پۇرىغان جەسەت (پوۋسىت) 1 - قىسىم - ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

پۇرىغان جەسەت

ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

( پوۋسىت  ) 1 - قىسىم

« ھازىر زەھەرلىك چېكىملىك ياشلىرىمىزدا بارغانسىرى ئىغىر ئىجتىماھىي ئاپەتكە ئايلانماقتا .  بۇ ئاپەت خەلىقنىڭ ئۈمۈدى بولىمىش ياشلىرىمىزنى بەخىتسىزلەر ، ساراڭلار، مەپۇسلار،  تىرىك مۇردىلار لاگىرىغا ئىتىرمەكتە. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى مىللەتنى يالغۇز توپ زەمبىرەكلا ئەمەس،  چىكىملىك نەيچىسى ، ئىچىملىك رومكىسى ۋە بۇزۇقچىلىق ، نادانلىقمۇ خار ـ زەبۇن قىلالايدۇ ! »

 

         ـ ئابدۇشكۈر مۇھەمەتئىمىن

  كىچىككىنە،قاڭسىق پۇراقلار بىلەن تولغان بۇ ئۆيدە بىر سەنلا شۇنچىلىك ئورۇق،جانسىز ، ۋىجىك تېنىڭ بىلەن ئىڭىرغان ھالەتتە ياتاتتىڭ .تېنىڭ شۇنچىلىك ئاجىز ،كۆزلىرىڭ ئولتۇرۇشقان ، چىرايىڭدىكى قىزلارغا خاس ئۇ خۇسۇسىيەتلەردىن ئەسەرمۇ يوق ، كۆكرەك ئۈستىگە قويىۋالغان بىر  قولۇڭنىڭ دۈمبە تەرىپىدىكى كۆپۈپ چىقان يول ـ يول تومۇرلار ، ئوكۇل يىڭنىىسىنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرى كۆزگە ئالاھىدە چىلىقىپ تۇراتتى .

  مانا ، سەن بۇ كىچىككىنە ئۆيۈڭنىڭ شۇ پاكار ئىشىكىدىن سىرىتقا چىقىپ باقمىغىنىڭغا 15 كۇن بولدى، بۇ كۈنلەردە تىنىڭدىكى نىجىس كىسەل سېنى شۇنچىلىك قىينىدىكى  سەن تۇجى قىتىم ئانا بولۇپ تولغاق ئازابى تارتقان ۋاقىتىكى ئاغرىقمۇ بۇ 15 كۈن مابەينىدە تاراتان ئاغرىقلار ئالدىدا ھىچ نىمە  ئەمەس ئىدى . بۇ كۈنلەردە قوشنىلىرىڭ قوشنىدارچىلىقنىڭ ھەقىنى ۋايىغا يەتكۈزۇپ ئادا قىلىۋاتقان ئىدى،ئۇلار مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك كۈندە بىر ياكى ئىككى قىتىم ساڭا ئىسىق ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ، شۇنچىلىك مەزلىك تاماقلارنى ئىلىپ كېرەتتى دە ، سېنىڭ ئۇ ھالىڭنى كۆرۈپ بىشىنى چايقىغىنىچە چىقىپ كىتەتتى.سەن ئۇلار ئىلىپ كىرگەن شۇ تاماقلارنى دەسلەپ شۇنچىلىك ئىشتىھا بىلەن تەمىنى تىتىپ يەتىڭ دە رەھمەتلىك ئاناڭ ئاسىخان چوڭ ئانا بار ۋاقتىدا ساڭا ئىتىپ بىرىدىغان تاماقلارنى كۆزئالدىڭغا كەلتۈرۈپ ئەسەدەپ يىغلاپ كېتەتتىڭ.كىيىنلەرچە نىمېشقىكىن ئۇ تاماقلار ئاغزىڭغا تىتىمايدىغان بولۇپ قالغانىدى .

  بۈگۈن ئەھۋالىڭ خىلى ياخشى بولۇپ قالغان بولسا كېرەك ، تاڭ يورۇپ بىردەمدىن كىيىنلا ئورنىڭدىن تۇرۇپ كەتتىڭ دە ، نەچە كۈن مابەينىدە بىر قىتىممۇ سۈپۈرۈلۈپ باقمىغان بۇ كىچىككىنە ئۆيۈڭنى ئىنجىقلاپ يۈرۈپ بىر قۇر سۈپۈرۈپ ، قالايمىقان چىچىلىپ تۇرغان كىيىملىرىڭنى رەتلەپ چىقتىڭ دە ، رەھمەتلىك داداڭ قاسىم ئوتۇنچىدىن قالغان ، بۇ كونا ، كىچىك ئۆيۈڭنىڭ بىردىنبىر بىساتى بولغان ياغاچ ئۈستەلنىڭ ئالدىغا كەلدىڭ ، يۈزىنى بىر قەۋەت توپا ـ چاڭ بىسىپ كەتكەن ، بىر تەرىپى  سۇنۇپ يىرىم بولۇپ قالغان كۆرۈش ئەينىكىنى قولۇڭ بىلەن سۈرۈتۇڭ ، سۈرتۈپ ئەينەككە قاراپ ئەندىكىپ كەتتىڭ . چۈنكى ئەينەكتە روھى چىقىپ كىتەيلا دەپ قالغان ، سۇلغۇن ، چاچلىرى چۇۋۇلغان ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان ،ئوروقلاپ بىر تىرە ، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان بىرى بىچارىلىك بىلەن ساڭا قاراپ تۇراتتى . قورۇقما ! بو دەل سەن باشقا بىرى ئەمەس دەل سەن رازىيە !!

سەن ئەينەكتىن زاھىر بولغان ئۆزۈڭە ، شۇنچىلىك ئىچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالغان ئۆزىڭگە بىردەم قاراپ يۇرغاندىن كىيىن،ئۈستەل تارتىمىسىغا قولۇڭنى سىلىپ دۇخاۋا رەخكە ئورالغان بىر نەرسىنى ئالدىڭ . بۇ سېنىڭ ، ياق ئائىلەڭنىڭ بارلىق گۈزەل ئەسلىمىرى بار بولغان بىر ئالبۇم ئىدى . ئۇ ئالبومنىڭ بىرىنچى بېتىدە ئائىلەڭدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ رەسىمى بار

ئىدى . رەسىمنىڭ ئوتۇرىدا چاچلىرى ئاقىرىپ ، كەڭ پىشانىسىگە ھايات يول ـ يول قورۇقلارنى سالغان ، قاڭشارلىق ، ساقىلىغا ئاق ئارلاشقان تەمبىلغىنە كەلگەن داداڭ ، ئۇنىڭ ئوڭ يىنىدا سېنى بۇ ئالەمگە ئاپىرىدە قىلغان ، سەن ئەڭ ئامراق مېھرىبان ئاناڭ ، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئالدىدا چىرايىدىن سەبىلىك ، شوخلۇق چىقىپ تۇرغان بىر ئوغۇل ، چاچلىرىنى بىر ئۆرۈم قىلىپ ئالدىغا چۈشۈرۋالغان ، چىرايى سۈزۈك   ، يۈزلىرى دۈگۈلەك ، كۆزلىرى شۇنچىلىك چىرايلىق بىر قىز تۇراتتى . بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھىلىقى ئوغۇل بالا بولسا سېنىڭدىن ئىككى ياش چوڭ بولغان ئاكاڭ رەھەمجان،يىنىدىكى چىرىيلىققىنە كەلگەن قىز بولسا باشقا بىرى ئەمەس دەل سەن رازىيە . قارا ئۇ سەن ، باشقا بىرى ئەمەس . شۇ ۋاقىتىكى ، بونىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىركى سەن ئىدىڭ رازىيە .مانا ، شۇ سۈرەتكە چۈشكەن ۋاقىتلاردا 6 ياشقا كىرگەن سەن مانا ئەمدى ھاياتنىڭ تۈرلۈك  ـ  تۈمەن پاراخەت ئاراللىرىنى كېزىپ ، زۇلۇم  ئوكىيانلىرىداچايقىلىپ بۈگۈن،ئونيىلدىن كىيىنكى بۈگۈن مۇشۇ تار ،كىچىك ئۆيدە شۇنچىلىك ئورۇق تىنىڭ بىلەن ھال ـ مۇڭ بولۇپ ئولتۇرۇپسەن. سەن ئۇ ۋاقىتلاردا شۇنچىلىك گۈزەل ، چبىرىيلىق ئىدىڭ ھە ، بۈگۈن چۇ ، بۈگۈن بولسا ...  ئاخىرى بار 





838 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-23 16:41:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ