ئەركىن روزى 1967- يىلى توغۇلغان بولۇپ ، 1985- يىلى 9- ئايدىن 1990- يىلى 6- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى ئىنىستىتوتېدا ئوقۇغان.ئالىي مەكتەپتىكى چېغىدا شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتې ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.
1990- يىلى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتېيى دائىمىي كومىتىتىدا ئىشلىگەن. 2004- يىلى 10- ئايدا بىر تۇتاش ئەدىلىيە ئىنتھاندىن ئۆتۈپ، ئادۋۇكاتلىق سالاھىتىگە ئىرىشكەندىن كىيىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ ئادۋۇكات بولغان.ھازىر شىنجاڭ «مەشئەل ئادۋۇكاتلىق ئورنى»نىڭ قانۇنى ۋەكىلى، «پەرىشتە» ئانىلارنى تەربىلەش مەركىزىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى .
ئەركىن روزىنىڭ ھازىرغىچە 300 پارچىدىن ئارتۇق شىئېرى ئېلان قىلىنغان.《بۇيەردە كىيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار》، «قۇتۇلۇش يولى»قاتارلىق بەش پارچە كىتابى نەشىر قىلىنغان .