مېنىڭچە يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزا بولۇش شەرەپلىك ئىش ھەم مەسۇلىيىتى زور ئىش.سالاھايەت ئەلۋەتتە موھىم.مېنىڭچە نەتىجە يارىتىش ئاساسى مەخسەت قىلىنغىنى تۈزۈك.بىر قىسىم قەلەمكەشلەرنىڭ تىرىشىپ بۇ جەمىيەتكە ئەزا بولۇپ،بىرقانچە يىلغا بارمايلا نامدا بار ئەزاغا ئايلىنىپ قېلىشى......خېلى كەڭ سالماقنى ئىگىللەپ قېلىۋاتىدۇ.يازغۇچىلار جەمىيىتى ئەزا قوبۇل قىلىشتا ئۆتكەلنى چىڭ تۇتقان بىلەن ئەزالارنىڭ ساپاسىنى ساقلاش ...تاسقاش ،شاللاش ...،مەسىلىسىدە ئويلىشىدىغان، تەدبىر كۆرىدىغان يەرگە يەتتى. يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئەزالىرى 3 يىلدا ياكى 5 يىلدا بىر قېتىم تاسقىلىدىغان،يېڭىلىنىدىغان ئىش يوقمۇ ؟ يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزا بولۇش مەخسۇس ئۆمۈر بويى شەرەپتىن،ئىمتىيازدىن ،ئېتباردىن بەھرىمەن بولىدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ! نەتىجىسى،ۋە پەقەتلا رولى،تىرىشچانلىقى بولمىغانلارنى چېكىندۈرۈش،يېڭى ئەزالارنى جانلىق قۇبۇل قىلىش،ئەزالارنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش....قاتارلىق تەرەپلەردە يېڭى دەۋىرگە لايىق ئۆلچەم بارلىققا كېلىشى كېرەك ئىدى.
|