كۆرۈش: 1178|ئىنكاس: 0

ئېزىز ساۋۇت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
untitled.bmp
     ئېزىز ساۋۇت 1943-يىلى ئاقسۇ شەھرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1959-يىلى قەشقەر يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىنى پۈتتۈرۈپ، ئاقسۇ شەھرى ۋە ئۇنسۇ ناھىيەسىدە، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كادىرى، ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1980-يىلى 10-ئايدا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدىنى-مائارىپ ئىدارە قارمىغىدىكى ئىجادىيەت ئىشخانىسى، ئاقسۇ ئەدەبىياتى«ئۇيغۇرچە» تەھرىر بۆلىمىگە كېلىپ، 1997-يىلى 11-ئايغىچە تەھرىر ۋە تەھرىر بۆلۈم مۇئاۋىن مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەپ، شۇ يىلى پىنسىيىگە چىققان.
     ئېزىز ساۋۇت ئەدەبىي ئىجادىيەتنى 1958-يىلى باشلىغان بولۇپ،ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «مۇھەببەت ناخشىسى»، «مىدالىئۇن»، «گاچا قىزنىڭ قەلبى»، «ئالتۇن يەردە قالمايدۇ»، «گۈزەللىك يۇلتىزى»، «ھەسەل سېتىۋېلىش»....ھىكايە-پوۋىست توپلاملىرى. «ئەمىر تۈمۈر كوراگان ھەققىدە قىسە»، (چاغاتاي-ئۇيغۇرچىسىدىن تەرجىمە نەشرگە تەييارلىغان ئاقساق تىمۇرنىڭ تارىخى)، «مەسنىۋى خاراباتى»، «دىۋان قارى» ....قاتارلىق ئۇيغۇرچە كىلاستىك ئەدەبىياتىغا دائىر مەشھۇر ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلىغان ۋە ھەر قايسى نەشرياتلار تەرىپىدىن كىتاپ قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.«ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى»، «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»، «ئۇيغۇر خەلق مەسەل، ماقال-تەمسىلىرى» (ئايرىم 3كىتاپ)، شىنجاڭ خەلق نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
    «گاچا قىز»، «سەھرالىق قىز»، «تۇنجى سەپەر»، «ياق، ئۇ پاك قىز»....قاتارلىق 15پارچىدىن ئارتۇق ھىكايىلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، مەركەز مىللەتلەر ئەدەبىياتى، شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى، ئاقسۇ ئەدەبىياتى، (تارىم ئەدەبىيات)...قاتارلىق خەنزۇچە ئەدەبىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.
   كۆپلىگەن ھېكايە، پوۋىستلىرى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، «تارىم»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»....قاتارلىق ئەدەبىي ژورناللارنىڭ تەشكىللەنگەن مۇكاپاتلاش پائالىيەتلىرىدە ئەدەبىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
   يېقىندا ئۇنىڭ مەركىزى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «نۇرخان ئاچام» ۋە «ۋاپادار ئىت» ناملىق راست ئىشلار خاتىرىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى كىتابنى نەشر قىلىدى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش