مۇھەممەدتوختى ئەھمەد 1947-يىلى10-ئاينىڭ 26-كۈنى چېرا ناھىيەسىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلغىچە ئۆز ناھىيەسىدە دىنىي ھەم پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ،1977-يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر دېھقانچىلىق قىلغان. 1978-يىلى 3-ئايدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتونىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىغا قۇبۇل قىلىنىپ،1983-يىلى 2-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،قاراماي شەھەرلىك رادىئو ئىستانسىسىدا مۇخبىر،تەھرىر،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدا كاتىپ، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكۇمى گېزىت-ژورنال تەھرىراتىدا بۆلۈم مەسئۇلى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بۇلۇپ ئىشلەپ، 2003-يىلى 3-ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان.
مۇھەممەد توختى ئەھمەد 1964-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى‹‹خوتەن گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان‹‹ۋەتىنىم››ناملىق شىئېرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەندىن بۇيان، ئۇنىڭ ھەردەرىجىلىك گېزىت-ژورناللاردا 2500پارچىدىن ئارتۇق شىئېر، ھېكايە، نەسىرلىرى، 100پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىي-ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن باشقا،‹‹جانان بىلەن ئېيتقان ناخشىلار›››‹‹تارىم ساھىلىدا››قاتارلىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان. ‹‹بۇلبۇل ناۋاسى››، ‹‹مۇھەببەت لېرىكىرى››،‹‹قامچا››قاتارلىق ئون نەچچە توپلامغا ۋە قازاقىستان جۇمھۇريىتى ئالمۇتا‹‹يازغۇچى››نەشىرياتى 1990-يىلى نەشىر قىلغان‹‹تەڭرىتاغ سادالىرى››توپلىمىغا بىر تۈ*ركۈم شىېئرلىرى كىرگۈزۈلگەن. بىر تۈ*ركۈم ئەسەرلىرى دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن ھەم ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن.
ئۇ ھازىر جوڭگۇ ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى.