چاچ تارىغان كۆتەك
قورقۇنۇچلۇق ھىكايە
ئابدۇللا كامال(گۇما)
پۇت قوللىرىم خۇددى كاچكۇلدىن چىققاندەك سوغۇق ، مىڭىشلىرىم ئۆتە كالامپاي. ھەتتا كىچىككىنە تاياقمۇ مىنى ۋارقىرىتىپ جىنىمنى ئالدى. ئۆمەر بىچارىنىڭ بىر كۆزى يولدا بىر كۆزى مەندە، بىر قولى مەيدىسىنى توختىماي سىلاۋاتاتتى. ئاي ھىلال بولسىمۇ ئالەم جاھان سۈتتەك يورۇق، ئەسلى بۇ يورۇق بىزنى خوشال قىلىشى كىرەكتى، بىراق زومچەك زومچەك قەبرىلەر، ئىگىز ئۆسكەن جىگدە، ئۇنىڭغا يۆگىشىپ ۋەھشى بىر ھالەتتە تۇرغان ماندا، ئۇنىڭ ئەتىراپىدا ھەيۋىتىدىن ئادەم يەيدىغاندەك بۈك قۇمۇشلار، ئۇنى ئاز دەپ قەدەمدە بىر ھۇقۇيتۇپ مىڭەمنى قوچىۋاتقان چۇغدەك قوشۇلۇپ بىر قەدەمدە مىڭ قىتىم ئۆلۈمنى تىتىپ ھالىمنى قويمىدى. ئىشقىلىپ يىڭىمگە ماڭدامدا بىر سۈرتكىنىم بۇرنۇمدىن چىققان پوتلىمۇ ياكى كۆزۈمدىن ئاققان ياشمۇ بىلمىدىم.
ئارىلىقىمىز ئون يىگىرمە قەدەمچە كىلەتتى، قارىسام راستىنلا قارا ھاڭگىنىڭ قىشىدا بىرى چاچ تاراۋاتاتتى. بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ ئۆزەمنىڭ پۇتىغا ئۆزەم پۇتلىشىپ يىقىلدىم، باياتىن ئۈن چىقىرىپ باقمىغان ئۆمەرمۇ ماڭا قاراپ -ۋاي، ئانام -دەپ ئانىسىنى نەچچە چاقىرىپ كەتتى. بىز بىردەم تىنچلىنىپ بولۇپ ئۆمەر ئوقىغان ئايەتتە يۈرىكىمىزنى توملاپ ماڭدۇق. يىقىن كىلىپ قارىساق ئۇ قانداقتۇر بىرە جىن ئەمەس بىر كۆتەك ئىدى، ئۇنىڭغا ئىلنىشىپ قالغان قاپقارا بىر يالتىراق خالتا شامالدا ئۇچۇپ خۇددى ياسانچۇق خوتۇن چاچ تارىغاندەك كۆرىنەتتى. بۇنى كۆرۈپ يۈرەكلىرىمىز خىلى جايىغا چۈشتى، لىكىن قارا ھاڭگىنىڭ بۇ كۆتەككە باغلاقلىق تۇرىشى بىشىمدىن تۈتۈن چىقىرىۋەتتى . شۇنداقتىمۇ كۆپ ئويلىماي قارا ھاڭگىنى بوشىتىپ ماڭدۇق، ئەمما قارا ھاڭگا بىزنى قورقۇتۇپ ھىلىقى كۆتەكتىن كۆزىنى پەقەتلا ئۈمەي ماڭغىلى ئۇنىمىدى. نىمىشقىدۇر قارا ھاڭگا ھاڭرىماقچى بولدى بىراق ھاڭرىيالماي ئىككى بىقىنى بىر كۆپۈپ بىر ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇنىڭ بۇ تۇرقى بەك قورقۇنۇشلۇق بولۇپ، ئۆمەر بىلەن ئىككىمىز ئۈن سىلىپ يىغلىدۇق.
تاياق-دۇمبال ، ئايەت-سۈرە كۈچىنى كۆرسەتتىمۇ تاڭ قارا ھاڭگا سەل پەل مىدىرىدى، بۇنىڭدىن بىزگە خىلى ماغدۇر كىردى. بىراق قارا ھاڭگىنىڭ مىڭىشى بەكلا ئىغىر بولۇپ خۇددى ئۈستىدە ئىغىر يۈك بىسىلغاندەك ئىنجىقلايتتى. كۆتەكتىن ئون نەچچە قەدەمچە يىراقلىشىپ قارا ھاڭگىغا خىلى جان كىردى، بىراق ئۆمەر تۇيۇقسىزلا ماڭا:
-ئاداش بۇ ئىش سەل غەلىتە تۇرىدۇ، ھىچقانداق شامال بولمىسا، يا قۇمۇشلارمۇ شلدىرلىمىسا، ئۇ كۆتەكنىڭ قىشىدىكى نەدىن چىققان شامال؟
ئۆمەرنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ ئۆزەمنى ھاۋادا لەيلەپ تۇرغاندەك ھىس قىپ قالدىم. نەدىن تۇتتى كونا كىسىلىم قوزغىلىپ يەنە ئارقامغا قارىدىم، ئاھ خۇدا ،ئۇ كۆتەك يەنە چاچ تاراۋاتاتتى، يەنە كىلىپ بۇ قىتىم ئۇنىڭ قولى ئىنىق ئىدى. قارا ھاڭگىمۇ قاتتىق غەيرىتى بىلەن قەبىرىستانلىقنىڭ ئاخىرى مەھەللىنىڭ بىشىغا، يەنى مۇشۇ مەھەللىنىڭ خانىقاسىغا يىقىنلاپ قالدى. دەل شۇ پەيىتتە ئۇ كۆتەك دەسسىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، ماڭا لاپپىدە بىر قارىدى، ئاھ بۇ دەھشەتنى يەنە شۇ بىر جۈپ كۆكۈش ئوت يىنىپ تۇرغان جاۋۇر كۆز، شالاڭ ئەمما ئۇزۇن چاچ، تىخى ئۇنىڭ ماڭا قاراپ ھىجىيىشى، مىنى تىكەن ئۈستىدە دۇمىلىغاندەك قىينىۋەتتى.
تەلىيىمگە قارا ھاڭگا ئەسلىگە كىلىپ بار بار ھاڭرىغىنىچە قۇيۇندەك چاپتى، ئۆمەرنىڭ -چىڭ تۇر - دىگىنى قۇلۇقۇمدا قالدى، بىقلا،،، قىلغان ئاۋاز بىلەن يۇمشاق قۇمغا دۈملا چۈشكىنىمنى بىلگىنىمدە ئاللىقاچان ۋايجان دىيىش ئۈچۈن ئاچقان ئىغىزىمغا لىققىدەڭ قۇم كىرىپ بولدى. مەن ئىنجىقلاپ تۇرۇپ بولغىچە ئۆمەر يۈگۈرۈپ كەپ بولدى، ئۆمەرنىڭ يۆلىشى بىلەن تۇرۇپ ئىغىزىمدىكى لاينى تۈكۈردۈم.خۇدايا توۋا ئىغىزىم بۇنچىلىك يوغاندۇ دەپ ھەرگىز ئويلىمايتتىم، لىكىن چۈشكەن لاينى كۆرۈپ بىلدىم، تاس قالدى بىرە چىلەك لاي چىققىلى. كىيىملىرىمنى قىقىشتۇرىۋاتقان ئۆمەر تۇيۇقسىز ۋارقىراپ:
-بايىقى كۆتەك قىنى ؟-دىدى.
قورققىنىمنى ئىچىمدە بىلىپ ئۆمەرگە قاتتىق بىرنى ئالىيىۋىتىپ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم، ئۆمەرمۇ بىر ئىشنى تۇيغاندەك مەيدىسىنى يەنە بىر سىلىۋىتىپ مىنى يۈلەپ ماڭدى. بىر نەچچە قەدەم مىڭىپلا ئىغىزىمغا ئىسسىق لىكىن شۈنچىلىك سىسىق بىر خىل نەرسە ئىقىپ چۈشتى، يەنە بۇرنۇم قاناپتۇ. مەن كىچىكىمدىن شۇنداق بولۇپ كىچىككىنە سىلكىنىپ كەتسەممۇ بۇرنۇم قانايتتى. سۇ يوق ،قۇم بىلەن بىر ئاماللارنى قىلىپ قاننى سۈرتتۇق.
ئاخىرى ئۆمەرنىڭ ئاچىسىنىڭ ئۆيىگىمۇ كەلدۇق، يۈزۈمنى يۇيۇپ كىرىپ، ئۆمەرنىڭ ئاچىسى ئىتىپ يۆگەپ قويغان كۇمىلەكنى بىردەمدە ئىچىپ تۈگەتتۇق. بۇ خىل قوناق تامىقىنى بۇرۇن ئاپام بورتالادىكى ۋاقتىمىزدىمۇ جىق ئىتەتتى، ئۆزەممۇ قوناق تامىقىغا ئامراق بولغاچ بۇ مۇزدەك كۇمىلەك تازا خوش ياقتى. شۇنداق قىلىپ مۇشۇ ئۆيدە قونىدىغان بولدۇق، بۇلارنىڭ ئۆيى بىزنىڭ ئۆيدىنمۇ ئاسار ئەتىقىمۇ تىخىمۇ سۈرلۈك ئىدى. تىخى تورۇستىكى ئۇ يەر بۇ يەردە ساڭگىلاپ قالغان بورا كۆزلىرىمنى ئالىچەكمەن قىلىۋەتتى.
ئۇلارنىڭ چۆچۈرىدەك تۆت بالىسى بولۇپ بىرسى شۇخلۇق بىرسى ئۇششۇقلۇق قىلىپ بىردەمدە ئۇخلاپ قالدى. بىزمۇ ياتتۇق، مەن ئۆمەرگە سىيگىلى چىقسا مىنىمۇ بىللە ئىلىۋىلىشىنى دەپ قويۇپ بەك چارچىدىممۇ كۆزۈم ئۇيقىغا ئىلنىشتى. ئۇزاق ئۆتمەي شىپىرلىغان ئاۋازدىن چۆچۈپ قارىسام ئۆمەر تالاغا مىڭىپتۇ. ئىچىمدە نەچچىنى تىللاپ كەينىدىن چىقتىم، چىقتىميۇ يەنە پۇشايمان قىلدىم، كىرىپ كىتەي دەپ تۇرسام ئۆمەر ئىغېل تەرەپتىن كەلدى. ئۇنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم سەل جايىغا چۈشتى:
- مىنى چاقىرىۋال دەپ قويسام گەپمۇ قىلماي چىكەتتىڭما توۋا خۇدايىم، توختا ئەمدى مەن سىيۋالاي - دەپ ئىغېل تەرەپكە ماڭدىم.
ئالدىراشچىلىقتا ھاجەتخانىغىمۇ كىرمەي ئىغېلنىڭ قىشىدا ئولتۇردۇم. تۈگىتەي دەپ تۇرسام ئۆمەر يىنىمغا كىلىپ ئىڭىشىپ ئىككى قولىدا تىزىنى چاڭگاللاپ تۇرۇپ بىشىنى مەن تەرەپكە بۇرىدى. مەن ئۇنىڭ نىمىش قىلىۋاتقىنىنى بىلەلمەي ھەيران بولۇپ تۇرسام ئۇنىڭ ماڭا مىختەك تىكىلىپ تۇرىشى تىنىمگە يەنە تىتىرەك ماڭغۇزدى، ئادەتتە بوزا كۆزى بۈگۈن قاپقارا ھەم قارچۇقى باشقىچىلا يوغان ئىدى.ئۆزەمنى زورىغا بىسىپ ئۇنىڭغا :
- نىم بولدى، نىمىش قىلىۋاتىسەن ؟- دىدىم.
ئەمما ئۇ ماڭا يەنە شۇنداق تىكىلىپ تۇرۇپ ئاستاغىنە قولى بىلەن چىچىنى تاراشقا باشلىدى. قانداقتۇر ئۇ ھەر قىتىم چىچىنى تارىسا چىچى بىر غىرىچ ئۇزىراۋاتاتتى، چىرايىمۇ پۈرلىشىپ ئىككى كۆزىنىڭ ئورنى قاپقارا كامار بوپ قالدى. ئارلىقىمىز پەقەتلا ئىككى ئۈچ غىرىچ كىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ چاچ تارىغان ئاۋازى ئىنىق ئاڭلاندى. مىنىڭ ئاۋازىممۇ ئاللىقاچان توختىغان بولۇپ ئاۋازىمنى چىقىرىشقا ھىچ ماغدورۇم يەتمىدى. ئۇ بولسا توختىماي تارۋەردى، يۈزلىرى تىخىمۇ قورۇلۇپ قوۋزاققا ئوخشىغىلى تۇردى.
مانا ئۇ بارغانسىرى باياتىنقى كۆتەككە ئوخشاپ قىلىۋاتاتتى. كاشكى شۇ تاپتا ئاپا،،، دەپ بىرنى ۋارقىرىيالىسام باشقا ئارمىنىممۇ يوقتى، ئەپسۇس شۈنچىلىك كۈچەشلىرىم بىكار كەتتى. نەدىن كەلدى بىر غەيرەت بىلەن - ئا،،،،پ،،،،پا دىگەننى خىلى ئۈنلۈك چقىرالىدىم. شۇ زۇۋانىم ئىچىلغانچە ھۆركىرەپ يىغلىشىم تاكى بىرى مىنى سىلكىگەندىلا توختىدى، قارىسام ئۆيدە ياتىمەن ئۆمەرمۇ چۆچۈپ مىنى سىلكىشلەپ تۇرۇپتۇ. ئۇف،،، چۈشۈمكەندە، ھەممىسىنى بىرە قۇر ئالاقزادە قىلىۋىتىپ كۆزۈم يەنە ئۇيقىغا ئىلنىشتى.
ئۇزاق ئۆتمەي يوتقىنىمنى بىرىنىڭ قايرىشىدىن دىرىڭڭىدە سەكرەپ تۇرۇپ كەتتىم، ئىسىمنى يىغىپ قارىسام ئۆمەرنىڭ ئاچىسىنىڭ ئىككى ياشلىق قىزى رازىيە ئىدى، ئۇ چۈچۈك تىلى بىلەن -ئا،،كككا ئۇ،،،خ ،،،ئەتى،،،مە-دەپ قىشىمغا كىردى. مۇشۇ كىچىك بالىنىڭ كۆزىگە نىمە كۆرىنىمەنكى بىلمىدىم، كۆرگەنلا كىچىك بالىنىڭ مەن بىلەن بىللە ئۇخ ئىتىپ باققۇسى كىلەتتى. قاراپ باقسام ھەممىسى شىرىن ئۇيقىدا،ئۆزەممۇ كىچىك بالىغا ئامراق بولغاچ بوپتىلا دەپ ئەللەي ئىتىپ ياتتىم.بىراق ئۇ بارغانسىرى يوغىناپ مىنى ئەللەي قىلىشقا باشلىدى، ئىككى قولىنى چىڭ گىرەلەشتۈرۈپ بوينۇمغا سالدى دە، بىشىمنى كۈچەپ ئەگدى. مەن يەنە قىتىپ بولدۇم، نە مىدىرلاش نە ۋارقىراش ماڭا شۈنچىلىك مۈشكۈل ، بەدەنلىرىم تاش ئاستىدا قالغاندەك، ئۇ تىخىمۇ كۈچەپ ئەگكىلى تۇردى، ئاندىن ئۇ كۈلۈشكە باشلىدى،ئۇنىڭ كۈلگەن ئاۋازى بىر خىل ئۆچكە مەرىگەندەك چىقاتتى. ئىچىمدە بىسمىللىنى قايتا قايتا ئوقۇدۇم،بىر چاغدا قانداق بولدى بىلمىدىم بىر كۈچەپ ئۇنى سۇپىدىن يەرگە ئاتتىم، ئۇ يەرگە چۈشۈپلا ئۇزىرىدى. ئاندىن يىلاندەك يۆگىشىپ دۈپ دۈگىلەك بىر نەرسىنىڭ شەكلىگە كىردى، ئاخىرىدا بىر بوۋاقنىڭ شەكلىگە كىرىپ ماڭا قاراپ ئىڭڭەلەشكە باشلىدى. بۇ كارامەتلەردىن ئەقلىم لال بولدىمۇ ياكى يەنە بۇنىڭ مۇبارەك جامالىغا بەنىت بولدۇممۇ ئىشقىلىپ تىكىلىپ تۇرماقتىن باشقا ھىچ ئىش قىلالمىدىم. ئۇ داۋاملىق ماڭا قاراپ ئىڭڭەلىمەكتە. مەن ئۇنىڭغا قاراپ ئاۋازىم چىقمىغان بىلەن كارىم يوق، ھە دەپ ھۆركىرەپ يىغلىماقتا.
تۇيۇقسىز ئۇ دەسسىدە ئورنىدىن تۇردى،ئۇنىڭ تۇرىشى بىلەن تەڭ بىشىنىڭ ئۇ يەر بۇ يىرىدىن بىر نەچچە تال چاچ ئۈنۈپ چىقىپ ئۇزىرىغىلى تۇردى. بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ خۇددى نەچچە مىڭ چۈمۈلە مىغىلداپ يۈرگەندەك بوپ كەتتى، بىردەمدە ئۇنىڭ چىچى يەرگە تەككىدەك بولدى، كۆزلىرى يەنە شۇ كۆكۈش ئوت چاقنىتىپ يانغىلى تۇردى. ماڭا ھازىر يىغلاشمۇ شۈنچىلىك مۈشكۈل لىكىن ئەمما چوقۇم ئاۋازىم چىقىشى كىرەك. ئۇنىڭ ماڭا قول سوزۇشلىرى، ماڭا قاراپ بىر خىل مۇدھىش كۈلۈشلىرى، كۈلگەندە چىققان بەزى ئۆچكىنىڭ مەرىشىگە بەزى توخۇنىڭ ۋۇكۇلدىشىغا ئوخشىغان ئاۋازى تىرەمنى تەتۈر سويغاندەك بەدىنىمدە ئاچچىق بىر خىل سىزىم پەيدا قىلدى.
-ئاللاھۇ ئەكبەر ، ئاللاھۇ ئەكبەر- جانغا ھوزۇر شاپائەتچى ئەزان ئاۋازى يەنە بىر ئاڭلاندى، شۇ زامان ئۇ شۇم يەنە بىر پارچە كۆكۈش ئوت بولۇپ كۆزدىن غايىپ بولدى. ئۇف،،،،، پۇت قولۇم بوشاپ ئۆزەمنى يوتقانغا پوكلا تاشلىدىم، شۇ تاپتا بۇ ئۆيدىكىلەردىن نۇمۇس قىلمىسام كاشكى، پاڭڭىدە ئىتىلىپ يىغلىۋالسام. بىردەمگىچە ئۆمەرنىڭ ئاچىسىنىڭ يولدىشى ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئىلىپ كىردى، ھەم بىزنىمۇ ئىلىپ كىرىشكە بۇيرىدى. ئىككىمىز بىللە چىققان بولساقمۇ يۈركۈم بىر خىل ۋەھىمىدىن قاتتىق سوقۇپ تۇراتتى. تۆنۈگۈن سەھەردىكى ئىش ئىسىمگە كىلىپ بۈگۈن تاھارەتنى پىششىق ئىلىپ كىرىشنى ئويلاپ ھاجەتخانا ئالدىغا كىلىپ شۇنداق قارىسام، يوغانلىقىدىن چوڭلارنىڭمۇ قۇچىغى يەتمىگىدەك بىر تۈپ جىگدە ھەيۋەت بىلەن، خۇددى چۈشۈمدىكى ئۆمەر ئىڭىشىپ ماڭا قارىغاندەكلا بىز تەرەپكە ئىڭىشىپ تۇرۇپتۇ. يۈرۈكۈم جىغغىدە قىلىپ قالدى، شۇنىڭدىمۇ قىشىمدا ئۆمەر بولغاچ ئانچە كۆپ ئويلىماي ھاجەتخانىغا كىردىم. تاھارەتنى پۇختا ئىلىپ تۆنۈگۈنكى خاتالىقنى قايتا سادىر قىلماسلىق ئۈچۈن سەل ئۇزاق ئولتۇردۇم، بۇ ئۆمەر مىنى نەچچە قىتىم ئالدىرىتىپ تىرىكتۈرىۋەتتى. ئۇنى يەنە تىللاي دەپ تۇرسام تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئاۋازى تىتىرەپ چىقتى. دەرھال ئىسىمنى يىغىپ ئىشتاننى كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي يۈگىرەپ چىقسام ئۆمەر ماڭا بىر خىل سۈرلۈك قاراپ
:-جىگدىگە قارا -دىدى. ئۆمەر بىر قولى بىلەن مەيدىسىنى چىڭ قوغداپ تۇراتتى.
كىيىنكى قىسىم : جىگدىگە قارا
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىر قىممەتلىك، مىھىر شەپقەتلىك ئەسەرلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقىۋاتقان ئەزىز قىرىنداشلىرىم مەنكى ئابدۇللادىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام،ئالىي ئىھتىرام، ئىشلىرىمنىڭ ئالدىراشلىقى ھەم سالامەتلىكىمنىڭ تازا ياخشى بولاللماسلىقى تۈپەيلى، سىلەرنى ساقلىتىپ قويدۇم. شۇ ۋەجىدىن ئالدىڭلاردا بەكمۇ خىجىلمەن. كەچۈرگەيسىلەر. ھۆرمەت بىلەن ئابدۇللا،كامال(گۇما) 2098738086
1-قىسىم :تۇغا دۆڭ ۋەھىمىسى
2-قىسىم :سەت خوتۇن
3-قىسىم :مومامنىڭ ئاۋازى
4-قىسىم :ھارۋامدىكى كىم
5-قىسىم :قەبرىستانلىقتىكى يولۇچى قىز
6-قىسىم :چاچ تارىغان كۆتەك
كىيىنكى قىسىم : جىگدىگە قارا
5025 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇللا كامال | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-20 0:59:03 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-8 1:27:01 | rrrr |
مەن داۋامىنى ساخلىغىلى بەك ئۇزۇن بولدى ئۇنداق قىلماي ئەۋەتىڭ |
2016-10-20 23:57:45 | ayxam |
ahirini yazmidingzgu |
2016-9-18 16:48:51 | alimmmmmmmmm |
asarni kayta bir ukup buldum salamatlikigizning yahxu bup kitixni tilayma |
2016-6-17 10:50:25 | ياسىن |
يەنە بامۇ ??? |
2016-4-10 9:01:03 | ئادىل |
ئەسىرىڭلا شۇنداق يارىدى غەزەپ ياخشى يىزىپسىلە جۇما ئاداش |
2016-2-24 9:20:08 | ئېزىزجان |
ۋاي بۇ ھىكاينى يازغان ئاداش ئۈلەپ قالمىغان سىز ئاخىرنى بىر چىقىر ۋەتسىڭىز چا ئادەمنى تەقەززا قىلماي |
2016-1-1 17:49:02 | گۈلنۇر |
بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇپ بولغىچە،بىشىنى ئۇنتۇپ قالدىغان ئوخشايمىز. |
2015-12-29 20:13:20 | ئەزىز مىھمان |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم . ئەسىرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم . ھەم يۇمۇرىستىك ھەم قورقۇنۇشلۇق يېزىپسىزبىردەم كۇلدۇرسە بىردەم قورقۇتۇپ تىتىرتىپ بەك ياخشى يېزىلىپ تۇ . رەخمەت |
2015-12-29 0:40:55 | نامسىز |
جىگدىگە قالا دىگەن قىسىمى يوقۇ مەن تاپالمىدىم ؟ |
2015-12-29 0:37:09 | ئابدۇسالام |
ئاخىرىنى ساخلاۋاتىمىز جۇمۇ ، |
2015-12-28 21:24:38 | xadiman kiz |
asarning ahirini tizrah yoligan bosingz。 |
2015-12-27 20:20:48 | abdulla |
ahiri yokku |
2015-12-21 0:30:39 | rayhan |
asilamualaykym yazguqi b asirgezni bak yahturdum dawamin wahtida yullap bar sigez |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|