يىتىمنىڭ كۆز يېشى - 2- ھىكايە

يىتىمنىڭ كۆز يېشى


يۈسۈپ ئەخمەت


2- قىسىم


  -  شۇنداق قىلىپ بۇ بىر جان دۇنياغا كۆز ئېچۋىدى، تىگى تەكتىنى بىلمەيلا كۆردىڭىز ئاۋۇلارنىڭ غۇدراپ كەتكىنىنى، ئەجىبا دۇنياغا يىتىم بوپ توغۇلغانلىق بۇ بىچارىنىڭ خاتالىقىمۇ؟ تۇغۇلۇپ دۇنياغا يىتىم بولدىغۇ، بىچارە ئانىسىنى ئېمەلمىدىغۇ. يىتىملەر دەردىدە يىغلاركەن دۇنيا، دادىسى يۈزىنى كۆرەلمىدىغۇ ....

    ئايشەمخان ئانا ھەسرەتلىنىپ ئېغىر ئۇھ تارتتى، قادىر پالچىمۇ بالىغا قاراپ قانداقتۇر بىر خىيال ئىچىدە تېڭىرقاپ تۇراتتى.بالىنىڭ كۆزلىرى شۇ قەدەر قارا ۋە نۇرلۇق ئىدىكى كۆرگەنلا كىشىنىڭ ئامراقلىقى كەلگۈدەك ئىدى. :

    ـ بۇ بالىنى مەن تۇغۇتلۇق قىزىمغا ئېمىتكۈزۈپ بېرەي، سىز كۈندە ئىككى قېتىم ئەكىلىڭ قالغىنىغا بۇلماق يېگۈزۈڭ، مەن كۆرسىتىپ قوياي- دېدى تۇغۇت ئانىسى بولغان ئايشەمخان ھەدە كۈلۈپ تۇرۇپ! :

    ـ رەھمەت ھەدە ـ رەھمەت! سىز بولمىغان بولسىڭىز قانداقمۇ قىلاتتى بۇ بىچارە؟

    -بولدى ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ سىزمۇ بۇ بالىنى بېقىۋالمىغان بولسىڭىز كىملەرنىڭ قولىدا خار بولاتتى، سىزمۇ ياخشى ئادەم.

    ھەقىقەتەن قادىر پالچى ئاقكۆڭۈل تەكەببۇرلىقى يوق، يىتىم مىسكىنلەرگە ياردىمىنى ئايىمايدىغان، باي بولمىسىمۇ بايلاردەك، خوتۇنى يوق تايلاردەك ئەركىن ياشايتتى، ئۇ نېمىشقىكىن ئوتتۇز بەش ياشقا كىرىپ قېلىپمۇ ئۆيلەنمىگەن بولۇپ، ئاتا ئانىسى بالدۇرلا تۈگەپ كەتكەن ، بىر ئىنىسىدىن باشقا تۇققانلىرىنى ياۋۇز غالچىلار قەتلى قىلۋەتكەنىدى،شۇڭلاشقا ئۇ شىڭشىسەي باشلىق گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ تىزراق ۋەيران بولۇشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتەتتى، بىراق سىرتىغا چقارمايتتى. قادىر پالچىنىڭ بۇ نارسىدىگە شۇنچىلىك مېھرى چۈشۈپ قالدىكى ، ئۇنى دۈمبىسىگە تېڭىۋېلىپ نەگە بارسا بىللە ئېلىپ ماڭاتتى، ھاۋا ئىسسىق كۈنلىرى ئىسسىق ئۆتەپ كەتمىسۇن دەپ سىرتلارغىمۇ چىقماي، بۇ بوۋاق بىلەن سىردىشاتتى، ئۇنىڭدىن ئاتىسىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى سورايتتى، بىراق بوۋاق بىرلا كۈلۈمسىرەيتتى دە گەپنى تۈگىتەتتى.

      ئۇ ئۇزاق ئويلىشىپ بالىنىڭ ئىسمىنى ئابدۇللاھ قويدى، ئابدۇللاھ ياخشى بېقىلغاچقىمىكىن تېز چوڭ بولىۋاتاتتى، ئۇ ئۇچ ياشقا قەدەم قويغاندىن باشلاپ ئابدۇللاھنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشقا باشلىدى.ئابدۇللاھ زېرەك بولغاچقا تىزلا ساۋادى چىقىشقا باشلاپ تۆت ياشقا كىرگەندە كىتاپ ۋە قۇرئان ئوقۇيالايدىغان بولغاندا قادىر پالچى ئۆيدىكى گىرەمگە تىقىپ ساقلىغان كىتاپلىرىنى ئابدۇللاھقا بىر بىرلەپ ئوقۇشقا بەردى، ئابدۇللاھ بۇ كىتاپلارنىڭ تۈرتكىسىدە ھەق سۆيەر بولۇپ چوڭ بولىۋاتاتتى، قادىرپالچىنىڭ مەھەللىسى تاغدا بولغاچقا مەكتەپ يوق ئىدى ساۋاتلىقلارمۇ ئاز ئىدى. قادىر پالچى يىراقنى كۆرەر ئادەم ئىدى ،ئۇ مەھەللىدىكىلەردىن يۇشۇرۇن ئابدۇللاھنى جىسمانى جەھەتتىنمۇ تەڭ يېتەكلەپ ماڭدى، ئۇ يەتتەياشقا كىرگەندە ئۆز تەڭتۇشلىرىنى كۈچىمايلا يېقىتىۋەتكەچكە ئاتا ئانىلىرى چىقىپ ئۇنى ھارامدىن بولغان يىتىم ، ساقلاندى !دىگەندەك ھاقارەتلەر بىلەن ھاقارەتلىدى . شۇڭلاشقا ئۇ باشقىلارنىڭ باللىرى بىلەن ئوينىغىلى چىقمايتتى.     ئابدۇللاھ ئون ياشقا توشقاندا قادىر پالچى بىر كۈنى ئابدۇللاھنى يېنىغا چاقىرىپ ئانىسنىڭ قەبرىسىگە ئاپاردى ۋە :

     ـ ئوغلۇم بۇ سېنىڭ ئاناڭنىڭ قەبرىسى،  مەن سېنىڭ داداڭ ئەمەس مەن سېنى بېقىۋالغان، ئاناڭ سېنى توغۇپ بولۇپلا ئۆلۈپ كەتكەچكە سېنى مەن بېقىۋالغان ئىدىم دېدى، ئابدۇللاھ شۇنچىلىك قەيسەر چوڭ بولغان ئىدىكى تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە يېغلاپ باقمىغان بولۇپ،  بىر قېتىم گۆش يەيمەن دەپ سول قولىنىڭ بىر بارمىقىنىڭ ئۇچىنى پىچاق ئۈزۋەتكەندىمۇ يېغىلىمىغان ئىدى. ئۇ ئانىسىنىڭ قەبرىسىدىن بىر سىقىم توپىنى ئالدى دە يۈرىكىگە بېسىپ تۇرۇپ ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يېغلىدى، ۋە ئۆزىنى قادىر پالچىنىڭ قوينىغا ئاتتى،

    - دادا! قېنى ئېيتە دادامچۇ؟

      قادىر پالچى ئايشەمخان ھەدە سۆزلەپ بەرگەننىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماستىن ئابدۇللاھقا سۆزلەپ بەردى. ئابدۇللاھ مۇشلىرىنى چىڭ تۈگۈپ :

    -مەن ئابدۇللاھ شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى،  ئانام ئۈچۈن قىساس ئالىمەن ! بارلىق خەلىق دۈشمەنلىرىگە قارشى جېنىمنى پىدا قىلىمەن!

     قادىر پالچى ئابدۇللاھنىڭ ئىش تېرىپ قويىشىدىن ئەنسىرىدى :

    -ئوغلۇم ئۇلار كۈچلۈك بىز تەڭ كېلەلمەيمىز چوڭ بولغاندا بىر گەپ بولسۇن ھە؟

   ئۇ ئابدۇللاھنىڭ قولىدىن يېتلىگىنىچە قەبدرىدىن ئايرىلدى، بالا ئانىسىن ئايرىلىشقا قىيمىغاندەك ئارقىغا يېنىش -يېنىشلاپ قارىغان پېتى قەبرىدىن ئايرىلدى...





1085 قېتىم كۆرۈلدى baxlamqi ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-6 2:10:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-13 9:59:36 شەكىلەم
مەن بۇنى ئ‍وقۇپ بەك تەسېرلەندىم ھەركېمنىڭ بالېسىنى ئ‍اتا ئ‍انىسىدىن ئ‍ايرېمىسۇن
2015-10-12 19:45:23 nurimangul
mawu asarnig kayni tehi yollanmidimu ,,
2015-10-12 0:16:05 ئـــــايــــدىــــــل
ئاخىرسى بارمۇ يا بۇ ئەسەرنىڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ