كۆرۈش: 719|ئىنكاس: 0

باۋۇدۇن ھەسەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
untitled.bmp

باۋۇدۇن ھەسەن، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر، 1959-يىلى قاراشەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1983-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتى خەنزۇ تىلى (تەرجىمە) كەسپىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن، 1983-يىلى 10-ئايدىن ھازىرغا قەدەر كورلا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرجىمە بۆلۈمىدە ئالى تەرجىمان.
   كۆپ يىلدىن بۇيان «بوستان» (ھازىر «كىروران»غا ئۆزگەرتىلدى)، «تارىم»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «بايىنغولىن گېزىتى»، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «دۇنيا ئەدەبىياتى»، خەنزۇچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «كۇڭچۆخې»، «كورلا كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا نۇرغۇن ھېكايە، پوۋىست، نەسىر، نەزەرىيىۋى ماقالە قاتارلىق ئىجادىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 ئۇرۇش»، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج پائالىيىتى»، «ئامېرىكىنىڭ پەخرى ـــ روزۋېلىت»، «تۇغۇلغان كۈن سوۋغاتلىرى» (12 قىسىم)، «ئايىم قىزلار»، «شوتلاندىيەنىڭ ئايال پادىشاھى مارى»، «دىراكولا»، «جۇڭگو تارىخىي ھېكايەتلىرى » (1-،2-،3-توم) ، «جۇڭگو ۋە چەت ئەل خەلق چۆچەكلىرى»، «جۇڭخۇا ئەقىل-پاراسەت ھېكايەتلىرى» قاتارلىق 20 نەچچە پارچە كىتابنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى.

ئۇ 3-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش