پاك قىز قەلبى - ھىكايە - تەسىرلىك

‏ ‏پاك قىز  قەلبى - ھىكايە

 

يازغۇچىلار تورىدىن ئويغاق يازمىسى

 

 قىز ياتاق ئۆيىدە كىتاب ئوقۇۋاتاتتى. تۇيۇقسىز قىزنىڭ تىلفۇنى سايراپ كەتتى. ئۇ تىلفۇننى ئېلىپ: ‏

   -ئەسلامۇ ئەلەيكۇم -دىدى.

 قارشى تەرەپتىن سادا كەلمىدى.  ‏قىز قايتىدىن:

   -كىم سىز ؟ -دەپ سورىدى، بىر ھازادىن كىيىن بىر يىگىتنىڭ

   -‏ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام- دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ‏

قىز:

    -سىز كىم بولىسىز ؟-دەپ سورىدى.

 ‏يىگىت:

    -مەن ئەلى.

 ‏قىز :

    -ھە،سىز قايسى ئەلى ؟بىرەر ئىش بىلەن تىلفۇن قىلغانمۇ؟- دەپ سورىدى.

‏يىگىت:

    - سىز مىنى تونۇمايسىز.  لىكىن مەن سىزنى تونۇيمەن. سىزگە دەيدىغان بىر گىپىم بار ئىدى ،دىسەم بولارمۇ ؟

 ‏قىز:

    -ھە بولىدۇ، دەڭ -دىدى.

 ‏يىگىت قىزدىن سورىدى:

   - سىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان يىگىتىڭىز بارمۇ؟.

 ‏قىز :

   -بار.

يىگىت:

    -ھە، ئۇ كىم؟ دەپ سورىدى.

‏قىز:

   -مىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان يىگىتىم دادام، ھالال جۈپتۈم بولغۇچە دادامدىن باشقىسى ماڭا ئارتۇقچە- دەپ جاۋاپ بەردى. ‏

يىگىت:

    -ئەمىسە سىزنىڭ دەردىڭىزگە دەرمان بولغۇدەك سىردىشىڭىز بارمۇ ؟ دەپ سورىدى.

‏قىز :

   - ئەلۋەتتە بار، مىھرىبان ئانام بىلەن كېچىنى ، كۈندۈزگە ئۇلاپ سىردىشىمىز، ماڭا ئانامدىن ئارتۇق سىرداش بولسۇنمۇ؟!

 ‏يىگىت يەنە سورىدى:

   - سىز بىلەن بىللە ئوينايدىغان سىزنى خۇش قىلالايدىغان سىزگە كۆيىندىغان دوستىڭىز بارمۇ؟

 ‏قىز :

-بار، ئاكام مىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم، مەن تۇغۇلۇپ تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوينايمىز، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسام دائىم شۇنچە خۇشال بولىمەن. ئۇ مىنىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىقىمغا ياردەم قىلىدۇ. ئاغرىپ قالسام ماڭا قارايدۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق دوست بولماس.

 يىگىت ئۈمۈتسىزلەنگەن ھالدا بوش ئاۋازدا :

   -ئەسلى مەن سىزنى ياخشى كۆرەتتىم، لىكىن سىزنىڭ قەلبىڭىزدە مىنىڭ ئورۇن ئالغۇدەك يىرىم يوق ئوخشايدۇ دىدى.

‏قىز :

   -قەلبىمدە پەقەت بىرلا ئورۇن بار، مەن ئۇ ئورۇننى كەلگۈسىمدىكى ھالال جۈپتۈم ئۈچۈن پاك ھەم ساپ ساقلاپ كىلۋاتىمەن. قەلبىمدىكى بۇ چوڭقۇر ئورۇن پەقەت شۇ كىشگە مەنسۇپ.

 ‏يىگىت سورىدى:

   - ئۇ ئورۇننى قانداق ئادەمگە بەرمەكچى سىز ؟ ‏

قىز:

   -ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن مەن بىلەن تەڭ جەينامازغا باش قويالايدىغان، ئەجداد ئىزى بىلەن قەدەم باسالايدىغان، مىللىتىمنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان، ھالال تېپىپ ھالال يەيدىغان يىگىتكە ؛

 ‏يىگىت يەنە سورىدى:

    -سىزنىڭچە سىزگە ھەقىقەتەن شۇنداق يىگىت ئۇچرارمۇ ؟

 ‏قىز:

   -پاكلىقىم ھەم ساپلىقىم بىلەن كۈتكەنلىكىم ئۈچۈن ماڭا چوقۇم شۇنداق يىگىت ئۇچرايدۇ-دىدى.

 ‏يىگىت:

   -ھە بىلدىم، ئەگەر مەن سىز دىگەندەك بولسام قەلبىڭىزدىكى ئۇ ئورۇنغا ئىرىشەلەمدىم؟

‏قىز:

   -ئاللاھ تەقدىر پىشانىمىزنى بىر قىلغان بولسا ئىرىشەلەيسىز.

 ‏يىگىت:

   -مەن تىرىشىمەن، ئاللاھقا ئامانەت- دەپ تىلفۇننى قويىۋەتتى. ‏

ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ قىز بىر يىتىم ـ يىسىرلار مەكتىپى ئاچقان ساخاۋەتچى بىر يىگىتكە ياتلىق بولدى. توي كىچسى يىگىت قىزنىڭ قۇلىقىغا:

- مەن كۆپ تىرىشتىم، سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى ئورۇنغا ئىرىشەلدىممۇ؟ -دەپ سورىدى.

‏قىز  يىگىتكە ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپ ئۈچ يىل ئىلگىرى تىلفۇندا بىر يىگىتكە دىگەن گىپىنى ئىسىگە ئالدى دە يىگىتكە قاراپ تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەپ، بوش ئاۋازدا:

- ‏مەن پاكلىق ۋە ساپلىق بىلەن سىزنى كۈتۈپ كەلگەن ئىدىم، سىزنىڭ قەلبىمدىكى ئۇ ئورۇنغا ئىرىشەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنەتتىم -دىدى.





1419 قېتىم كۆرۈلدى oYGaK ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-15 19:37:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-13 5:10:43 guzal aslima
bak .ak bak yahxi yizliptu ..aptornig koliga datr tagmisun.
2016-4-4 18:47:16 arzu
anqa yahxi amaskan
2016-1-6 14:47:02 谢娜
asar hakikatan bak yahxe yizliptu…… manmu ruhsetesegezla qambirkimga yolliwattim。 berak bizga xubqa taser kilgini bilan xu kogli kara kaliplire kuluplaklik bandelaganig kanqilikiga taser kila…… ensap basun…… kolliregezga dat kammusun
2015-12-14 2:21:42 ئ‍ويغان
ۋەقە لىكى راسمۇ ياكى توقۇلمىمۇ بىلەلمىد ىم ئ‍ەمما ئ‍ەسەر مەزمۇنى شۇنداق ياخشىكەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ