ئەدەبىي پائالىيەتلەر ئەلبۇمى(18)
ئالتاي، چۆچەك سەپىرى
بۇلتۇر بىر قېتىم مەمتىمىن ھوشۇر، ئالىمجان ئىسمايىل ئاكىلار بىلەن تاماق يەپ ئولتۇرۇپ، ئالىمجان ئاكىنىڭ چۆچەكتىن 16 يېشىدا ئوقۇشقا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغان يۇرتىغا قايتا بېرىپ باقمىغانلىقى ھەققىدە پاراڭ بولۇپ قالدى. (ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن ئىكەن) مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىمۇ ئالتايغا بېرىپ باقمىغانلىقىنى پۇرسەت بولسا بىر بېرىپ كېلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئىزھار قىلدى. تاماق ئۈستىدە ئابلىكىم ھەسەنمۇ بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھارۋىسىنى (ماشىنىسى) قېتىپ خىزمەتتە بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەيدىسىنى «تېشىۋەتكىدەك» ئۇرۇپ تەييار بولدى.
تۆۋەنكى سۈرەتلەر ئەنە شۇ سەپەردىن قالغان خاتىرىلەردۇر.
ئالتايدىكى شارىپقان قەبرىسىنىڭ ئالدىدا
مەمتىمىن ھوشۇر: ـ ئالتاينىمۇ كۆردۇق، ئەمدى ئۈرۈمچىگىلا قايتامدۇق - يا؟
ئابلىكىم ھەسەن: (تولىمۇ خىجىلچىلىق بىلەن) ـ قايتساققۇ بولاتتى، ئەمدى ئالىمجانكامنىڭ يۇرتىنى «تاۋاپ» قىلىدىغان ئىشى...
مەمتىمىن ھوشۇر: ــ مېتورىت دەپقۇ ئاڭلىغان كۆرمەپتىمەن دىسە...
ئالتايدىكى ساۋاقداش ۋە دوستلار بىللەن بىللە
مانا بۇ ـ ئۇلۇنگۇر كۆلى
چۈشلۈك تاماقنى ناھايىتى «بېخىللىق» بىلەن بېرىۋاتقان تۇرسام، ئالىمجانكام ئەلۋەتتە رازى بولمايدۇ - دە...
بىز دۆربولجىنگە بارماقچى ئىدۇق. ئابلىكىمنىڭ ئېتى «ئېپقېچىپ» يولنى خاتا مېڭىپ تارباغاتاي تاغلىرىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كەتتۇق.
ئىككى سائەتلىك يولنى يېرىپ كۈندە مېڭىپ تاغدىن چۈشكەندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ چىرايىدا كۈلكە پەيدا بولدى
ئازراق تۇرمۇشمۇ ئۈگۈنىپ قويايلى - دە...
چۆچەكتىكى بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ئادىل ئابدۇراخمان ئاكا بىزنى باقتۇ چېگرا ئېغىزىغا ئېلىپ چىقتى
ئادىل ئابدۇراخمان: ـ ئالىمجانكا! سىز مانا مۇشۇ ئەتىراپتا تۇغۇلغان.
ئالىمجانكام «ھە...ھە!» دەپ قويغان بولسىمۇ، بىر نەرسىنى ئاڭقىرغاندەك ئەمەس ئىدى.