‏ ‏ ساداقەت(ھېكايە)

‏ ‏ ساداقەت(ھېكايە)

 ئەيسا (ئويغاق) ‏

 

 ‏ناھايىتى بۇرۇنقى زامانلار ئېلگىرى بۈك_باراقسان ئۆسكەن بىر ئورمانلىقتا، بىر قۇشقاچ بىلەن بىر تۇمۇچۇق قوشنا بۇلۇپ ناھايىتى ياخشى ئۆتدىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىردە ئاچ قىلىپ ئوزۇق ئىزدەپ يۈرگەن بىر لاچىن ئۇلارنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلپتۇ، لىكىن دەرەخ شاخلىرى بەك قېلىن بولغاچقا ئۇلارنى تۇتۇشقا كۆزى يەتمەپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ قورسىقى بەك ئچىپ كەتكەن بولغاچقا، بۇ نىيتىدىن يانماپتۇ ۋە قايتا_قايتا ھۇجۇم قىلىشقا باشلاپتۇ. بۇنىڭدىن قۇتىلالماسلىقنى بىلىپ يەتكەن تۇمۇچۇق قۇشقاچقا قاراپ « مەن ئۇنى ئازدۇرۇپ كېتەي سەن تۇخۇملىرمىزغا ياخشى قارا ناۋادا مەن قايتىپ كىلەلمىسەم سەن مىنىڭ تۇخمىمنى ئۆزەنىڭكىگە قىتۋال » دەپ ئۇچۇقچىلىققا ئۇچۇپتۇ ، لاچىنمۇ ئۇنى قوغلاپ كەينىدىن ئۇچۇپتۇ، ئۇ شۇ كەتكىگچە قايتىپ كەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇشقاچ ئۆز ئۇۋسىدىكى بىر تۇغۇمنى يەرگە چۈشرۋېتىپ تۇمۇچۇقنىڭ تۇخمىنى ئەكىپتۇ ھەمدە ئۇنىڭ دىگىندەك قىپتۇ. كۈنلەر شۇ تەرىقدە ئۆتىۋىرىپتۇ، تۇخۇملاردىن ئۇماقىنە قۇش باللىرى چىقىپتۇ ۋە ناھايتى تىز چوڭ بوپتۇ. ئانا قۇشمۇ ئۇلارنى ياخشى پەرۋىشلىرى بىلەن بېقىپۇ، كۈنلەر ئۈتۈپ ئايلار ئۈتۈپ قۇش باللىرى ئۇچۇرما بۇلۇپ سامادا ئەركىن پەرۋاز قىلغۇدەك بۇلۇپ قاپتۇ. ھەم بۇ بىر جۈپ قۇش باللىرى بىر_بىرنى ناھايتى ياخشى كۆرىپ بىر_بىردىن ئايرىيالماس بوپقاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى تۇمۇچۇق بالسى ئۆزنىڭ ئانا قۇشقاچ ۋە جۈپتگە بارا بارا ئوخشماي قىلۋاتقىننى سىزىپتۇ ۋە بۇنى ئانا قۇشتىن سۇراپتۇ، ئانا قۇش ھەممە گەپنى قالدۇرماي ئۇنىغا سۆزلەپ بىرىپتۇ، ئۇ ھەممە ئىشنى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن ئۆزدىن سەترەك ھەم ئۆزگە ئوخشاش يىقىملىق سايرىيامايدغان بۇ قۇشقاچلاردىن نۇمۇس قىلدىغان ئۇلارنى ياراتمايدغان بوپ قاپتۇ. ۋە ئۆزگە ئوخشاش جۈپ تىپىش ئۈچۈن كەتمەكچى بوپتۇ. لىكىن ئۆزنى جېندىن ئەزىز كۆردىغان قۇشقاچ بالسغا قانداق دىيشىنى بىلمەي ئۆزنىڭ ئانا تۇمۇچۇقنى ئىزدەيدغانلىقنى ئۆزنىڭ چۇقۇم قايتىپ كىلدغانلىقنى ئىيتىپتۇ، قۇشقاچ بالسى ئۇنى ھەر قانچە قىپمۇ ئۇ قارشىدىن ياندۇرالماي نۇرغۇن ۋەدلەرنى ئېلىپ قاپتۇ، تۇمۇچۇق يىراقلارغا كىتىپتۇ. نەچچە قارلار يىغىپ، نەچچە يامغۇرلار يىغىپ، نەچچە يىل ئۆتۈپ كىتىپتۇ. تۇيۇقسىز ھىلقى ئورمانلىقتىن ئىس تۈتەك كۆتۈرلىپ ئوت ئاپىتى پۇز بىرىپتۇ ھەم بىردەمنىڭ ئىچدە ھەممە نەرسە كۈلگە ئايلىنىپتۇ ھەم يەنە تۇساتتىن قاتتىق يامغۇر يىغىشقا باشلاپتۇ. بۇ يامغۇر شۇنداق يىغىپتۇكى پۈتكۈل يەرنى، سۇ دىڭىزغا ئايلاندۇرۋەتكىدەك قاتتىق يىغىپتۇ . شۇ دەقىقدە ھېلقى تۇمۇچۇق بۇ يەرگە كىلىپ قاپتۇ ۋە يامغۇردىن پاناھلانغۇدەك يەر تىپىش ئۈچۈن خارابىلىققا ئايلانغان ئۇرمانلىققا كىرپتۇ، ئۇنىڭ قېرلىقدىن پەيلىرى شالاڭلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ، كۆزلىرى نۇرسىز يامغۇردا ئاران_ئاران ئۇچالايتى ، ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى تۇيۇقىسز بىر نۇقتغا تىكىلىپ قاپتۇ ۋە بۇ ئۆزى چوڭ بولغان ئورمانلىق ئىكەنلىكنى ئەسكە ئاپتۇ، كۆزى تىكىلىپ قالغان نۇقتدا بۇلسا ئۇنى جىندىنمۇ ئەزىز كۆردغان قۇشقاچنڭ جەستى يېرىم كۆيگەن ھالەتتە كۆزلىرى يىراقلارغا ئۈمۈت ۋە ساداقەتتە باققان ھالەتتە ئىدى. تۇمۇچۇق ھەممىنى چۈشنىپ نۇرغۇن يىللار بۇرۇن ئۇ سەبى ئاشىقنى يالغان ۋەدىلەر ھەم سەخسىيەتچى ھىسياتى بىلەن مەن چۇقۇم قايتىپ كىلمەن دىگەن گېپنى ئەسكە ئاپتۇ. ۋە كۇزلىردىن ئختىيارسىز ئاققان ياشلىرى يامغۇرغا قېتىلىپ تۇپراققا سىڭپتۇ، سەخسيەتچى ۋە ھاكاۋۇرلىقتىن بۇ پاجىئەنىڭ كىلىپ چىققىندىن قاتتىق ئاراپلىنىپتۇ. ھەم شۇ تىكىلىپ قارغىنچە كۆزىنى قۇشقاچتىن ئۈزمەي ئازاپ بىلەن ۋاپاسىز يۈركى پارە_پارە بۇلۇپ ھەسرەتتە جان ئۈزۈپتۇ. يامغۇر توختاپ قۇياش ئىللىق نۇرنى بۇ ئۇرمانلىققا قايتدىن سېخىلىق بىلەن چېچىپتۇ. خارابلىققا ئايلانغان ئۇرمانلقتىكى كۈيۈپ كۈلگە ئايلانغان دەرەخلەردىن قايتىدىن ھاياتلىق نوتىللىرى كۆكلەپ چىقىشقا باشلاپتۇ.





1172 قېتىم كۆرۈلدى OYGaK ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-2 18:25:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-7 0:32:32 ئىتقاد
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن
2015-8-3 0:40:29 murat
waxe yez wetip sa san adax man den mu yah xe yezep sa san mu hili yut xep kap sa jima
2015-8-3 0:30:21 قەيسەر
bak yahxi yizliptu turmux qinlikni sipatlaptu turmixmizda akikatan muxundak ixlar yuz birdu kuxlar arkilik bu obraz janlik ipadinliptu
2015-8-2 23:55:29 arzugul
bu asarni bakla yakturdum ..togra qin muhabbat sadakat bilan guzal .dunya mihir muhabbatka sadakat bilan tolgay .koligizda dat barmisun .sawakdixim sizdin pahirliniman
2015-8-2 23:52:18 amanisa
hakikatan bak yahxi yizep tu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ