ئىگىسى: ق.سىدىق

قاسىم سىدىق:جەزمەن كۆرۈڭ!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-6-25 11:51:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بار تېمىنى يوللىغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر ،بولسا بۇ تېمىنى جەمىيەتتىكى ھەممە كىشى كۆرگەن بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى  ھە،،،،،،،،،،بەلكىم جەمىيىتىمىزدىكى بەزىبىر ناچار ئىللەتلەر ،ناچار قىلمىشلارتۈزەلگەن ،ئادەملەر دىلى مىھرى-مۇھەببەت تولغان بولاتتى  

ۋاقتى: 2013-7-17 07:15:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ لېكسىيەنى      2011 -يىلى ناھىيەمىزدىكى خەنزۇ مەكتەپلەر ئىچكىرىدىن ئادەم تەكلىپ
قىلىپ سۆزلەتكەن چاغدا ئاڭلىغان ئىدىم .بۇ قېتىم توردىن كۆرۇپ تېخىمۇ ھاياجانلاندىم .بۇ لېكسىيەنى سۆزلىگەن گۇلباھار خانىمغا ۋە بۇ تېمىنى ھەر قايسى تور بەتلىرىگە يوللىغان قاسىم سىدىق ئاكىغا رەخمەت .مەن بۇ لېكسىيەنى توردىن كۆرگىنىمگە يەنەئۆزۇم بىلىدىغان تەسىرلىك ھىكايىلەرنى قوشۇپ ناھىيەمىزنىڭ شارائىتىغا ماسلاشتۇرۇپ ناھىيەمىزدىكى خەيرىيە مەكتەپتە سۆزلەپ بەك ياخشى ئۇنۇمگە ئېرىشتىم .ئويلىغىنىمدىنمۇ بەكرەك ياخشى بولدى .

ۋاقتى: 2013-9-9 18:11:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز گۈلباھار ئەخمەتنىڭ بۇ نوتۇقىنى بۇ يىل 6- ئايدا مەكتىۋىمىزدىكى ھەر قايسى سىنىپلاردا يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق قويۇپ بېرىۋىدۇق نى- نى كەپسىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ بۆركىرەپ يىغلىۋەتتى. نوتۇقنىڭ ئۈنۈمى كىيىنكى كۈنلەردە ھەقىقەتەن كۆرۈلدى.

ۋاقتى: 2013-9-10 00:27:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكسىيىنى ئاڭلاۋېيىپ ،راس گىپىمنى دىسەم كۆز يېشىمنى توختىتالمىدىم . ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلىك ، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور بولغان بىر لىكسىيە بوپتۇ.لىكسىيىنى يازغۇچى، سۆزلىگۈچى  گۈلباھار ئەھمەت مۇئەللىمگە بولغان  ھۆرمىتىم ،قايىللىغىم چەكسىز بولدى. بۇ لىكسىيىنى مۇنبەرگە يوللاپ ، بىزنى ئاڭلاش ، كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان قاسىم ئەپەندىنىڭ قولىنى چىڭ سىققۇم كەلدى. لىكسىيىنى ئاڭلاپ ،تەسىر قىلمىغان كىشىنى ،ئەقلى نورمالسىز دەپ پەرەز قىلساق بولىدۇ. بۇ لىكسىيىنى بالىلىرىمىز (ئوقۇغۇچىلار) ،ياشلار ھەتتا چوڭلارمۇ چوقۇم بىر قېتىم ئاڭلىشى كىرەككەن.  بۇ لىكسىيىنى پىلاستىنكا قىلىپ ئىشلىسىمۇ ئەرزىيدىكەن. بۇ لىكسىيىنىڭ خەۋىرىنى دوسلىرىمىزغا، تۇنۇش بىلىشلەرگە تەشۋىق قىلايلى قېرىنداشلار! ئاڭلىغۇچىلارمۇ مىننەتدار بولۇپ قالىدۇ.

ۋاقتى: 2013-9-15 22:21:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ لىكسىيەنى قاراقاش 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە سۆزلەشتىن بىر كۈن بۇرۇن بىزنىڭ مەكتەپتە ( يەنى قاراقاش ناھىيلىك 1 -ئوتتۇرا مەكتەپ ) سۆزلىگەن ئىدى ، باشتىلا  قارىسام  نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار يىغلاپ كىتىپتۇ ، ئۆزۈمگە  قارىسام مەن ئۇلاردىن ئاۋال يىغلاپ بوپتىمىەن .  لىكسىيە ئاڭلىغان پۈتۈن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى ، ئىشچى - خىزمەتچى ھەم ئاتا - ئانىلار تاكى لىكسىيە ئاخىرلاشقانغا قەدەر يىغلاپ چىقتى ،  بۇ لىكسىيە ئارقىلىق ھەممە لىكسىيە قاتناشقۇچىلىرى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە بولغان ئىدۇق ، بۇ لىكسىيەنى باشقىلارنىڭمۇ ئاڭلاپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش