كۆرۈش: 1077|ئىنكاس: 0

ئابدۇرېھم ئابدۇللا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
20111231913062011121115141.jpg

ئابدۇرېھم ئابدۇللا،  1954-يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۇنى لوپ ناھىيسىنىڭ  سامپۇل يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق قول ھۇنەرۋەن ئاىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . باشلانغۇچ – تۇلۇقسىز -تۇلۇق ئوتىرا  مەكتەپلەرنى ئانا يۇرتىدا تاماملاپ ، 1976- يىلى قاراماي نىفىتلىگىگە كىلىپ، 1985- يىلغىچە قاراماي بۇرغىلاش تىرانسىپوروت شىركىتىدە  ئاپتۇمبىل رىمىنۇتچىلىغى ، قوغداش بۇلۇمى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان .1985-يىلدىن 1987-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىيە مەكتىۋىدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەندىن كىيىن 2000- يىلغىچە، قاراماي بۇرغىلاش شىركىتىدە ئىلگىرى- كىيىن بۇلۇپ تەشۋىقات بۇلۇم كادىرى، شىركەت تەشۋىقات بۇلۇمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، شىركەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنڭ مۇئاۋىن رەيئىسى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان . 2000-يىلدىن ھازىرغىچە غەربى رايۇن بۇرغىلاش-چارلاش شىركىتى قاراماي بۇرغىلاش شىركىتى پارتىكۇم – مەمۇريەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلمەكتە .
   ئابدۇرېھىم ئابدۇللا 1979-يىلدىن باشلاپ يېزىقچىلىق ساھاسىگە قەدەم قويغان بۇلۇپ ،ھازىرغىچە 3000 پارچىدىن ئارتۇق ئاخبارات ئەسىرى ۋە فۇتو سۇرەتلىرى ، 200پارچىدىن ئارتۇق ئۆچرىك ، نەسىر ۋە بەدىئي سۇرەتلىرى قاراماي ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكى تۇرلۇك گىزىت –ژورناللاردا ئېلان قىلىندى . 1989-يىلى ‹‹ سۆيگۇ رىشتى ›› ناملىق ھېكايىسى ‹‹ قاراماي ئەدەبىياتى ›› ( ھازىرقى ‹‹ مايبۇلاق ›› ) ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە، ‹‹ مايبۇلاق››، ‹‹تارىم ››، ‹‹ كىرورەن ›› ‹‹ شىنجاڭ ئىختىزات گىزىتى ›› ، ‹‹ئىشچىلار ۋاقىت گىزىتى›› ، ‹‹ شىنجاڭ نىفىت گىزىتى ›› قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 50 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە – پۋىسىت- نەسىرلىرى  ئېلان قىلىندى .
‹‹ ئۆمەرنىڭ كارامىتى ››،‹‹ئۇتۇنۇش ››، ‹‹ قۇنالغۇدا ››، ‹‹ جەرەن رېۋايىتى ››  قاتارلىق ئەسەرلىرى  ھەر قايسى نەشىرياتلار تەرپىدىن مۇكاپاتلاندى . ‹‹ قۇنالغۇدا ›› ،‹‹ جەرەن رېۋايىتى ›› ھېكايىللىرى ئىلگىرى – كىيىن بۇلۇپ قاراماي ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەسىس قىلغان ‹‹ قارا ياقۇت ›› مۇكاپاتىغا ئىرىشتى . بىر قانچە ھېكايە – پوۋىست –نەسىرلىرى  ‹‹ چۆلدىكى تۇنجى چىراق ››، ‹‹ ئۇنتۇلماس چاغلار ›› ،‹‹ قۇياش نۇرى ئاستىدا ›› ، ‹‹ بۇمۇ مۇھاببەت ››، ‹‹ سۆيگۇ نىدالىرى ›› قاتارلىق ئەدەبى توپلاملارغا كىرگۇزۇلدى . 2008- يىلى ‹‹ جەرەن رېۋايىتى ›› ناملىق ھېكايە- پوۋىستلار توپلىمى  شىنجاڭ ئونۋىرسىستىتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى .
  ئابدۇرېھم ئابدۇللا ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى . قاراماي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمىيتى ۋە قاراماي شەھەرلىك ئاخباراتچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى .



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش