كۆرۈش: 802|ئىنكاس: 0

ئابدۇشۈكۈر راشىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   201112319270112.jpg

ئابدۇشۈكۈر (ئابلىز) راشىدىن  1968-يىلى12-ئاينىڭ28-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە خىزمەتچى  ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1995 - يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ  ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتىتى پۈتتۈرگەن.  1996-يىلى «قەشقەر گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە تەخسىم قىلىنىپ،  مۇخبىرلىك ۋە  تەھرىرلىك قىلغان. 2000-يىلىدىن بۇيان ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ  «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسى باش مۇھەررىر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى،   باش تەھرىر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تارقىتىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. 2005-يىلى يىل ئاخىرىدا «قەشقەر گېزىتى» مۇخبىرلىك –ئالاقىچىلىك مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە كاندىدات ئالىي مۇخبىر ئۇنۋانىغا ئىگە.
   ئۇنىڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ « چارىباغنىڭ چاكىرى»، «لەنگەردە ئىگىلىك تىكلەۋاتقانلار»، «ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت» «ئابلىز نۇرەكنىڭ ئارزۇسى رىئاللىققا ئايلاندى» ،« دوزاققا تۇتاشقان يول» ،« نىكاھ بىلەن ئويناشماڭ، ئويلاشماستىن تويلاشماڭ» ،«ئانا-دادا سىلەر نەدە»,«توي باغىقىدىن تۇغۇلغان ئويلار »قاتارلىق  60 پارچىغا يىقىن ئاخبارات ئەسىرى مەملىكەت، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك تۈرلىك ئاخبارات مۇكاپاتىغا  ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا  ئۇنىڭ دەر دەرىجىلىك گېزىت- جۇناللاردا 700 پارچىدىن ئارتۇق شىېر، ھېكايە، نەسىر، ئەدەبىي ئوبزورلىرى ئېلان قىلىنغان ھەمدە  «دۈم –دۈم» ،«ھىجران كۈيلىرى» قاتارلىق 10 نەچچە پارچە ھېكايە ۋە شىئېرلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ژۇرناللار تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان، بىر قىسىم شېئرلىرى خەنزۇچىغا  تەرجىمە قىلىنغان . بۇنىڭدىن باشقا ئۇ فوتوگىراپلىق بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 3000 پارچىدىن ئارتۇق ئاخبارات سۈرەتلىرى ۋە بەدىي سۈرەتلەرنى ئېلان قىلدۇرغان ، بىر قىسىم   ئاخبارات سۈرەتلىرى مەملىكەت ۋە ۋىلايەت بويىچە 1-، 2-، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەندىن باشقا ئۇنىڭ  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى  نەشرىيات تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان « ئوتلۇق سۆيگۈ»،«تاللانغان روبائىيلار»،«زەرەپشان چېچەكلىرى»،«ئوقۇتۇش تەتقىقاتىدىن ئۆرنەكلەر»قاتارلىق  ئالتە پارچە بىرلەشمە توپلامغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن ۋە شۇ كىتابلارنى تۈزۈشكە قاتناشقا،« باج باشقۇرۇش قانۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار سۇئال –جاۋابلار »،« شانلىق 70 يىل» قاتارلىق تۆت پارچە كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىك ۋە كوررىكتورلۇقىنى ئۈستىگە ئالغان.
    ئابدۇشۈكۈر (ئابلىز) راشىدىن 2007 -يىلى ئۇ مىللەتلەر- دىن ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان «جۇڭگو مىللەتلىرى» نەشرىياتى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئاپتور» ،2006-يىلى « مۇنەۋۋەر ئوقۇرمەن»دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەندىن باشقا  قەشەر ۋىلايىتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئاخبارات خادىمى، « قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسى بويىچە كۆپ قېتىم «ئىلغار خىزمەتچى» ، «مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى »،«مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە خىزمەتچىسى» ، قەشقەر شەھىرى بويىچە« تەشۋىقات خىزمىتىدىكى مۇنەۋۋەر شەخس»،  
   ئۇ ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك شىىئېرىيەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش