ئەنۋەر مۇھەممەت (ئەرتۇغ)1967-يىلى ئۆكتەبىردە باي ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلسىدە تۇغۇلغان،ئالى تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە .
ئەنۋەر مۇھەممەتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىدا باشلانغان بولۇپ،ئونىڭ تۇنجى شېئىرى « كەلگىن ئوماق سىڭلىم›› 1984-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان ، شۇنىڭدىن بۇيان ،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت، ئەدەبىي ژورناللاردا ھازىرغا قەدەر « ئايدىڭ كېچە ›››،« ھاياتىم››، «خۇدا ئالدىراش›› قەلىمىمنىڭ ئۇچىدا يۈرەك›› قاتارلىق 300پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان ، « شىنجاڭ گېزىتى ›› ھەم «تارىم›› ژورنىلى تەرپىدىن شەرەپ،يادنامىلەرگە ئىرىشكەن ، «يۈرەكسىز سۆيگۈ››،‹‹غايىپ بولغان قەھرىمان›› ‹‹ شائىرانە باي››(خەنزۇچە) قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن . ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .