ئەسقەرجان ئەزىز1971- يىلى مەكىت ناھىيىسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسىدا زىيالى ئائىلىسە تۇغۇلدى.1989 - يىلى يەكەن سىفەن مەكتىۋىنىڭ خەنزۇتىلى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، مەكىت ناھيىسىنىڭ قۇرمايېزا ۋە تۈمەنتال يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئۇقۇتقۇچىلىق قىلدى ۋە ناھيىلىك سۇئىشلىرى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلدى.2001- يىلىدىن كىيىن ناھيىلىك پارتىكوم تەشكىلات بۈلۈمىدە ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئەسقەرجان ئەزىزنىڭ 1993-يىلى «ئۈرۈمچى كەچىلىك گېزىتى» دە « ھەسەتخان داۋالانسۇن» نامىلىق فىلىيەتۇنى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىنكى ئوننەچچەيىل مابەينىدە« تارىم» « يېڭى قاشتېشى» « شىنجاڭ ياشلىرى» « تارىم غۇنچىلىرى» قاتارلىق گېزىت- ژورناللار دا « تۇماندا قالغان كەنىت » قاتارلىق 70پارچىدىن ئارتۇق پوۋىسىت- ھېكايىسى ( بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ پارچە خەنزۇچە يازغان ھېكايىسى ئېلان قىلىندى)، يۈزئەللىك پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمەئەسىرى ۋە يۈزپارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ھۈىسىنخەت ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى