن ئ‍وقۇغان ئ‍ەسەرلەر ئىچىدىكى ئ‍ەڭ ياقتۇرغان ئ‍ەسەر،سزنىڭ بۇنۇڭدىن كىين مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى ئەسەرلەرنى تىخىمۇ كۆپ ئ‍ەۋەتشڭىزنى ئ‍ۈمۈت قىلمەن ،
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ