كۆرۈش: 857|ئىنكاس: 0

ئابدۇناسىر يۇنۇس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
untitled.bmp

   ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايى 1972- يىلى 12 - ئاينىڭ 20- كۈنى قەشقەر يوپۇرغا ناھىيە سېيەك يېزا كالتايلاق 1- كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .1989 -يىلى 7-ئايدا قەشقەر يېزا ئىگىلىك تېخنىكوم  مەكتىۋىنىڭ ئۆسۈملۈك ئاسراش كەسپىنى پۈتتۈرۈپ  ناھىيىلىك دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. 1996-يىلدىن 2005-يىل 12-ئايغىچە يوپۇرغا ناھىيە ئاچچىق يېزىسىدا خىزمەت قىلغان.2005-يىلى 12-ئايدىن ھازىرغىچە يوپۇرغا ناھىيىلىك پارتكوم يېزا خىزمەت ئىشخانىسىدا (قۇشۇمچە ناھىيىلىك ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش ئىشخانىسىدا) ئىشلەۋاتىدۇ
    ئۇ 1995-يىلى«قەشقەر ئەدەبىياتى»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان « قەبرىگە كۈمۈلگەن سىرلار» نامىلىق ھېكايىسى بىلەن  ئەدەبىي ئىجادىيەت سىپىگە قۇشۇلغان بۇلۇپ ھازىرغا قەدەر «چاپانشال رېستۇرانى»،« ياقا يۇرتتىكى ئىشلار »،« سىرلىق ئېلاھ »،« مەڭگۈلىك روھ » ،  « پىۋاخۇمار »، « نىقاپلانغان سۆيگۈ »،« بىر تال قىزىل گۈل »، «ئۈنسىز نېدالار»،«قىشلىق سۇ»، «ئەرنىڭ باغرى»،«سۇمبۇل چاچلىق قىز»،«قارا ئۈششۈك»،«چىرايلىق ئايال»، «سەۋدا»،«كۆك كۆزلۈك ئۈزۈك»،«ئۇ،يەنىلا بالىلىرىمنىڭ دادىسى»،«بوۋاي ۋە تۇپراق»،«دېھقانسىز دۇنيا»،«سۇمبۇل چاچلىق قىز»،«يەرنىڭ قەرزى يوق»، « خەير دۇنيا ، خەير -خوش ئادەملەر »،« ئاھ ، ساخاۋەتلىك دۇنيا»،«پىنھان سىرلار »،« ئاھ،شۇ كۈنلەر »، «زىمىستاندىكى چوغ»، «بەخت ئىزدەش»، «مامۇت سەپرا»،«سەمەندەرنىڭ ئوتى»، «ياشسىز يىغا»،«كونا ئۆتۈك»، «تۈندىكى سايە»،«گۇمان»قاتارلىق ئاتمىش پارچىدىن ئارتۇق پوۋېسىت، ھېكايىلىرى «جوڭگۇ مىللەتلىرى»، «شىنجاڭ مەدەنىيتى»،« تارىم »،«تەڭرىتاغ»،« قەشقەر »،« يېڭى قاشتېشى»،«ئىلى دەرياسى»، «تۇرپان»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان
ئۇنىڭ«ئەرنىڭ باغرى»نامىلىق ھېكايىسى 2008-يىلى 17- نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
1998-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن «دېھقانچىلىقتىكى يېڭى تېخنىكىلار » دىگەن كىتابى نەشىر قىلىنغان .
2010-يىلى9- ئايدا «نىقاپلانغان سۆيگۈ» نامىلىق تۇنجى ھېكايىلار توپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.






كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش