كۆرۈش: 819|ئىنكاس: 0

ئەنۋەر ئابلەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    untitled.bmp

     ئەنۋەر ئابلەت (شەيدائى) 1962-يىلى 2-ئايدا يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ سېيەك يېزا ئاقتىكەن 3 -كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1968- يىلدىن 1978- يىلغىچە باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇقىغان. 1981-يىلى يوپۇرغا سىفەن مەكتىۋىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە قاتناشقان. 1983- يىلى 9- ئايدىن 1985- يىلى 7- ئايغىچە قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتوتىدا تىل- ئەدەبىيات پەنلىرى بۇيىچە بىلىم ئاشۇرغان.1985 - يىلى 9- ئايدىن 1988- يىلى 8- ئايغىچە سېيەك يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1988- يىلى 8- ئايدىن 1999- يىلى 6- ئايغىچە يوپۇرغا ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا ئىشلىگەن. 1999- يىلى 6- ئايدىن 2005- يىلى 8- ئايغىچە ئاچچىق يېزىسى ۋە ئەشمە بازىرىدا مۇئاۋىن يېزا باشلىغى، خەلق قۇراللىق بۆلىمىنىڭ باشلىغى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.2005- يىلى 8- ئايدىن بۇيان يوپۇرغا ناھىيىلىك سىياسى كېڭەشتە ئىشلەپ كەلمەكتە.
    ئەنۋەر ئابلەت شەيدائى 1981- يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ھازىرغا قەدەر «جوڭگۇ مىللەتلىرى»، «تارىم»، «قەشقەر»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «قەشقەر گېزىتى»، «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا «ھايات قەسىدىسى»، « يۈرەكتىكى پىنھان ناخشىلار»، «قاتار چاي»، « ھايات تەبىرى»،     « ئاھ، كۆزلەر» قاتارلىق ئالتە يۈز پارچىدىن ئارتۇق شىئىر، نەسىر ۋە ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدى. بىر تۈ*ركۈم ئەسەرلىرى «خەزىنە»، «مەسەللەر غەزىنىسىدىن»، «جانان بىلەن ئېيتقان ناخشىلار»، «يۈرەكسىز سۆيگۈ»، «ئاق يۆگەك»،  «شائىرلار مۇنداق دەيدۇ» «پاكلىق ھەققىدە ھىكمەتلەر» «تاللانغان روبائىلار»، «يوپۇرغا ناۋاسى»،« يومۇرلار» قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلدى.
     ئو ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ«جۇڭگۇ خەلق چۆچەكلىرى توپلىمى شىنجاڭ تۇمى يوپۇرغا قىسمى ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» نى تۈزۈش تەھررىلەشكە «پاكلىق ھەققىدە ھىكمەتلەر» نامىلىق كىتاپنى تۈزۈشكە، يۇپۇرغا تارىخ ماتىرىيال لىرىنىڭ 2-3-4- توپلاملىرىنى تۈزۈش تەھرىلەشكە قاتناشقان.
     ئۇنىڭ « تۇپراق قەسىدىسى»، «ھەسرەت يالدامىسى»، « سۆيگۈ»، «ئۇيغۇر قىزى»،  « مەن ئۆزەمنى تاپقان مۇشۇ كوچىدىن» سەرلەۋىلىك ئەسەرلىرى ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە قەشقەر ۋىلايىتى ئويۇشتۇرغان تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 2- ۋە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئىرىشتى.
     ئەنۋەر ئابلەر شەيدائى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش