يەكەن ناھىيسى ئاتاغلىق مائارىپشۇناس، داڭلىق ئوبزورچى، يالقۇن روزىنى يەكەن ناھىيسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا لىكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى
يىقىنقى يىللاردىن بىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىنى ياخشلاشنى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ياخشىلار، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشنى مۇھىم ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ كەلگەن يەكەن ناھىيسى نۆۋەتتە ئوقۇتقۇچىلاردا خىزمەت بىسىمىنىڭ ئىشىپ كىتىش سەۋەپلىك كىلىپ چىققان چۈشكۈنلۈك، خىزمەتتىن زىرىكىش، كەيپىياتىنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن 7- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن12- كۈنىگىچە ئاتاغلىق مائارىپشۇناس، داڭلىق ئوبزورچى، يالقۇن روزىنى تەكلىپ قىلىپ ئوقۇتقۇچىلارغا 6 مەيدان لىكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللىدى.
يالقۇن روزى ئۆز لىكسىيەسىدە يەكەن ناھىيسىدىكى ھەرمىللەت ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپ خىزمىتىگە ئۆزىنى بىغىشلاش، ئوقۇتقۇچىلار ئۆز پىسخىكىسىنى قانداق تەڭشەش، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى، دەرىسخانا ئوقۇتىشىنى قانداق ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا جانلىق مىسال ۋە پاكىتلىق سۆز ئىبارىلەر بىلەن پىكىر بايان قىلىپ لىكسىيەگە قانتاشقان ئۈچ مىڭغا يىقىن ئوقۇتقۇچىنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى. ئاخىرىدا يەنە يالقۇن روزى يەكەن ناھىيسىدىكى ھەرمىللەت ئانىلارنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن يەكەن مۇقام تىياتىرخانىسىدا بىر مەيدان لىكسىيە سۆزلەپ يەكەن ناھىيسىدىكى مىڭ نەپەردىن ئارتۇق ئايال خىزمەتچىلەر، ئاياللار خىزمەتچىلىرى ۋە بىر قىسىم شەھەر ئاياللىرىغا ئىناق ئائىلە بەرپا قىلشتىكى ئايالارنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىق توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلىدى. لىكسىيە جەريانىدا يەنە كىتاپخۇمار ئوقۇتقۇچىلار تەتقىقاتچى يالقۇن روزىنىڭ مائارىپ تەتقىقات كىتاۋىنى بەس- بەستە سىتىۋىلىپ ئىمزا قويۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدى.
نۇرمۇھەممەد ئايۇپ خەۋىرى
ئەسلى سۈرەتلەر بارىدى، يوللاشنى بىلمىدىم. ياردەم قىلىڭلار.
|