لېتىپ رازىق 1947-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى كەلپىن ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .1967-يىلى سابىق قەشقەر سىفەن ئالى تېىنىكومى تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنى پۈتتۈرۈپ ،1981-يىلىغىچە خوتەن ۋىلايەت لوپ ناھىيىسىدە ۋە خوتەن ئالى سىفەن تېخنىكومىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان .1981-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 9-ئايغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچى ،مۇئاۋىن ئىلمى مۇدىر ،ئىلمى بۆلۈم پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ سېكىرتارى بولۇپ ئىشلىگەن. 2007-يىلى 9-ئايدا پىنسىيىگە چىققان .ئالى لېكتور .
1979-يىلىدىن باشلاپ ھەر قايسى گېزىت-ژورناللاردا ھېكايە ،پوۋىست ،كىنو سىنارىيىسى ،دىرامما ،نەسىر ،شېئىر قاتارلىق ژانىرلاردا 100پارچىگە يېقىن ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. ھەمدە «ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى» ،«جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمى جەمئىيىتى» ،«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيىتى» ،«ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى» قاتارلىق جەمئىيەتلەرگە ئەزا بولغان ،تۆت پارچە كىتاۋى نەشىر قىلىنغان. (ئىككى پارچىسى بىرلەشمە توپلام)
|