ئەكبەر جاپپار دەردى 1966 - يىلى سېنتەبىردە قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىنىڭ لەنگەر يېزىسى كونا ئۆستەڭ كەنتىدە زىيالىي ئائىلسىدە تۇغۇلغان . ھازىر قەشقەر ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ( زەھەر تاشلاتقۇزۇش ) ئورنىدا ئىشلەۋاتىدۇ .
ئەكبەر جاپپار دەردى 1985 - يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ ھازىرغا قەدەر 2000 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە ، شىئېر ، نەسىر ، ئىلمىي نەزەرىيىۋى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان 10 پارچىگە يېقىن ھەر خىل ئەسەرلىرى تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن .« بەدەل » « ئوق» نامىلىق ھېكايە ، شائىرلار توپلىمى ۋە « مەشھۇر شەخسلەرنىڭ قانۇن ۋە جىنايەت توغرىسىدا ئېيتقانلىرى» نامىلىق ھېكمەتلەر توپلىمى نەشىر قىلىغان . ئۇ ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .